مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرزادە: بوزلاۋاتقان ئانا تىلىم ۋە باشقىلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85952
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ئۇيغۇرلار نىمە بولۇۋاتقاندۇ؟ زۇلپىقار بارات ئۆزبەك دېسەم ئۇنىمايسىلەر. ئۇ خۇددى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىگە ئۇيغۇر دەپ تەخەللۇس قويغاندەك ئۆزىگە «ئۆزبەك» دەپ تەخەللۇس قويغان.
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال يالقۇڭ رۇزىنىڭ مالىسىنى ئوقۇمۇدۇم دەۋاتسا ئۇنىماي چاپلىشىۋاپتۇ. ئەگەر ئۇ راستىنلا يالقۇن روزىغا ھۇجۇم قىلدى دېەەن تەقدىردىمۇ ماۋۇ ئۇيغۇرزادە نىمە بولدى؟ جاۋاب بېرىڭ ئۇيغۇرزادە، ئۇ يالقۇننى تەنقىدلىسە سىز نىمە بولدىڭىز؟ سىز ئۇيغۇرزادە ئەمەس يالقۇنزادەمۇيا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85952
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:20:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ئۇيغۇرمۇ ئۆزبەكمۇ شۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەي مېنى تىللاپ ئۇچۇر يازدىڭمۇ سەرخۇش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85952
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر بولساڭ مەن ئۇيغۇر دېسەڭلا ئىشىڭ تۈگىمىدىمۇ!
ھەممە ئادەم سەرخۇش دېسە جاۋاب بېرەلمىگەندەك ئۇيغۇرمۇ ئەمەسمۇ دېسىمۇ جاۋاب بېرەلمىگۈدەك بىر يېرىڭ بار سېنىڭ چوقۇم زۇلپىقار.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
52arslan + 10 قاۋا توختىماي

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85952
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى مېنى تىللاپ ئۇچۇر يېزىپ يۈرمە. بۇ تورغا بۇ ئىسىم بىلەن كىرمەيمەن. بۇرۇنقى ئاتقۇچى دېگەن ئىسمىم بىلەن كىرىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85952
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئىسمىمنى لاتىچە قانداق يېزىشنى بىلمەيسەن بىچارە. شۇڭا ئۇچۇرمۇ يازالمايسەن. بەك سېسىپ كەتتىڭ. ئەمدى بۇنداق ئەخلەتلەرنى يېزىپ يۈرمە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86140
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-10-16
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 11:13:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزھالنى دوستۇم دەپ بىلسىڭىز ئۇنى مۇنبەردە تىلغا ئېلىپ تېما يېزىپ يۈرمەيسز... ھېلىغۇ دوستىڭىز ئەمەسكەن، ھەرقانداق بىر كىشىنى تەنقىدلىگەننى بانە قىلىپ، ئاممىۋى سورۇندا غاجاپ قويىشىڭىز توغرا ئەمەس!  ئۇ ئەگەر سىز دىگەندەك دوستىڭىز بولسا ئۇنى ئايرىپ چاقىرىپ بۇرۇنقىدەك ھەمداستىخان بولۇشقاچ يۈزتۇرانە ئوچۇق-يورۇق پاراڭلىشىسىز... مانا بۇ ئەركەكلەرنىڭ ئىشى!
ئۆزھال ئىزدىنىشتا شۇ تېمىنى يازغان بولسا قانداق نىيەتتە يازغىنى ئۆزىگە ۋە ياراتقۇچىغا ئايان، زاڭلىق تەرەققىسىدە يازدىمۇ ياكى ياكى مۇنداقلا يازدىمۇ سىز پەرەز قىلىپ ھۆكۈم چىقارسىڭىز ئالدىرىغان بولىسىز.
ھاجەتخانا تېمىسىنى يازغان بولسا نىمە بوپتۇ؟ ھاجەتخانىنىڭ قانداق بولىشى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتىگە، تەرەققىياتىغا باغلىق بولىدۇ دەيدىكەن، ئەجىبا بۇ ھەقتە پاراڭ قىلسىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى يەكسان قىلغان بولامدىكەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12673
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9288
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 11:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىشتا گەپ بولسا ، ما يەردە كاسىلدىغان ئىشمۇ ئوغۇلبالىنىڭ ئىشى ئەمەسقۇ ئاخىر.

  گەپنىڭ يامىنى چىقسا، قۇربان ھېيىت كېلىپ قالدى، ئەمدى بۇ تېمىغا چولام تەگمەيدۇ دەپلا تىكىۋېتىدۇ- دە.
مېنى تولا توۋا دېگۈزۈپ، چىڭ مۇسۇلمانغا ئايلاندۇرىۋېتىغان بولدىڭىز، زادە. غەربچىلىكىنى ئۈگىنەرمەن دەپ كىتابلىرڭىزنى ئوقىۋاتقان ئىدىم. ئوقىۋېتىپمۇ توۋا دېدىم. سېيىۋېتىپمۇ توۋا دېدىم...

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1427
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19834
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8647 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 01:28:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇكىلىرىم، نىمانداق تۈگىمەيدىغان تالاش- تارتىشلار بۇ؟
ھېيتمۇ كېلەي دەپ قالدى، ئارازلىقلارنى مۇشۇ يەردە تۈگىتىۋەتسەك قانداق.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YAZR + 99 قوللايمىز!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 06:19:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ داۋامىغا كىرىشىتىن بۇرۇن «بوزلاۋاتقان ئانا تىلىم» نى يېزىشتن بۇرۇن ھېس قىلغان بېۋاستە تەسىراتىمىنىڭ نېمىلىكى   ھەققىدە يەنە  ئازراق ئەسكەرتىش بېرەي.

       مەن بۇرۇنمۇ دېگەن، يازمىلاردا نېمە سەۋەنلىك بولۇشىدىن قەتئينەزەر،  ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى ياقتۇرىمەن. چۈنكى، مېنىڭ ۋەتىنىم ئاۋۋال ئانا تىلىمدۇر. سۆيۈمۈلۈك ئانا تىلىم چىقىۋاتقان  مۇنبەرلەر مېنىڭ مەۋھۇم ۋەتنىمدۇر. مەن مۇنبەردە ئۇيغۇر ھىدىنى ھېس قىلىمەن.
1987   -يىلى نوبېل ئەدەبيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىكەن داڭلىق روس شائىرى برۇدىسكى 1988-يىلى مىلاندىكى شېئىريەت بايرىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا : «مەن ئۈچۈن ئانا ۋەتەن روسىيە زېمىنى ئەمەس، ئانا تىلىمدۇر، روس تىلىىدۇر. چۈنكى،روس تىلى سوۋېت مەۋجۇت بولۇشتىن بۇرۇن مەۋجۇت ئىدى، سوۋېتنىڭ ھالاكىتىدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولىدۇ، روس تىلىنىڭ ئورنى مېنىڭ قەلبىمدە زېمىندىن ئۇلۇغ» دەيدۇ.
       بۇ گەپتىن ئانا ۋەتەننىڭ ئاۋۋال ئانا تىلىدا ئىكەنلىكى، ئانا تىلنى كىچىك ئشىلاردىن باشلاپ ئاسراش كېرەكلىكىنى بىلىش تەس ئەمەس.   ئۇيغۇر يېزىقى چىقىۋاتقان ھەممە مۇنبەرنى قوللىسام دەيمەن.ئەمما، زېھنىم، ۋاقتىم، ئىمكانيتىىم  يار بەرمەيدۇ. ۋاقىتىنى تېجىەش ئۈچۈن مەلۇم بىر مەزگىل  بىر مۇنبەردە بىۋاستە قەلەم تەۋرىتىمەن. بۇ بىرلا مۇنبەرگە يان باسىدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇزۇندىن بېرى مىسرانىمدا بولساممۇ بۇ مۇنبەرگە ئۆزۈم بېۋاستە تېما يوللاپ باقمىغانىدىم. ئەمدى پۇرسىتى كەپتۇ.

      مۇشۇ مۇناىسۋەت بىلەن مۇنبەرلەرگە كىرمىگەن  زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى كۈچەپ قوللىشىنى، ئۇنىڭدىكى ئېيتىملارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈچىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، تورداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ قانداقلىقى ئاشۇ مۇنبەرلەردە چىقۋاتقان تېكسىتلەرنىڭ، مۇنازىرەلەرنىڭ  سۈپىتىگە باغلىق. بىزنىڭ مەنىۋىيتىمىز قەغەزدۇر، مۇنبەردە ۋە باشقا تاراتقۇلاردا چىقىۋاتقان ئېيتملار (كۆرۈنۈش، ئىماگ، گەپ-سۆز، تېكىست) ئاشۇ قەغەزگە  چۈشۈۋاتقان ئىزلاردۇر.بىزنىڭ مەنۋنيىتمىزنىڭ قانداقلىقى  بىز ئۇچراتقان ئېيتملارنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.شۇڭا تىلنى ئۆزھالدەك يەرلەرگە ئشىلتىىش بىر خىل خاتالىق ۋە مەسىلىنى ئۆزھالدەك ئاددىي چۈشىنىش بىر خىل خاتالىق.
     «بوزلاۋاتقان ئانا تىلىم » دېگەن شېئىردا مەن بۇلغانغان مەنىۋىيەت بىلەن بۇلغانغان تېكسىتلەرنىڭ مۇناسۋىتىنى شېئىري شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرشتىم(10 يىلدىن كېيىن قايتا شېئىر يېزىشىم بولغاچقا، سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن). ئەمما، بۇ شېئىر نوقۇل بىر ئادەمگە، بىر مۇنبەرگە قارىتلغان ئەمەس. مەن ئىزدىنىش مۇنبرىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ناباب يەرگە، ئەپسانە گەپلەرگە ئشىلتىلۋاتقانلىقىنى  پەقەت مىسال سۈپتىدە ئالدىم. بۇ شېئىر ھەم   بىرسىنىڭ ئۇچۇرى ئارقىلىق «بىزگە قانداق ھاجەتخانىلار كېرەك؟» دېگەن تېمىدىن خەۋەر تېپشمدىن  بۇرۇن يېزىلغان(ئادەتتە ئىزدىنشقا جىق كىرمەيمەن،غەيۋەت كۆپ).
        توغرىسى بۇ شېئىر  ئوكسفورد پەيلاسوپى ئاستېننىڭ «سۆز بىلەن رېئاللىقنى قانداق يارىتىمىز» دېگەن كىلاسسىك كىتابىنى ئوقۇپ ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلگەندە، جۈملىدىن تىلنى بۇلغاشتا ھەر بىرىمىزنىڭ ھەسسسى بارلىقىنى تونۇپ يەتكىنىمدە يېزىلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرتىلىنىڭ 1949-يىلدىن بېرى تىنىمسىز رەۋىشتە بۇلىنغىپ كېلۋاتقانلىقى ھەقىقەت. 1970-يىللاردا ئەدىبلەرنىڭ "دەۋر شۇنداق بولۇپ قالدى" دەپ باھانە كۆرستىپ  ئۇيغۇر تىلىنى بۇلغىغانلقى بىر ھەقىقەت. ئەمدى ئېنتېرنېت دەۋىردە تىلىمىز تەنتەك، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان توردشلارنىڭ قولىدا بۇلغانماقتا. بۇ شېئىرنى مەلۇم ئادەمگە، مەلۇم مۇنبەرگە شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان تەنقىد دەپ چۈشنىۋېلىش بىر خىل خاتالىق. بىر ئادەم ياكى بىر گۇرۇپپا  ياكى ئايرىم  ھادىسە مېنىڭ يېزىچقلىق ئوبيكىتم ئەمەس.
    مۇنۇ مىسرالارغا قاراڭ:
بۇ تىلىنىڭ يىغىسىنى قانداق توختىتىش كېرەك؟
بۇ تىلنىڭ كېسلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

.....
سېنىڭ يىغاڭدا ئۇنىڭ ھەسسىسى بار،
سېنىڭ كېسلىڭدە مېنىڭ ھەسسەم بار(ئۆزۈمنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويغىنىم يوق)

      ئۆزھالغا تەنقىدنى ئسىمىنى بىۋاستە ئاتاپ تۇرۇپ  يېزىش مەسلىسگە كەلسەك، بۇ دوستىمىزغا مۇشۇنداق قامچا بېرىدىغان  يەرگە كېلىپ قالغان. ئاۋۇ ئىنكاسىدىنمۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۆزھال ئەمەسلىكى ۋە "كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن" نى يازغان ئۆزھال ئەمەسلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. پەمىمچە، ئۆزھالنىڭ ئادالەت ۋە ئەخلاق تۇيغۈسى چاكىنا ئېيتىملارنى كۆرۈۋېرىپ ئۆلۈۋېتىپتۇ.شۇڭا مىسال سۈپتىدە سۆزلىگەچ بىر قېتىم ئۇنى سەگىتىپ قويدۇم. بۇ قانداقتۇ بىلىگ دېگەندەك قۇلىقىغا بېرىپ دەپ قويىدىغان ئىش ئەمەس. ئۆزھالنىڭ قىلمىشى ئىجتمائىي ئاپەت پەيدا قىلىدۇ ھەم قىلدى. شۇڭا مەن بۇنداق ۋاقىتتا دوست-پوست دەپ ئولتۇرماي تەنقىد بېرىمەن.
     ئىككى ئۇيغۇرزادە بار. بىرى ئىنسان ئۇيغۇرزادە، يەنە بىرسى  ئىلىمدار ئۇيغۇرزادە. ئالدىنقىسى قېرىنداشلارغا مھىر بېرىدۇ، گۈل سۇنىدۇ. كېينكىسى قامچە تۇتۇپ تۇرۇپ يوغان لوپا ئەينەك بىلەن قېرىنداشلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى كۆزتىدۇ، ئىجتىمائىي ئاپەت پەيدا قىلدىغان، سەلبىي تەسىرى كېيىن كۆرۈلدىغان ئشىلاردا ھەم ئىلمىي ئشىتا يۈز -خاتىرە قىلمايدۇ. ئەگەر مېنىڭ باشقا بىر دوستۇم "بىزگە قانداق ھاجەتخانىلار كېرەك" دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئاۋۇ پەدىدە پوق-سۈيدۈككە ئشىلەتكەن بولسا مەنمۇ ئوخشاشلا ئسىمىنى ئاتاپ تۇرۇپ تەنقىدلىگەن بولاتتىم.
      "نېمە بوپتۇ؟" دەپ  يۈزەكى چۈشنشىمىزدىنلا مەسىلىىنىڭ ئاددىي ئەمەسلىكى ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurzade تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-17 08:05 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 07:15:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم يازىر، سىز 5-بەتتىكى ئورۇنلۇق تەكلىپڭىزدە زىيالىلارنىڭ ئىتتپاق ئۆتۈشى ھەققىدە پىكىر بېرىپسىز.ئورۇنلۇق گەپ، قوللايمەن.ئەمما، مەسىلە پەيدا قىلۋاتقىنى مەن ئەمەس. بەلكىم سىز    مەن  2007    -يىلى بۇ يەرگە كېلىپ يازغان «رۇجەكلەر» دېگەن يازمىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەن ئۇنىڭدا دەل سىز دېگەن مەسلىنى تىلغا ئالغان؛  ئۆزۈم  كېيىن بىر مۇنچە ئاساسلار بىلەن تەنقىدلىگەن ئەدبنى بۇرۇن يازغانلىرى ئۈچۈن ماختغان، ئىناقلىق مەسلىگە ئەھمىيەت بېىرشنى تىلغا ئالغان.ئۇنىڭغا ئشىلارنى بىلمەس ۋاقتىمدا ھەتتا ھېسداشلىقمۇ قىلغان.
        ئەمما، مۆشۈكياپىلاق تېمسىدا، »بىزگە قانداق ھەجەتخانىلار كېرەك؟« دېگەن تېمىدا  ۋە بۇ  تېمىدا قىلىۋاتقان ئەسكىلكىدىن مەلۇم بولغىنىدەك،   مېنىڭ تۆت يىلدىن بېرى  كۆرگىنىم باشقىىچە ئېچىنشلىق بىر رېئاللىق بولدى.   مۇشۇ تېمىدىمۇ،«مۆشۈكياپىلاق» تېمسىدىمۇ ئاشۇ پەسكەشلىكنىڭ، ناجىنسلىقنىڭ ئىزناسىنى كۆرەلەيسىز. جىم تۇرۇۋالساممۇ قەستەن چېقىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسكىلىكىدىن قورقۇپ تورداشلارمۇ جىم تۇۇراۋتىدۇ.
            
    سىز مۇشۇ گەپلەرنى ئىگىسگە دېسىڭىز بەكمۇ ئوبدان بولاتتى.
   

   بىر ئادەمنى ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم رەسۋا قىلالمايدۇ، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ساراڭ قىلالمايدۇ.

  بۇ تېمىنى بۇلغاۋاتقان كىشى ئەنە شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغۇچى. ئۇيغۇر پەرھىز سېستىمسىغا چقېىلىپ بولۇپ،ئەمدى  ئۇيغۇر تىلىنى بۇلغاشقا كۆچۈپتۇ. قۇرىسۇن مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ رەزىللىكىگە سۈكۈت قىلغان ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان  ئادەملەرنىڭ ئەخلاقى؟
  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurzade تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-17 08:00 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش