ئاشۇ كوچىلاردا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلاپ قالدىم. ھەر جۈمە كۈنى ئۇيغۇر، تۇڭگان،سالا،تۈرك،ئەرەپ ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر توپلىناتتى .ئىپتىخارلىق ئىسىل مىللىتىم ئاشۇ يەردە سودا سېتىق بازارلىقلىرىنى قىلىپ خۇددى بىزنىڭ ئۈرۈمچى دۆڭكۆرۈك بازىرىدەك ئاۋات قىلىۋىتەتتى. ئوخشىغان پىتىر مانتا،كاۋاپ،سامسا،نان،ئۆپكە-ھېسىپ،قەشقەر لەڭپۇڭى،دوغاپ،شىنجاڭ يەرلىك يىمىشلىرى
...ئىشقىپ ئىچكىردە بۇنداق يەرنى تاپقىلى بولمايدۇ.مەسجىد ئىمامى بەي ئاخۇن ھەقىقەتەن ئىسىل ۋە بىلىملىك كىشى. ئۇيغۇرلارغا سۆيگۈسى كۈچلۈك.
شاڭخەيگە بارماقچى بولغانلار جۈمە كۈنى مۇشۇ مەسچىت ياكى پۇدوڭ مەسچىتكە بىرىڭلار.
بۇ مەسچىتنىڭ ئىسمى خۇشى چىڭ جىن سى. ئورنى: جىن پىڭ يولى-چاڭ دى يولى.
مىترو لىنىيەسى: 3-مىترودا ئولتۇرۇپ جىن پىڭ لۇ بىكىتىدە چۈشۈپ ئازىراق مېڭىپ چاڭ دى يولىغا كەلسىڭىزلا بولىدۇ.
راس، شاڭخەيدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرلارنىڭ(ئىخلاس شىركىتى ئاچقان) ئەڭ ئىشەنچىلىك تاللا بازىرىنىڭ ئورنىنىمۇ دەپ بېرەي، بەلكىم ئېھتىياجىڭىزلاردىن چىقىپ قالار؛
ئورنى:خوڭ كوۋ چۈ. گۇاڭ جۇڭ لۇ 572-خاۋ. ئۈلكەر شوپ رىزا ئىمپورت ھالال ماللار دۇكىنى.
يەنى ،شاڭخەي داشۆ ( شاڭخەي ئۇنۋېرسىتىتى باش مەكتەپ رايونى) غا يېقىن.
مېترو لىنىيەسى: 1-مىترودىن شاڭخەي ماشىچىڭ ( شاڭخەي سېرىك ئۆمەك شەھەرچىسى بىكىتى)دە چۈشۈپ گۇاڭ جۇڭ يولى تەرەپكە قاراپ ئازراق ماڭىسىز. 3-مىترودىن خوڭ كۇۋ زۇ چىيۇ چاڭ ( خوڭ كۇۋ پۇتبول مەيدانى بىكىتىدە) چۈشۈپ گۇاڭ جۇڭ يولى تەرەپكە قاراپ ئازراق ماڭىسىز.