hasalharisi يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 06:30 AM
‹‹مۇشۇنداق قىزلار نامىغا داغ كەلتۈرىدىغان تېمىلار، بۇ ...
قارشى ئىنكاس يازغانلارغا قاراپ تۇرۇپلا، سىزمۇ شۇنداق كەنسىز دەپ، قالپاق كىيدۈرىدىغان قىلمىشنى سىزنىڭچە نىمە دىسەك بولار؟ بۇلار مەدىنىيەتلىك ئىلمىيلىق ئادەملىك زىننىتىنى جارى قىلدۇرغانلىقمۇ؟!
مېنىڭ گېپىم سىلەرگە ياقمىغان بولسا، بۇ تېمىنىڭ سەلبى تەسىرىنى ئويلاپ يېتتەلمىگەن بولساڭلار، مانا مۇنداق تەھلىل قىلىپ باقايلى، لېكىن سىزگە تاڭمايمەن، ھەركىمنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدىچۇ.
بۇ تېمىنى مانا ھازىر ھەممە ئادەم كۆردى، بىلمىگەنلەر، ھە ئەسلى قىزلار ئىچىدىغان بوپ كېتىپتىكەندە، دەپ بىلدى، نۆۋىتى كەلگەندە، ئىچمەيدىغان قىزلارنىمۇ ئىچىدىغانغا چىقىرىۋېتىش ئىشلىرى يۈز بېرىدۇ، مانا بۇ قىزلارغا كىيدۈرۈلگەن يەنە بىر قالپاق. ئەمىلىيەتتە بولسا، بۇ ئىچىدىغان بىر قىسىم قىزلار ئۇنچىلىك كۆپ ساندا ئومۇملىشىپ كەتمىگەنتى.
يەنە بىرىگە سورۇن قۇرغانلار شۇ سورۇنغا قىزلارنىمۇ ئەيمەنمەي چاقىرىدىغان ھاراققا زورلايدىغان بولىدۇ، رەت قىلغانلارغا، ۋاي ھازىر دىگەن
جىق قىزلار ئىچىدىغان بوپ كەتتى، بۇ قانچىلىك ئىشتى دەپ، شۇلارنىڭ ئاغزىغا ئوبدانلا بوپ بېرىدۇ. ئىچىدىغانلىرى بولسا، يالغۇز بىزلا ئەمەس، جىق قىزلار ئىچىدىغان بوپ كېتىپتۇغۇ دەپ، تېخىمۇ ئىچىشتىن تەپ تارتمايدىغان بولىدۇ. مانا بۇ بۇ تېمىنىڭ ئوينىغان رولى مۇشۇنداق بولىدۇ.
مانا مۇشۇنداق بىزگە ئىچىدىغان قىزلار كېرەك ئەمەس، ياخشى قىزلار كېرەك دەپ توۋلىغىنىمىز، ئاڭلىنىشقا ياخشى گەپتەك قىلغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە سەلبى تەسىر بىلەن، يۇقۇرقىدەك تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشقا رول ئوينايدۇ خالاس.
ھەم بۇ قىزلارمۇ باشقا بىر يەردىن كېلىپ قالمايدۇ، شۇ دادىسى بار، ئانىسى بار، ئاكىسى بار، ئاچا-ھىڭىل قېرىنداشلىرى بار شۇ ئائىلەرنىڭ بىر ئەزاسىدۇ.
مانا شۇ ئائىىلىدىكىلەر ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەت ۋە قان-قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت بىلەن، خاتا يولغا ماڭغاننى توسۇپ، خاتانى تونۇشىغا ياردەم بېرىپ، توغرا يولغا باشلىمىسا، باشقا ياتلار تاماشا كۆرگەندىن باشقا نىمە قىپ بېرەلەيتتى. تورمۇ شۇغۇ. توردا ئۇرۇق-تۇققانلار جىقمۇ يە، چىن كۆڭلىدىن ئەمىلىي ياردەم قىلىدىغان، كىم مەن شۇ ئىچىدىغانلاردىن دەپ، ياردەم قوبۇل قىلار؟؟؟!!!
شۇڭا كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولىدىغان قىزلارنى توردا سازايى قىلىش بىەن ئەمەس ئائىلىدىكى مېھرى-مۇھەببەت بىلەن توغرا يولغا باشلاشنى ئەڭ توغرا ئۇسۇل دەپ قارايمەن.
ئەگەر بۇ گەپلىرىم سىلەرگە ياقمىسا، سىلەرگە زولاپ تاڭمايمەن، ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن دىگەننى ئوبدان بىلىمەن، يېڭىدىن جەمىيەتكە چىقىپ، بىلىدىغانلىرىم كۆپ بولمىسىمۇ، توغرا-خاتانى ئازراق بولسىمۇ بىلگۈچىلىكىمىز بار، شۇڭا نەشتەر سانجىپ ئەقىل كۆرسىتىدىغانلار، شۇ تېمىنىڭ ياخشى يېزىلغان تەرىپىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ئالدى بىلەن بېرىدىغان تەسىرىنىمۇ تەھلىل قىپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەيلى.