uyghurzade يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 06:51 AM
قەلەمكەشلىرىمىزگىمۇ بىر ئېغىز گەپ ،نىمە يازسىڭىز يىز ...
مەن بۇ شىئېر توغۇرلۇق يازمىدىم ، مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ، شىئېرىڭىزدىكى ئوي پىكىرنى مەن چۈشۈنىمەن ، ھەم قوللاش ئىستىكىدە ، بۇنداق ئەھمىيەتلىك توغرا پىكىرلىك يازمىلارقۇلىڭىزدىن چىقسا بۇنى ئەلۋەتتە قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز .
سىزگە ئانداق مانداق دەيدىغانغا مېنىڭ سالاھتىم توشمايدۇ ، سىزنىڭ يازغان كىتابىڭىزنىمۇ يىقىندىن بېرى ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن ، بىر دوستۇم ئېسىل سوۋغا سۈپىتىدە سوۋغا قىلغان ئىدى ، مەنمۇ يانماي بىر نەچچە رەت ئۇقۇپ چىقتىم ، تەسىراتىم ئاز ئەمەس ، مەنمۇ ياقا يۇرتتا ئۇقۇش جەريانىدا سىزگە ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىمدىن كەچۈرگەن ،كىتاپ مەزمۇنى بىزدىكى خېلى بوشلۇقلارنى تولدۇردى ،ئۇقۇرمەنلەر روھىغا ئۇزۇق بولدى ....شۇ ۋەجىدىن سىزگە ھۆرمىتىم بار .
نەق گەپكە كەلسەك ،بۇ ئىنكاسىمنى سىزنى ۋە ياكى باشقا قەلەمكەشلەرنى سېسىتىش مەقسىتىدە يازمىدىم ، پەقەت يىقىندىن بېرى سىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇقۇمۇشلۇق زاتلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا سىغىشالماسلىق مەسلىسى مېنى شۇنچىلىك ئېچىندۇردى، مەنلا ئەمەس ، تور يۈزىدە نىمشىلار بۇلىۋاتىدۇ بۇنى كۆپچىلىك سىزىپ تۇرۋاتىمىز ، گەرچە ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمىسەكمۇ ، ئاندا مۇندا TNT پۇرىقى كەڭ تورداشلارنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلماقتا ...........تەپسىلى يىزىشىمنىڭ ئورنى يوق
سىزگە ھەم باشقا زىيالىلىرىمىزغا ئىلتىجا ، ئانداق قىلماي نىمىش بولسا ئەتكەس قىلىۋىتىپ ، ئۇيغۇر يىگىتى بولغاندىكىن قول بىرىشىپ ئەپلىشىپ ، ئۇيغۇرغا قولمۇقول مۈرىمۇمۈرە تەڭ كۈچ چىقارساڭلا ،بىرىڭلا ئۇ ياققا بىرىڭلا بۇ ياققا تاتىشىپ يۈرسەڭلە ، ئاق قارىنى بىلمەيدىغان ئۇقۇرمەنلەر ھەقىقەتەن ئىككىگە بۈلۈنۈپ كىتىدۇ ، بۇپەقەت بىر ئۇچۇم كىشىلەر بولسىمۇ ، لىكىن ئەمما ئۇيغۇر ئۈچۈن يەنىلا يۇقىتىش زىيان تارتىش بۇلىدۇ ، ھۆرمەتلىك زىيالىلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر ئۈچۈن قان تەرى بىلەن قەلەم تەۋرىتىۋاتقان زاتلىرمىز، سىلەر كۆپنى كۆرگەن ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر ، سىلەر ئەپ ئۆتمىسەڭلا ، ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامىغىمۇ يۈز كىلەلمەيسىلە ، كەمىنىدىن كەڭ ئۇيغۇر تورداشلار نامىدىن سىلەرگە ئىلتىجا!
(بۇ ئىنكاس مىنىڭچە ئىگىسىنى تاپىدۇ، ئەگەر مەن دەپ ئۆتكەن ئەھۋاللار قەتتى مەۋجۇت بولمىسا ، ھەقىقەتەن ئۆزرە ، مېنى جۆيلىۋاتىدۇ دەپ بىلىڭلار ، بولمىسا ئۇيغۇر يىگىتلىك تۇيغۇڭلار بىلەن ئويلۇنۇپ بېقىڭلار )
ئىنكاسىم بىرەرىڭلارنى خاپا قىلىپ قويغان بولسا ، چىن كۆڭلۈمدىن ئۆزرە !