xjunicom يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 11:01 AM
مۇشۇ كوچا ھازىرمۇ بارمۇ ؟ ياكى چېقىلىپ تاشلاندىمۇ‹؟
مەن دەل مۇشۇ كوچىلار دا چوڭ بولغان...ئىنشا ئاللاھ.....ھازىرمۇ بار...
كوزىچى ياربىشى ئىلگىركى زامانلاردا توپىسىنىڭ كوزا ياساشقا مۇۋاپىق كىلىشىدىن ۋە ھۈنەرۋەن كاسىپلارنىڭ بۇ جايغا يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن...
ھازىر قارايدىغان بولسىڭىز... كۇلالچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاز قالدى....
مىنىڭ ئۇلۇغ بوۋام،ئۇلۇغ بوۋامنىڭ بوۋىسىمۇ مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانكەن....
كوزىچى ياربىشدا يالغۇز كۇلالچىلىقلا ئەمەس... ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ دوپپا تىكىش بازىسى دىسەكمۇ بولىدۇ... ئاناممۇ،ھەدەممۇ،ىڭلىممۇ دوپپا تىكىشنى بىلىدۇ...
بۇنىڭدىن باشقا، كوزىچى ياربىشىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلى دەل قازانچى يار بىشى دەپ ئاتىلىدۇ... بۇ جايمۇ قەشقەردىكى قەدىمىي جايلارنىڭ بىرى...