چىرايلىق يۇرىت ئىكەن . ياش ، گۈدەك ۋاقىتلىرىمدا گۇچۇڭلۇق بىر قىز بىلەن
qq دا مۇھەببەتلشىپ ، كۆيدۈق ، پىشتۇق دېيىشىپ كۆرۈشكىلى گۇچۇڭغا
بارغان .
ئەخمەق بولۇپ يۈرۈپتىمەن ئەسلىي ...
شۇ يەردە ئىككى ھەپتە تۇرغان ئىدىم . بىر پىنسىيەگە چىققان ئەر ـ ئايال
مۇئەللىم ئاچقان كىتابخانا بار ئىكەن . بەزىدە ئاشۇ يەرگە كىرىپ كىتاب
ئالاتتىم ۋە كىتاب كۆرەتتىم . تولىمۇ ئاقكۆڭۈل ، مىھرىبان كىشىلەر ئىكەن .
بەزىدە ئۆي تامىقى يىگۈڭىز كەلگەندۇ دەپ تاماق ئېتىپ بېرەتتى .
ۋاقتىڭىز چىقسا ، ئۇلارغا مەندىن سالام ئېيتىپ قويۇڭ ! لىكىن ئىسمىنى
سورىۋالماپتىكەنمەن . گۇچۇڭدا ئۇيغۇر ئاچقان كىتابخانا كۆپ ئەمەس.
چۇقۇم تاپالايسىز . ئۇ كىتابخانا بىر تار كۇچىدا ، ئۇلار ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى
بولغان ئىكەن ...