سۈرخان يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:55 AM
دېگىنىڭىزدەك شېرىن چۈش تەسىرىدە كاللىسى قېيىپ چەتكە ...
كۆرگەن راس ئىشنى يېزىش كېرەك.
ئەسەت سۇلايمان ئاكىمىز ئۇ ئەسىرىدە سىياھقا سۇ قوشماي يازغان ئەسەر،چەتئەل تەسىراتلىرى ئىچىدە ياخشى تەسىر قوزغىغان كىتاب ئەسەت سۇلايماننىڭ دەپ ئويلايمەن،ھازىر ئۈچ قېتىم بېسىپ بوپتۇ.
بىر زىيالى قاراڭغۇ تەرەپنى يېزىپ قويغانغا،خاتىب مەسچىتتە مىللىتىمىزنى تىللاپ قويغانغا مىللەت چۈشكۈن بوپ كېتىدىغان مىللەت ئەمەس.ئاشۇ بازارلاردىكى يايما يېيىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەبەسسۇم چىرايى،ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋار كەيپىياتىنى باشقا مىللەتلەردىن تېپىش بەسىي مۈشكۈل.
ھەقىقىي زىيالىي مانا مۇشۇنداق قاراڭغۇ تەرەپتىن سۆزلەپمۇ قويىدۇ.ئەسەرنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ ئادەمدە توغرا ئاڭ بولۇشى كېرەك.قاراڭغۇ تەرەپنى يېزىپ،مىللەتنى ئۈمىدسىزلىككە پاتىدۇ دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
ئەجىبا،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى %80دىن ئارتۇق يەرگە باغلىنىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق يازمىنى كۆرسە چۈشكۈنلۈشۈپ كېتەرمۇ؟ئۇلاردا ئەقىدە بار،ئېتىقاد بار،نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئېسىل ئەنئەنىنى ساقلاۋاتقان مىللەت ئۇنداق يازمىنى كۆرسە چۈشكىنلىشەرمۇ؟
مەدەنىيەت ئىنقىلابى،چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش،350يىللىق غەپلەت ئۇيقۇسىمۇ ئۇيغۇرنى چۈشكۈنلەشتۈرمىگەن.
ۋاراقتىكى قارا سىياھقا مىللەت چۈشكۈنلەشمەيدۇ،بەلكى،ئۆز قەدىر-قىممىتىنى تاپالايدۇ.