babur99 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 08:10 PM
شۇڭا بىز نىيوتۇننى مۇسۇلمان دىيەلمىسەكمۇ ،بىراق ئۇنى ...
شۇڭا بىز نىيوتۇننى مۇسۇلمان دىيەلمىسەكمۇ ،بىراق ئۇنى ئۆزىنى تەڭرى ئورنىغا چىقىرىۋالغان دەپ مۇنداق زور گۇناھ بىلەن ئەيىبلەشكە نىمە ئاساسىمىز بار؟
ئەجەبا نىيوتۇن تەڭرىنى چىللاپ كەلگەن دىگەندەك مۇجىمەل بايانلارنى ماقالىلىرىدا ئىشلەتكەن باشقا ئاپتورلارنىڭ شۇ گەپلرى نىيوتۇننىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟--شۇنداق،ۋەكىللىك قىلالايدۇ،يەنى بارلىق ماددىلار سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلىدۇ،كۇچ دىگەن نىمە؟ بىز جىسىمنىڭ يەنە بىر جىسىمغا بولغان تەسىرى كۇچ دىيىلىدۇ،فىزىكىدا روھنىڭ جىسىمغا بولغان تەسىرى كۇچ دىيىلمەيدۇ،دىمەك سائەتنى نيوتوننىڭ ھەرىكەت قىلدۇرغانلىغىنى تەھلىل قىلىپ تاپقىلى بولىدۇ،فىزىكا كىتاپلىرىنى تۇزگۇچىلەر بۇ مەزمونلارنى قىسقارتىپ ئالغان،
مېنىڭچە تەبىئىي پەنلەرنى شۇنچە تەتقىق قىلىپ ،پۈتكۈل كائىناتنى بىر قۇردەت ئىگىسى تەڭرىنىڭ كونترۇل قىلۋاتقانلىقىنى ئىتراپ قىلغان نىيوتۇن كەبى ئالىملار ھەرگىز ئۆزنى تەڭرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويمايدۇ.--نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرغان ۋاقىت 1985يىلى،پۇتكۇل كائىناتنى بىر قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ياراتقانلىغىنى ئېتىراپ قىلىپ نۇرغۇن كىتاپ يازغان ۋاختى 1710-يىللاردىن كېيىنكى ئىش،ئارىلىقتىن 25يىلدىن كوپەرەك ۋاقىت ئوتۇپ كەتكەن ،قاراڭ،49ياشلىق ئادەم بىلەن 74ياشلىق ئادەمنىڭ دۇنياقارىشى ئوخشاش بولامدۇ،بىزنىڭ شىنجاڭدا 49ياشلىق پارتىيە ئەزالىرى بىلەن 74ياشلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەركىتى ئوخشىمايدۇ،
2.سۇئالىم: ئوقۇغان چاغلىرىمىزدا نىيوتۇننىڭ «مېنىڭ مۇۋەپپىقيەت قازىنشم دەل
گىگانىت كىشلەرنىڭ مۈرىسىدە تۇرغانلىقىمدا»دىگەن ئەقلىيەسىنى ئوقۇغان ئىدۇق.
ئەلۋەتتە كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پەندىكى ھەرقانداق نەزىريە ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ تالاي ئەسىرلەر ئىزدىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. نىيوتۇنمۇ بۇ ئەقلىيەسى ئارقىلق بۇنى ئىتراپ قىلغان. بىراق ئۇنىڭ مۋەپپقيىتى پۈتۈنلەي گوكنىڭ تەتقىقات مېۋىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلۋېلىش بەدىلىگە كەلگەن دىيىش ئادىللىقمۇ ؟ ئۇنىڭ پاكىتىچۇ؟ نىيوتۇننىڭ ئازراقمۇ ئەمگىكى ،قان-تەرى يوقمۇ؟--بۇنىڭ جاۋابىنى دولىتىمىزنىڭ {ھەقىقەت ئەلچىسى}دەپ نام ئالغان فاڭ جوزىنىڭ{ئېينىشتىنيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ }دىگەن كىتاۋىنىڭ 23-بېتىدىن كۇرگەيسىز،بۇنىڭدا نيوتونننىڭ باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىنىڭ بۇرۇنقى باشلىغى گوكنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى كوپ مىختاردا ئوغۇرلاپ ئىشلەتكەنلىگىگە ئائىت نۇرغۇن دەلىللەر ،گۇمانلىق نوختىلار كۇرسۇتۇلگەن،ھەتتا دېففېرىنسىئال-ئىنتىگىرالنىمۇ شۇنداق قىلغان،يەنى نيوتون گېرمانىيە ماتىماتىكا ئالىمى لېيبىگنىزغا دېففىرىنسىئال -ئىنتىگىرالنىڭ نەزىريەسىنىڭ ئۈزىگە كوپ ياردىمى تەككەنلىگىنى بىلدۇرپ خەت يازغان،بۇ خەتنىڭ مەزمونى 2007يىلى دولىتىمىزدىكى بىر ژورنالدا ئاندىن ئېلان قىلىنغان،لېكىن شۇ يىللاردا نيوتون بۇ ئىشنى تەكشۇرۇدىغان بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ،بۇنىڭغا پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلىپ،گېرمانىيە ئالىمى لېيبىگنىزنى ئوغرى دەپ ئىسپاتلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېيبىگنىز ئۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن يەنە نيوتون باشقىلارنىڭ نامىدا ماقالە ئېلان قىلىپ لېيبىگنىزنى ئوغرى تىللىغان،مەسىلەن،بابۇر 99سىزنىڭ ھەقىقى ئىسمىڭئىز ئەمەس،سىز مۇشۇ ئىسىمدا گېزىت -ژورنال يۇزىدە ماقالە ئېلان قىلسىڭئىز بۇ مۇمكىن ئەمەس،توردا بولىۋېرىدۇ،سىزمۇ بۇ توردا ناھايىتى ئىلمى سۇئاللارنى قويۇپسىز،رەخمەت،
3.سۇئالىم: سىزنىڭ نىيوتۇن ئۆزىنى تەڭرى قىلىۋالغان دىگەن يەكۈنىڭلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوقۇم ماركىس- ئىنگىلىس كەبى تەڭرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان تەلىماتنىڭ پېشۋالارنىڭ پەلسەپىسىدىن پايدىلنىشىڭلارنى قانداق چۈشىنىمىز؟ --ماركس تەڭرى يوق دىگەن،ئېنگىلسمۇ تەڭرى يوق دىگەن،دولىتىمىزدىكى 65مىليون پارتىيە ئەزاسىمۇ خۇدا يوق دەيدۇ،پۇتۇن شىنجاڭدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىمۇ خۇدا يوق دەيدۇ، پارتىيە ئەزالىرى بەلكىم سىز ئىشلەۋاتقان ئىدارىدىمۇ بار،ھازىر پۇتۇن دۇنيادىكى نەچچە مىليون فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسىمۇ خۇدا يوق،نيوتون دەل خۇدا دىگەن شۇئارنى بىلىپ-بىلمەي ئىچىدە تاۋلاپ يۇرۇپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭغىمۇ 4ئەسىر بولۇپ قاپتۇ،ھازىرقى كېمبىرىجنىڭ نەزىريەۋى فىزىكا ئالىمى سىتىفون خوكمۇ خۇدا يوق دىگەن، يەنى{ خۇدا يوق}نەزىريەسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازغان كىتاپلىرى ئەڭ بازارلىق كىتاپلار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،بۇنى قوللايدىغان نەچچە مىليون دىننى مۇرىتلارمۇ ماركىسنى خۇداغا ئىشەنمىگەن دەيدۇ،لېكىن بۇ نەزىريەۋى فىزىكا ئالىمىنى بىر نىمە دىمەيدۇ،ماركس ئۇز نەزىريەسى ئارقىلىپ پۇل تاپالمىغان،سىتىفېن خوك نۇرغۇن پۇل تاپقان،سىزنىڭ بۇ يەردىكى قارىشىڭئىز پۇل تاپالىغانلىكى نەزىريە ياخشى نەزىريە دەپ قارىلىدۇ،دىگەن نوختىنى كۇرسۇتۇپ بېرىدىكەن،يەنە كېلىپ خۇدا يوق دەيدىغان ئادەم دەپ ماركىسنى تۇتۇۋالماڭ،بۇنىڭدا پىكىرىڭئىزنى بوغۇپ قويىسىز،سىزنى باشقۇرىۋاتقان كومپارتىيەمۇ خۇدا يوق دەيدىغاندۇ -ھە،توردا سىزنىڭ ئادىرسىڭئىز بېرىلمەپتۇ،لېكىن سوزىڭئىزنىڭ ئورامىدىن پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلغانلىغىڭئىزنى بىلگىلى بولىدىكەن،بىزنىڭ نيوتون ۋە نيوتون تەرەپدارلىرى بىلەن بولغان پەرقىمىز شۇكى،نيوتون تەڭرى ئەمەس،ئالەم سىرتقى روھنىڭ ئەمەس،بەلكى ئىچكى كۇچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلغان،
3-سۇئالنى سورىشىمدىن مەقسەت ، سىلەرنى كەمسىتىش ياكى باشقا يامان نىيەت يوق ، ئەركىن پىكرلىك كىشلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممەيلەننىڭ قانداق ئىتقادتنى تاللاش ھوقۇقىمىز بار. بىلمەكچى بولغىنىم پەقەت ، نىيوتۇننى تەڭرىلىك دەۋاسى قىلغان دەپ كۈچەۋاتقان سىلەرنىڭ نېمىشقا يەنە بىر تەڭرىنى ئىنكار قىلغۇچى تەلىماتتىن پايدىلانغىنىڭلارنى چۈشەنمىدىم . چۈنكى مەلۇم تەلىماتنى توغرا دەپ قارغانلىق شۇ تەلىماتقا ئىتقاد قىلغانلىق بولىدىغانلىقى ھەممىمىز بىلىدىغان ھەقىقەتقۇ؟ شۇڭا سۇئالىمدىن خاپا بولماي ، ئىلمىي جاۋاپ بەرگەيسىز.---بۇنىمۇ ياخشى سوراپسىز،بىز داۋاتقان ماركىسىزىم تېخى ئېلان قىلىنمىغان ماركىسىزىم،ماركىسىزىمنىڭ يېڭى تەرەقىياتى،بۇنىمۇ تۇلۇق پۇتكەناە ئېلان قىلىمىز،قاراڭ بابۇر99ئەپەندىم،،نيوتون قانۇنلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرسىگە قارىسىڭئىز بۇ ھەرقانداق دىننىڭ تەسىر كۇچىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ،مەسلان،دولىتىمىزدە دىنغا ئېتىقات قىلىش ئەركىنلىگى بار،لېكىن 9يىللىق مەجبۇرى مائارىپتا بالىلارغا نيوتون قانۇنلىرىنى مەجبۇرى ئۇتۇدۇ،بۇ ماھىيەتتە نيوتون دىنىغا مەجبۇرى كىرگۇزگەنلىك بولۇپ قالىدۇ،قالغان 190نەچچە دۇلەتتىمۇ شۇنداق ، دۇنيادا قايسى دىن شۇنداق تەسىر قوزغىيالىغان،ئەلۋەتتە،نيوتون خاتالاشمىغان ، تەڭرىنى ئىنكار قىلىپ،ئۈزىنى تەڭرىنىڭ ئورنىغا قويمىغان بولسا،بىزمۇ بۇ ماقالىنى يازمىغان بولاتتۇق،چۇنكى بۇنىڭ ھاجىتى يوق ئەمەسمۇ،لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە مەيلى قايسى مىللەتنىڭ ،قايسى دۇلەتنىڭ مائارىپى بولسۇن نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ مائارىپنى تەرەقى قىلدۇرۇدۇ،بۇ پۇلنىڭ ئىسراپ بولماسلىغى ئۇچۇن دەرسلىك توغرا بولۇشى كېرەك،سىزچە مۇشۇنداق جاۋاپ بەرسەك توغرا بولامدۇ،2012-11-08كۇنى 18 نوۋېتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىدۇ،بۇنى خۇدا يوق دىگۇچىلەر ئاچىدۇ،بۇ قۇرۇلتايغا خۇدا يوق دىگۇچىلەر بېرىپ،بارلىق دىننى زاتلار قاتناشماسلىغى كېرەكمۇ،بۇ يىغىنغا بارغانلار سىز دىگەندەك خۇدا يوق دەيدىغان ئېتىقاتنى ئاساس قىلغانلارمىدۇ،بۇ يىغىنغا ھاجىلارمۇ قاتنىشىدۇ،يىغىن تۇگۇگەندىن كېيىن بۇ ھاجىملار ھاجىلىقتىن قېپ قالارمۇ ؟مېنىڭچە ،بىز تار دائىرىلىق پىكىر قىلىشتىن بۇسۇپ ئۇتۇشىمىز كېرەك،بىز كىتاپلاردىكى بىلىم بىلەن ئەمىلىيەتتىكى بىلىمنى بىرلەشتۇرۇپ قارىشىمىز كېرەك،مېنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلمايدۇ،لېكىن بىز -بىر -بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ،خىزمەتنى تاماملايمىز،بۇنى نورمال ئىش دەپ چۇشەنگەيسىز،ئامىرىكا بىلەن تۇركىيەمۇ ھەمكارلىشالايدۇدىغۇ؟بۇنى قانداق چۇشەندۇرۇسىز،بىزگە كېرىگى ئىتپاقلىق،شۇنداقتۇ؟