مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: oyqan0999

گېرمانىيەدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:27:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنە بۇ تېمىغا ئەسەت سۇلايمان ئاكىنىڭ،كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىگە يازغان مۇنۇ سۆزلىرىنى قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
                           
                                               مۇقەددىمە
                                        ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشى
بىز كىم،بىزنىڭ مەدەنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە سالاھىيتىمىز نېمە،بىز بۈگۈنكى يەر شارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟
شىمالىي ياۋروپادا ياشىغان بىر يىل جەريانىدا مەن بۇ سوئاللارنى ئۆز-ئۆزۈمدىن تالاي قېتىملار سورىدىم.كۆك رەڭلىك ياۋروپانىڭ سوغۇق ۋە ھۆل رېئاللىقى ئىچىدىن يىراقتىكى ئانا يۇرتۇمنىڭ قۇرغاق كەيپىياتىغا نەزەر تاشلىدىم.ياۋروپا قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى يالتىراقلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىدە ئەمەس،بەلكى مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلىقلىرىغا باغلانغان بىر قەدىمىي خەلقنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ كۆزەتتىم.ئۆزۈمنى،ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى ۋەتىنىمدە ۋە خەلقىمنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ ياشىغان شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ئەمەس،بەلكى ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرەتتە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ بىر يىل جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم......
يىراققا سەپەر قىلدىم ھەم قايتىپ كەلدىم.
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياۋروپادىكى خاتىرىلىرىم ئاساسىدا بىرەر كىتاب يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ،لېكىن ئۇزاققىچە يازالمىدىم.تەسىراتلىرىممۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلاپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم.دوستلىرىم كۆپ قېتىم مېنىڭ ياۋروپادىكى تەسىراتلىرىم ھەققىدە كىتاب يېزىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سەمىمگە سېلىپ تۇرۇشتى.بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىممۇ ماڭا يازغان خەتلىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىمىپ كەتكەنلىكىمنى تىلغا ئېلىپ،‹‹نېمە ئۈچۈن كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىڭىزنى يازمايسىز؟››دەپ سوراشتى.
كۆپ ئويلاندىم.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە،رۇسسىيە،ئوتتۇرا ئاسىيا،ئامېركا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ساياھەت خاتىرىلىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ قەلەم تەۋرىتىش ئويۇمدىن يالتىيىپمۇ قالدىم.راستىنى ئېيىتسام چەت ئەللەردىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنى پەش قىلىپ،ياۋروپانىڭ كۆزنى قاماشتۇردىغان يالتىراقلىرى بىلەن باشقىلارنى مەھلىيا قىلىدىغان تاشقى پوستىنى كۆپتۈرۈپ يېزىپ،ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ‹‹ياۋروپا چۈشى››نى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشنى خالىمىدىم.
بىر يىلغا يېقىن ۋاقتىم دېلىغۇلۇق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى.ئاخىرىدا ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ،ياۋروپادا كۆرگەن-بىلگەنلىرىمدە ئوقۇرمەنلىرىمنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى،ئۇنى ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ بېخىللىق بولىدىغانلىقىنى،تەسىراتلىرىمنى ئەينى قىياپىتى بويىچە خەلقىمگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.
مەن بۇرۇن ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان بۇ تۇپراقنى،بۇ تۇپراقتا تۇغۇلۇپ،كۆپىيىپ ئۇزاق تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلىغان خەلقىمنى،شۇنداقلا بۇ تۇپراقتىن ئوزۇق ئالغان مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى مۇشۇ تۇپراقتا ياشاۋېتىپ كۆزەتكەنىدىم.تەقدىر مېنى مېھرى ئىسسىق بۇ تۇپراقنىڭ قوينىدىن ئايرىپ يىراق ئەللەردە ھاياتىمنىڭ بىر يىلىنى ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلدى.مەن يىراقتا تۇرۇپ مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا نەزەر تاشلىغىنىمدا ئۆزلۈكىمىز ۋە كىملىكىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى تېخىمۇ تەلتۆكۈس چۈشىنىپ يەتمىگەنلىكىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.شۇنداق،ياۋروپادىكى بىر يىل ماڭا ئۈزلۈكىمىز بىلەن  كىملىكىمىزنى سوغۇق قانلىق بىلەن كۆزىتىدىغان پۇرسەت ۋە يېڭى كۆز بەردى.ئەمدى مۇشۇ كۆز بىلەن ئولىمپس تېغىدىن ئۇزاق ئاسىيا باياۋانلىرىدىكى ئانا تۇپراققا قايتا نەزەر ئاغدۇراي،تەڭرى تاغلىرىنىڭ يۈرەك سوقۇشىغا قۇلاق سالاي،تارىم چوڭقۇرلۇقلىرىنىڭ ئىچكى سۈكۈناتىغا شۇڭغۇپ باقاي.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80140
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3835
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 07:51:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تىمىنى يوللغان قوڭالتاقنىڭ كۆتىگە كىلىشتۈرۈپ تازا بىرنى تەپكۈم كىلىۋاتىدۇ.ئۆزلۈك ۋە كىملىك  دىگەن بۇ كىتابنى مەنچە ھەر ئۇيغۇر ياش بىرقىتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشى كىرەك.شۇنچە ياخشى كىتابنىڭ پەقەتلا مۇشۇ قىسىمىنى تورغا يوللىغان لاتا سەن ئۆزەڭنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟ئەگەر سەن بۇ كىتابنى ئوقىغان بولساڭ نىمىشقا چاناق قەلئە ئۇرشىدىكى ھىلىقى تۈرۈك ئانىنىڭ قەھرىمانلارچە دىئالوگىنى چىقارمايسەن؟نىمىشقا ياۋروپانىڭ بىزنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقىمىزنى قانداق يەردە قانداق مۇكەممەل ساقلاۋاتقىنىنى،ئۇنىڭدا نىمىلەر ئىپادىلەنگەن قىسىملىرىنى تورغا يوللىمايسەن؟نىمىشقا شىۋىتسىيلىك بىر پىروفىسورخانىمنىڭ بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئاتا -بوۋىمىز بىرمۇ، تىخى دىگەندەك دىئالوگلىرىنى چىقارمايسەن؟
نىمىشقا ياۋروپانىڭ مائارىپ كۈتۈپخانا،ۋە بالىلار يەسلىسىگىچە ئىنسانغا قانداق كۆڭۈل بۆلىدىغان تەسۋىرلىرىنى چىقارمايسەن.دىمەك سەن نان قىپىنىڭ كاللىسى ئاشۇ بۇزۇقلاردا،ئەقلىڭمۇ شۈنچىلىك،ياكى سەنمۇ ھىلىقى بىرنىمە كاۋاپچىدەك داڭ چىقىرىپ خەقنىڭ ئارقا ئۈچىيىنى يالاپ ئۆزخەلقىڭنڭ يەلكىسىگە مىنەي دەمسەن؟ئەگەر بەك يوللىغۇڭ كەلسە پۈتۈن يوللا بۇ كىتابنى ،بولمىسا چىرايلىقچە قىسىۋال..................

كۆپ پۇل تېپىش تۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10064
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9699
تۆھپە نۇمۇرى: 732
توردا: 1025 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-10-30 04:58 PM
بۇ   پارچىدا   نېمىنى  ئىپادىلىمەكچى   بولغاندۇ  ؟  
يا   چ ...

ئەسئەت سۇلايماننىڭ ‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك › دىگەن كىتاۋىنى كۆرسىڭىز بۇ سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ تاپىسىز .

كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە                       http://baydadam.net/

كۆپ پۇل تېپىش تۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10064
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9699
تۆھپە نۇمۇرى: 732
توردا: 1025 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق بىر دەۋىردە ھەرقانداق بىر مىللەتتە ياخشىلار بېلەن ھەم يامانلارمۇ تەڭ مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ . لىكىن ئىنسان ئۆزى ياخشىلىققا ئىنتىلىش ، ياخشى بۇلۇشقا تىرىشىش كېرەك .

كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە                       http://baydadam.net/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7789
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 06:15:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي دوستلار ،ئالدىراپلا ئىنكاس يازمايلى .مىنىڭچە بۇ پارچىنىڭ كىتاپتىن ئېلىنىپ تور يۈزىگە چىقىرىلىشىنىڭ ھىچ خاتاسى يوق .
ھەر قانداق نەرسىگە بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئىنكاس يازمايلى ،بەزىلەر سەت گەپلەر بىلەن تىما ئىگىسىگە تىل تەككۈزۈپتۇ ،خاپا بولغىدەك ھىچ ئىش يوق .
بولسا «ئۆزلۈك ۋە كىملىك »دىگەن كىتاپنى قېرىنداشلارنىڭ بىر ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20835
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8627 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 09:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردىكى مەسىلە ئەسەت سۇلايماننىڭ ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› ناملىق كىتابىنى تەنقىدلەش ئەمەس . ئاساسلىق مەسىلە بولسا شۇ كىتابتىكى ئەۋلات تەربىيىسى، ياشلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان زۈرۈر بايانلار ، داڭلىق شەخسلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەر تور يۈزىگە چىقىرىلماي پەقەت مۇشۇ پاھىشە، جالاپ ھەققىدىكى مەزمۇننىڭ تور يۈزى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىشى.

بەزىلەر مۇشۇ كىچىككىنە بىر بۆلەك يازمىنىمۇ شۇ بىر پۈتۈن كىتابتىكى مەزمۇن بويىچە تەھلىل قىلىپ كېتىپتۇ. شۇلارنىڭ تەھلىلىگە تەھلىلشۇناسلىق ئىلمى بىلەن ‹‹دوكتۇرلۇق›› ئۈنۋانى بەرسەكمۇ ئازلىق قىلغۇدەك.

ئېسىمىزدە بولسۇن، بىر ئۆي تۆت تېمى، تۇرۇسى بولغاچقىلا ئۆي دەپ ئاتىلىدۇ. بىرەر تېمى ياكى تۇرۇسى بولمىسا ئۇ ئۆي ئەمەس بەلكى ئەسكى تام ياكى خارابىلىق بولىدۇ.
ئەسەت سۇلايماننىڭ ‹‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› كىتابى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان. شۇ كىتابنى بىر ئۆيگە ئوخشاتساق ئۇنىڭدىكى ھەر بىر يازمىلارنى شۇ ئۆينىڭ تېمى، تۇرۇسى، خىش، لېيى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىر تامدا بىرەر ناباب خىش بولسىمۇ پۈتۈن تامنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا تەسىر يەتكۈزەلمىگەندەك، بۇ يازمىنىڭ سەلبى تەرىپىنىمۇ شۇ ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› ناملىق كىتابتىكى باشقا مەزمۇنلار تامامەن بېسىپ كېتەتتى ۋە باشقىلارغا روھى جەھەتتىن مەدەت بېرەتتى.
بىراق شۇ كىتابتىكى ئېسىل مەزمۇننى چەتكە قايرىپ ‹‹ئاتايىن›› مۇشۇ مەزمۇننى تورغا چىقىرىشنى زادى نېمە دىگۈلۈك؟ تور دۇنياسىدىكى يازمىلارنىڭ ئېلىكتىر دولقۇنلىرى ئارقىلىق دەقىقە ئىچىدە پۈتكۈل دۇنياغا تارىلىپ بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەك كاشكى.
مېنىڭچە نەچچە يۈز بەتلىك كىتابتىن بۇ يازمىنىڭ ئاتايىن تاللىنىپ تور يۈزىگە چىقىرىلىشىنى يازغۇچى ئەسەت سۇلايمان ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-31 09:15 PM  


قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4742
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1434 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 10:32:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي ماجراسى  يەڭ  ئىچىدە  بولغان ياخشى ،  بەيدۇ  دىن  ئۇيغۇر  دەپ كىرگۈزۈپ بولغىچە  ئارقىسىغا  ئاپتۇماتىك  جا***     دەپ  چىقىپ  بۇلىدىغانلىقى  ھىچكىمگە ھار كەلمەمدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق خەتنىڭ ئىزدىلىش قېتىم سانى  مەلۇم چەككە يەتمىسە ،  بىكاردىن بىكارغا چىقىپ قالمايدۇ ،  شۇنىڭغا  ئوخشاشلا  ئىش ، ياخشى  نەرسىلەرنى  تەشۋىق قىلسا زىينى يوق ، غادىيىپمۇ كەتمەيتۇق ،  لىكىن  يامان نەرسىنى  تور يۈزىگە چىقارمىساق ياخشى  ئىدى ، مەينەتتىن يىراق تۇرغان ياخشى ،  مەينەتنى  كۆرسىتىمەن  دەپ  كەچكىچە  ئېسىلۋالسا ،  ۋابادەك  تارايدىغان گەپ ، تۈگەتمەك ئۇياقتا  تۇرسۇن ، تېخىمۇ ئاۋۇيدۇ ، دۈشمەنگە ۋە  ئارىمىزدىكى نادانلارغا  تۇتقۇ  بوپ  بېرىدۇ ،  ئۇنىڭدىن  كۆرە ، يەڭ ئىچىدىلا  پەدىشەپ بىلەن تۈگەتكەن ياخشى .




ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 01:46:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئەخلەت تېما قاتارىدا بىر تەرەپ قىلۋىتىپتىكەن.يەنە نېمىشكە تېمىنى مۇنبەرگە چىقىرىپ قويىدۇ؟ئاۋۇ تۆپىدىكى BBC دېگەن ئاداش.سەل ئۆزۈڭنى بىلۋال نېمىشكە بىكادىن ئادەم تىللايسە؟ئۇ كىتابنى سەنمۇ ئوقىغان بولساڭ كىتابنىڭ ئۆزۈڭ دىگەن ياخشى يەرلىرىنى سەن نىمىشكە مۇنبەرگە يوللىمايسەن؟مېنى خەقنىڭ ئارقا ئۈچىيىنى يالايدىغان ئاۋۇ بەشتە ياخشى كاۋاپچىغا ئوخشاتما.سەن ئۆزۈڭنىڭ نېمىش قىلۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟دەپ كىتىپسەن.مەن ئۆزۈمنىڭ نېمش قىلۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن.مەن خەققە ئوخشاش ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىپ،ياكى خەقنىڭ ئۈچىيىنى يالاپ مىللىتىمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ يۈرگىنىم يوق.ھالال ئەمگىكىم،كۈچ-قۇۋىتىم بىلەن ئاشخانا ئىچىپ،ھالال ياشاۋاتىمەن.مېنى بۇنچىلا دەيدىغانغا سەن ئۆزۈڭ نىمىش قىلىدىغان نېمە زادى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9291
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6189 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 07:34:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>ياخشى يىزىلغان كىتاب ....چىن ھەققىقىي ھىسيات ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ...

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

مېرۇل مەرگەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 05:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەرگە تېما يوللاشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى ئادەم، تېما يوللاپ بولغۇچە تېمىدىن چەتنەپ نەدىكى يوقىلاڭ ئىنكاسلارنى يېزىپ تېما ئىگىسىنىمۇ ۋە باشقا مۇنبەرداشلارنىڭمۇ كۆڭلنى غەش قىلغان، مۇشۇنداق ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ بەك ئىنكاس يازغىڭلار كېلىپ كەتكەن بولسا، يازىدىغان خېتىڭلارنى ئاپىرىپ قاتتىق يەرگە جېجىلاپ يېزىپ دەردىڭلارنى تۆكۈۋالساڭلار نېمىمۇ بولا.......................   

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش