hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 01:52 AM
كالا كوچا مەسچىتىدە ئوقۇغان ناماز قوبۇل بولارمۇ؟ ...
سىز دىققەت قىلىپسىز،مەنمۇ بۇ مەسچىتنى زىيارەت قىلىۋېتىپ،تىپىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلىبىدا سېلىنغان بۇ مەسچىت ئۆگزىسىدىكى ئەگمە پىشايۋان ئۈستىگە ياغاچ ياكى كاھىشتىن ياسالغان ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرىنىڭ قوندۇرۇلغانلىغىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم.كېيىن ئىچكىرنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالنى بايقىدىم.لېكىن مەسچىد ئىچىنىڭ بېزىلىشى،نەقىشلەردە ھايۋان ھەيكىلى ياكى جاندارلارنىڭ نەقىشلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ،بەلكى تام-تورۇسلارغا ھەرخىل ئەرەبچە نەقىش ۋە ئايەتلەر ئويۇلغان،مېھراب،تەكچىلەر ئەرەب ئىسلام بىناكارلىغىدىن ئۈلگە ئېلىنغان.مېنىڭچە خۇيزۇلار خەنزۇلار بىلەن ئەرەب،پارىس ۋە غەربى يۇرتلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە بىر مىللەت بولغاچقا،ئۇلارنىڭ دىننى ئېتىقاد مەدىنىيتىدە خەنزۇ مەدىنىيىتىنىڭ ئامىللىرى يەنىلا خېلى سالماقنى ئىگەللىگەن بولغاچقا،بەزى ئىسلامغا يات بولغان(مەسىلەن مەسچىد قۇرۇلمىسىغا ئەجدەرھا،سۇمرۇغ،شىر....ۋە باشقا ھايۋانات ھەيكەللىرىنى، نەقىشلىرىنى ئويۇشنى)قائىدە-تۈزۈملەر بۇلاردا بەك چەكلەنمىگەن بولىشى مۈمكىن،يەنە كېلىپ قۇرۇلۇش قىلغانلار ئاساسەن خەنزۇ ئۇستاملار بولغاچقا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئادىتىگە بىلمەسلىكتىن سەل قارىغان بولىشى مۈمكىن.