لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتقان بالىنىڭ قولىدا لەگلەكنىڭ يىپىلا بار،بىراق ئۇنىڭغا چىگىلگىنى ئۇنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ بىر كۆرۈنىشى "لەگلەك"دىن ئىبارەت.....شۇ تاپتا ئۇ پەقەت بىر لەگلەكلا ئەمەس پۈتكۈل ئارزۇ خىيالىنى ئۇچۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن،ناۋادا بۇ يىپ ئۈزۈلۈپ كەتسە...ئەلۋەتتە بىر پارچە قەغەز ئەمەس تىلەك ئۇچۇپ كېتىدۇ.....گوياكى شۇ ئۈزۈلۈش ئۈمۈتسىزلىكنىڭ شەپىسىدەك قەلىبتە ئەنسىز ھېسلارنى ئۇچۇملاپ ئۇچۇملاپ ئىچىۋالىدۇ...ھىجران پىغاندىن مەس بولۇپ ،ئازاپ كوچىسىدا ئېگىز پەس دەسلەپ ھەممىگە سەت كۆرۈنىدۇ.........قاغىشلار مۇھاببەتكە چىن مۇھاببەتلىك قەلىبكە ياراشمايدۇ،بىراق ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئۆزى بەخىتنىڭ قاغىشى....ھەممىنى مۇھاببەتكە باغلىغان ۋە ئاتىغان ئىنسان ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئامالسىز قۇربەتسىز ئۈزۈلگەن يىپلىرىمۇ قەستەنلىكتەك تۇيۇلىدۇ.....مېنىڭ مۇھەببەتنىڭ يىپىنى بوكسىيۇر سىمدا باغلىغىم تېخىمۇ يۇقىرى ئۇچۇرغۇم بولسىمۇ،ئېغىرلىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇنى ئۇچۇشتىن مەھرۇم قىلىدىغىنى ئۈچۈن ئەڭ يەڭگىل يىپلاردا باغلىدىم،قۇيۇنلاردىن ئاسرىدىم،ۋىجدانلارغا دالدا قىلماق بولدۇم،ۋەدىلەرگە چىڭ چۈمكۇدۇم.....ھەتتىڭەي مەن تەقدىردىن چوڭ ئەمەسكەنمەن،ئازاپىنىمۇ مۇشۇنداق شىرىن لىرىكىلار بىلەن بېزىمىسەم ،ئەقىدەمگە يۈز كېلەلمىدىم...
خاپا بولما تەقدىر،مەن سەندىن چوڭچىلىق تالاشمىغان،بىراق قەلبىمدە ئۆز مۇھاببىتىمنى ئەڭ يۈكسەكلىككە كۆتۈرىمەن دىسەم سەن قوپۇپ:
مانا كۆرە....دىگەندەك قىلدىڭ...
قولۇمدا يىپ،لەگلەك قەيەرلەردە؟ئەمدە مەن لەگلەك ئۇچۇرمايمەن....ئېھتىمال بۇ يىپ بىرنىمىلەرگە چىگىلىپ قېلىپ،ھالسىز تېنىمنى سۆرەپ قوينىغا يۆتكىشى مۇمكىن....
چۈشەنمىدىڭمۇ؟خوپ!ئەگەر ھەممىنى چۈشىنىش مۇمكىن بولسا ئىدى،بۇ ئىزتىراپلىق دىل ئۆلگەن بولاتتى...ئېنىقسىزلىق دەل بىزنىڭ تىلىكىمىزنىڭ پىلىكى...مەڭگۈ كۆيىدۇ...؛...