0997zumrat يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 11:15 PM
سىزگىمۇ رەھمەت،تېمىنى ئۆزىڭىزگە تەدبىقلاپ ياخشى چۈش ...
ۋاي سىزگىمۇ رەخمەت، ماڭا تەدبىقلاپ، پال ئاچقان بولسىڭىز، جاۋابى شۇكى، ئەپسۇس پالىڭىز توغرا چىقماي قالدىدە، قارغۇلارچە ئاچقان پال توغرا چىقىۋەرمەيدۇ ئەمەسمۇ، تېمىڭىزغا ياخشى ئىنكاس يازمىغانلارغا كىيدۈرىدىغان بۆكلىرىڭىزمۇ تەييار ئىكەن، ئۆزىڭىز كىيىۋېرىڭ بولدى، باشقىلارغا زولاپ كىيگۈزىمەن دىمەي.
سىز تېمىدا بىزگە ياخشى قىزلار كېرەك دەپ يېزىپ كەتكىنىڭىز بىلەن، بۇ تورچىلىقتا غەيۋەت تېمىسى تىزىپ بەرگەن بولىسىز خالاس، بۇنىسى ئېنىققۇ، بارلىق ياخشى قىزلارنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، خۇددى بۇ جاھاندا ياخشى قىز قالمىغاندەك، ھەممىسىگە بوپ بېرىدىغانلار يوق ئەمەسقۇ، مانا سىزمۇ كۆزى ئوچۇق كور، بەدنامچىكەنسىز، قارشى ئىنكاس چۈشكەنگە بىردەمدە قارا سۈرتكەنگە چۈشتىڭىز. سىزنىڭچە ئىچىدىغان چېكىدىغانلار توردا يۈرىدىكەندە.
مۇشۇ تېما يازىدىغانلار بەزىلەر ئىچىدە، قايسى ئىشلارنى جىقراق بېشىدىن كەچۈرگەن بولسا، شۇ توغرۇلۇق بەك بىر نەرسە يېزىپ، ۋەزخانىلىق قىلىدۇ دەيدۇ.(موللىنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما دىگەندەكچۇ)
بۇ مۇنبەردە ھىلىمۇ قىزلارنى سۆككەن تېمىلار ئازمۇ؟؟؟ سىزنىڭچە ھەممە قىزلار شۇنداقمۇ؟؟؟ مەيلى قانچىلىك ياخشى نىيەتتە يېزىپ كېتىڭ، بۇ توردىكىلەرنىڭ ھەممە قىزلارنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغىنى ئېنىققۇ؟؟؟
شۇڭا مەن قىزلارنى يامان كۆرسۈتىدىغان تېمىلار ياقتۇرمايمەن، ياقتۇرمىغىنىم ئۈچۈنلا ماڭا قالپاق كىيدۈرىمەن دىگىنىڭىز نىمىنى چۈشەندۈرەر-ھە؟؟؟ يازغان تېمىڭىزنىڭ پايدىسى مۇشۇمۇ؟
ھەممىمىزنىڭ ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرى قىز، پەقەت ئائىلىدىكى قېرىنداشلار ئارا مېھىر-مۇھەببەت، كۆيۈنۈشلەرلا، ئۆز يېقىنلىرىنى يامان يولغا مېڭىشتىن توسىيالايدۇ،
يامان يولغا كىرىپ قالغانلارنى شۇ دادىلىق مېھىر-مۇھەببەت، ئانىلىق مېھىر-مۇھەببەت، ئاكىلىق مېھىر-مۇھەببەت ئۆزارا توغرا چۈشۈنۈش، مەدەت بېرىش، قوللاش، خاتالىقىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىپ ، قولىنى تارتىش ئارقىلىقلا يامان يولدىكىلەرنى ياخشى يولغا باشلىغىلى بولىدۇ.
توردا بۇنداق تېما يېزىش پەقەت، قىزلارغا يەنە بىر قالپاق كىيدۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،
ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىزلار بولسا، شۇ يولدىن قايتۇرىمىز دەيدىكەنسىلەر، بۇنى ھەر بىر ئائىلىدىن باشلىشى كېرەكقۇ!!!
ھەر بىر ئائىلە، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغدىيالىسا، ھەممە ئىشنىڭ توغرا -خاتاسىنى بىلەلىگىدەك، ئىمان -ئېتىقادلىك، بىلىملىك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولالىسا، مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىن قۇرۇلغان بىر جەمىيەت سىزنىڭچە يەنە قالايمىقان بولارمۇ؟؟؟!!!
شۇڭا بىر ئائىلە بىر دۆلەت دەيدىكەن، بىز شۇ كىچىك دۆلىتىمىزنى چىڭ باشقۇرايلى، نىمە مەسىلىلەر ھەل بولمايدىكىن قېنى؟؟؟!!!!
مۇشۇنداق قىزلار نامىغا داغ كەلتۈرىدىغان تېمىلار، بۇ ھەرگىزمۇ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس، بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈپ، كەڭ تەشۋىق قىلىش، قىزلارنى ھەممىنى قىلىدىغانغا چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇڭا قىزلارنى سۆكىدىغان سازايى قىلىدىغان تېمىلار يوللانمىغىنى ياخشى، چۈنكى شۇ قىزلار كەلگۈسىمىزنىڭ ئانىلىرى. ئۇلارنى توردا ئەمەس، ئائىلىدە مېھرى مۇھەببەت بىلەن ياخشى يولغا باشلاشنى بىلىۋالايلى!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا poyuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-20 02:25 AM