kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 07:14 PM
پىرى شەش ھال ئۆزگەچە،ھالى مۇلاقەت ئۆزگەچە. ...
ئەسسالامئەلەيكوم بۇرادەر ، ئۇستازىڭىز ئىككىڭلارنى كۆرۈپ ، چوغلاننىڭ <<جاللات خىنىم >> رومانىدىكى غوجا ئىشانلارنىڭ مەنزىرلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى ، گەرچە تارىخي مەلۇماتلار ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆچ بولساممۇ ، لىكىن سىزلەرنىڭ بۈگۈنكى دەۋرگىچە يىتىپ كەلگىنىڭلارغا بىر خىل ھەيران بولىمەن ، سىزدىن بىر نەچچە سوئال سورىغىم كىلىۋاتىدۇ ؟
1. سىز قايسى سۈلۈكتىن ؟ 2. سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز شۇ پىر ئىشانلارغا مۇرتمىدى ، سىز ئاتا ئانىڭىزنىڭ تەسىرىدە بۇ يولنى تاللىغانمۇ يا ئۆزىڭىز تاللىغانمۇ ؟ 3. سىزنىڭ تىلىڭىز شۇ قەدىمىي تىل بويىچە چىققانمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن شۇ قەدىمىي تىلنى ئىشلىتىسىلەر ؟ياكى تەلقىنلەرنى كۆپ ئوقۇغاننىڭ تەسىرىمۇ ؟ 4. ھازىر يەنە ئاشۇنداق كۆيدۈم پىشتىم دەيدىغان مۇرتلاردىن قانچىلىك ئەتراپتا بار ؟ يەنە ئىككى سۈلۈك ئوتتۇرىدا سۈركىلىش بارمۇ ؟ 5. جاللات خىنىم رومانى ياكى باشقا ماتىرياللاردا غوجا ئىشانلارنى سۈكىدۇ ، ئۇلارنى ھەرخىل تىللايدۇ ، بىزنىڭ تەرەەقىياتىمىزغا ئەڭ زور توسالغۇلارنى ئىلىپ كەلگەنلەر دەيدۇ ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ سىلەرنىڭ چوڭلىرىڭلارنىڭ قالدۇرغان ماتىرىياللىرىغا ئاساسەن ئۇ ماتىرىياللار ئىشەنچىلىكمۇ ؟ 6. مۇشۇ تەرەققىي قىلغان ئىنسانلارنىڭ ئىڭى زور دەرجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مۇشۇ دەۋردە سىز شۇ غوجا ئىشانلاردىن گۇمانلىنامسىز ؟ بۇ يولدىن چىقىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ ؟
سوئاللىرىم مۇشۇنچىلىك ، ئەگەر ۋاقتىڭىز سوئاللىرىمغا تەپسىلىيرەك جاۋاب بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، باياقى ئۇستازىڭىز جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ .