مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرزادە: مۆشۈكياپىلاق قاراۋاتىدۇ(شېئرلار ۋە ھېسپۈتۈكلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85952
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 11:35:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بۇ ئادەم بىلەن ئاز تولا ئاداۋىتىڭىز بارمۇ نىمە؟ خەقنىڭ ئۆزبەك دېگەن بىر چىرايلىق ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋالامسىز ھەقانچە بوسىمۇ!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulher + 10 نومۇسسىز نېمىكەنسەن !!.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57513
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4102
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 12:51:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بەزى ئىنكاسلارغا نىمە دېيىشنى بىلمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 11:01:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھام ۋە تەنقىدىي پىكىرلەرنى بەرگەن دوستلارغا رەھمەت. ئارىدا داۋامىنى يولايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 11:59:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېسپۈتۈكلەر
بەدىنىمىز بىز ياشاۋاتقان مۇھىىتىكى مىكروپلاردىن ئاستا-ئاستا يۇقۇملانغان كەبى تەپەككۇرىمىز چىرىگەن ئۇقۇملارنىڭ، ئاتام ئېيتقان بايقىغا ئايلانغان شەرھىلەش مېتودلىرىنىڭ، ۋاشاڭ قىلىنغان ماۋزۇلارنىڭ نەتجىسىدە زەخمىلىنىدۇ؛ ئەقلىمىز قارام ھۆكۈملەر ۋە توكسىنلىق تونۇشلارنىڭ يىغىندا تەسىرىدە بۇلغىنىدۇ. خاتا تونۇشلارغىمۇ ئەلگەك كېرەك.

داۋامى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85952
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 01:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنە ئۆزبەك دېسەم ئۇنىمايسىلەر، ئۆزىمۇ گەپ قىلماپتىغۇ ئۇيغۇرزادە!

مەن ئىسىم ئۆزگەرتتىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48628
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4572
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 01:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانچە بولسىمۇ ئىملاغا دىققەت قىلىڭلار، يەنە مۇشۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلىۋەرسەڭلار ھېچقايسىڭلارنى ئاياپ قويمايمەن

مەن ئىسىم ئۆزگەرتتىم، شۇڭا قەستەن باشقا ئىسىمدا كىردىمىكىن دەپ خاتا چۈشەنمەڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 05:31:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېسپۈتۈكلەرنىڭ داۋامى

___ ئىنسان رىقابىتى ئادەت رىقابىتىدۇر.
___ تارىخ بىر جادودۇر؛ ھەر بىر مەھكۇم ئىنساننىڭ تەقدىرى ئاشۇ جادودا توغراپ تاشلانغان كاللىلارنى ئەسلىتىدۇ.
___ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرگۈچىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر بولسا مۇسبەتكە دۇچ كېلىشى، بىر بولسا  پۇتلىىشپ يىقىلىشى ياكى ئورىغا چۈشۈپ كېتىشى كېرەك. بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى يېشىلمەيدۇ.تۈركلەرنىڭ "مىڭ نەسھەتتىن بىر مۇسبەت ئەلا" دېيىشى بىكار ئەمەس.
___دۇنيادا بەكمۇ شېرىن،ئەمما بىمەنە بىر لەززەت بار. ئۇ بولسىمۇ بىلمەسلىكنىڭ لەززىتىدۇر؛ دۇنيادا ئادەمنى ئاۋۋال بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈپ ئاندىن ھەسرەتكە باشلايدىغان بىر تۇيغۇ بار. ئۇ بولسىمۇ قالتس پىكىردىن كەلگەن بىلىش تۇيغۇسىدۇر. شۇڭا "تەۋرات" تا بىلگەنسىرى "ئازابىڭ كۈچىيىدۇ" دېيىلىشى بىكار ئەمەس.
داۋامى بار

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
cholpan + 108 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 05:36:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داۋامى

___بىر پۇتى ئىپتدائىي جەمئىيەتتىن كۆتۈرۈلمىگەن ئادەملەر چوڭ سەكرەپ ئىلگرىلەپ كېيىنكى مودىرنىزملىق تۇرمۇش شەكلى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئېسلىپ قالدى. زەنجىرسىمان ئاسارەتلەر، توقۇناق كىرزىسلار ئاشۇ جەرياندا پەيدا بولدى. بۇ كىرزىسلەر بىرەر يۈز يىل ئچىدە ھەل بولمايدۇ.
___ئىلغار مەدەنيىتىمىزگە پۈچەكلىك ئۇرۇقى تېرىۋاتقان غەلدەغەشچىلەر، مېنىڭ سەنلەرگە گەپ قىلغۇم يوق. لېكىن، مېنىڭ بالام كەلگۈسىدە چاكىنا مەدەنيەتلەرنى زامانۋىيلىق دەپ ئومۇملاشتۇرغان سەنلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن بىر جامائەت چەمبىرىكى ئىچىدە ياشايدۇ.  بالامنى مۇشۇنداق زۇغۇيلۇق، ئالدامچلىق  قاپلاپ كەتكەن؛ يۇمشاق دەسسەپ ياشاش سالماقلىق دەپ چۈشنىلىدىغان؛ ئادەمنى  ساختپەز بولمىسا ياشغىلى قويمايدىغان جەمئيەتنىڭ قوينىغا يالغۇز تاشلاپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلىسام ئەپسۇسلىنىمەن. شۇڭا ھېچبولمىغاندا بوغۇلۇپ كەتكەن ئاۋازىم بىلەن سەنلەرگە "ياق" دەپ ۋارقىراش ھوقۇقۇم بار. چۈنكى، سېنىڭ زامانىۋلىق، مەدەنىيەت دەپ قوبۇل قىلىۋاتقىنىڭ مەدەنىيەت ئەمەس، ئەخلەتتۇر. 21-ئەسىر ئوتتۇرلىرىدا ئۇستا بىر ئۇيغۇر تارىخچىسى چىقسا مەن ئاشۇ تارىخچىنىڭ "ئۇيغۇرلارنىڭ 100يىللىق ئەخلەت قوبۇل قىلىش تارىخى" دەپ بىر كىتاب يېزىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 05:40:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
___ تور  ئەخلاقى قانداق ئەخلاقتۇر؟ ھەر بىر تورداش ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەمنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشىنى كۈتىدىغان، توشقانچە ياشاش ئەۋزەل دەپ چۈشنىلىدىغان بىمەنە ئەخلاقتۇر. بۇنىڭغا يەنە "بۇ يەردە مەنمۇ بار" ئەخلاقىنى قوشۇپ قويۇش كېرەك.

___ئەدەبيات بىلەن جەمئيەتشنۇناسلىقنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئالدىنقىسى ئېستېتكا، سەنئەت باھانىسدە خام خىيال، ئەپسانە يارىتىپ كشلەرنى كۆنگەن رېئاللىققا داۋاملىق ماسلىشىپ ياشاشقا ئۈندەيدۇ. كېيىنكىسى ئاشۇ ئەپسانىگە، ئاشۇ خام خىيالغا جەڭ ئېلان قىلىپ كۆنگەن رېئاللىققا سوئال قويۇشنى ئۆگىتىدۇ؛ تراگېدىيەنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. تراگېدىيە ئەلۋەتتە ئېتوتتەك ھۇزۇرلۇق ئەمەس. شۇڭا جەمئيتشۇناسلىققا قىزىقىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئادەمدىن كۆپ ئاز بولىدۇ.
___ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈۋاتقان بىر  بىر مەھكۇم ئىنسان قالتىس بىر ياشىۋەتكەندىن كېيىن نېمە قىلىدۇ؟ رايشىلىق بىلەن، بەجاندىللىق بىلەن روھ ئۆلتۈرۈش مەشقىگە قاتنشىدۇ.

___ تېلۋېۋزىيە ئىستانىىسىى؟؟؟ھىم!!!توغرىسسى، خام خىيال ئشىلەپچىقىرىش ئىستانىىسسى دەڭ.

___بۇنداق بىر جەمئىيەتتە رومانتكىلىق قىلىش  دېگەن نېمە؟ جەڭ مەيدانىدا قاتار ياتقان ئۆلۈكلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ بەخىرامان ئۇسسۇل ئويناشىتۇر.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
cholpan + 59

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6072
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8479
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 08:48:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
___ئەدەبيات بىلەن جەمئيەتشنۇناسلىقنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئالدىنقىسى ئېستېتكا، سەنئەت باھانىسدە خام خىيال، ئەپسانە يارىتىپ كشلەرنى كۆنگەن رېئاللىققا داۋاملىق ماسلىشىپ ياشاشقا ئۈندەيدۇ.

سىزنىڭ مۇشۇ ئېيتىلمىڭىزغا قوشۇلغۇم پەقەت كەلمەيۋاتىدۇ.

بىراق ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش