xaban010 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:33 PM
نىمانداق ئاغزىڭىز يامان باشقۇرغۇچى،،سىزنى ھېچكىم ھ ...
سىز نېمە دىمەكچى؟ مەن بىركىمنى تىللاپتىمەنمۇ؟ خەير، تۇنجى قېتىملىق نەقىل ئېلىشىڭىز بولغاچقا يۈز خاتىرە قىلاي.
سىزگە ئازراقلا پۇرىتىپ ئۈتەي. يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە بەزىلەر مۇنبەردىكى ھېچقانداق سىياسى مەزمۇن ئارلاشمىغان تېمىنى تەتۈر ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىپ خېلى كۆپ كىشىلەرنى قانۇن ئورگانلىرىغا چېقىپ شۇلارنىڭ چاقىرتىشى بىلەن ‹‹سۆھبەتلىشىپ، چاي ئىچىش›› كە مەجبۇر قىلدى. بەزىلەر ھازىرمۇ شۇنداق يەردە موما يەپ، چاي ئىچىۋاتىدۇ.
مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمىدىم، ئەمما ئاللاھ مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ قالدى. بەك ئىشىنەلمىسىڭىز ‹‹نۇرغۇن پۇلۇم بولسا›› دېگەن يازمامنى قايتا بىر ئوقۇپ بېقىڭ. شۇ يازمىدا سىياسى خاتالىق بارمىكەن. يەنە ‹‹ئۇستازغا مەدھىيە›› دېگەن شېئىرغا يازغان (ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ‹‹ئېلىپبە›› ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، خارابلىشىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇش كېرەك) دېگەن ئىنكاسىمدىمۇ قانداق مەسىلە باركەن. مانا مۇشۇ ئىككى يازما مېنىمۇ ‹‹ سۆھبەتلىشىشكە›› مەجبۇر قىلدى. مانا بۇلار غەيرى تەھلىل قىلىش بىلەن بولغان ئىشلار. يەنە نۇرغۇن ئەدىپلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق ئىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچالمىغاچ مۇنبەرگە يازما يوللاشتىن ئەنسىرەپ مۇنبەرگە كىرمەيۋاتىدۇ.
سىزگىمۇ ئاخىرقى قېتىم دەپ قوياي. مېنى ياخشى، يامان دەپ باھالىشىڭىزغا خۇشتار ئەمەسمەن. خالىغان تېمىغا ئىنكاسىڭىزنى يوللۇق يۇسۇندا يېزىۋېرىڭ. ياكى تور ئۇيۇنى ئويناپ كۈن ئۆتكۈزسىڭىزمۇ ھېچكىم ئىشىڭىزغا ئارلىشىۋالمايدۇ. ئەمما يەنە ئىنكاسىمنى نەقىل ئالسىڭىز مەڭگۈلۈك چەكلىنىپ كېتىسىز .
يوقۇرقى ئىشلار تېخى يېقىندا بولغان ئىشلار بولغاچقا مۇنبەردىكى <<خائىنسىمان>> مۇناپىقلار ئىنكاسىمىنى بورمىلاپ يۈرمىسۇن دەپ ئىنكاسىمنىڭ كەينىگە ئاتايىن شۇ ئەسكەرتىشنى بەرگەن. ئۇ ئەسكەرتىشنىڭ بۇ تېما ئېگىسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. شۇنداقلارغا <<كۆتۈڭنى قىسىۋال>> دېمەي ھىجىيىپ تۇرۇشۇم كېرەكمىدى؟؟؟؟؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-3 12:13 AM