xaban010 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 12:21 AM
ھە چۈشەندىم،،مېنى كەچۈرۈڭ،،سىزگە ئۇۋال قىپتىمەن،،،يە ...
بۇ يەردە توغرا يۈنۈلۈشتە ھەق گەپ قىلىپ ئىنكاس يازسىڭىز ھېچكىم سىزنى چەكلىمەيدۇ . مەنمۇ ھېچقاچان سەۋەبسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارغان ئەمەس. مەن مۇنبەردە بۇرۇنمۇ ئېيتقان، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنى ئېيتىمەن: باشقۇرغۇچىلىق مەن ئۈچۈن ھوقۇق ئەمەس بەلكى زىممەمگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت.
مەن مۇشۇ تېمىغا يازغان ئىككى ئىنكاسىمدا ئۆز كۆز قارىشىمنى ئېيتتىم. تېما يازغۇچىغا ھېچقانداق ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلەرنى يازمىدىم. چۈنكى ماسۇن تەشكىلاتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش ھەممىمىزگە پايدىلىق. بۇ جەھەتتە تېما ئىگىسىگە رەخمەت ئېيتىمەن.
ئەمما تەتۈر ئوقۇپ مەنا چىقىرىش ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىمنى ئېنىق ئېيتتىم.
مەسىلەن: سىزنىڭ مۇنبەر نامىڭىز xaban010
بۇ ئىسمىڭىز تۈركىيەلىك بىر كومىدىيە ئارتىسىنىڭ نامى. بۇ ئىسىمنى ئاڭلىغانلىكى ئادەم دەرھال شۇ كىشى رول ئالغان كىنولاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېسىگە ئالىدۇ.
خوش ئەمدى مۇشۇ ئىسمىڭىزنى تەتۈر يېزىپ باقايلى: banxa ، nabax
قېنى بۇلاردىن قانداق مەنا چىقىدۇ؟ ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلاردىن سوراپ باقساقلا بىلىمىز. ئەمما بۇ تەتۈر ئوقۇلۇشتىن ھېچكىم بۇ ئىسىمنى شابان دەپ ئوقۇيالمايدۇ. ناۋادا ئۆز ئىسىملىرىمىزنى باشقىلار تەتۈر ئوقۇپ ئىنتايىن ناچار گەپ بىلەن چاقىرسا بىز قانداق ھېسسىياتتا بولارمىز؟
نەقىل ئالسىڭىز بولىدۇ. باشقا تېمىدا نۇرغۇن تورداشلار ئىنكاسىمنى نەقىل ئېلىپ جاۋاب قايتۇردى، ئەمما ئۇلار شۇ ئىنكاسنى چۈشۈنۈپ ئاندىن نەقىل ئالدى.ئۇلار مەيلى تەنقىدى ياكى قوللاش پىكرىنى قىلسۇن مەن ئۇلاردىن كۆپ خۇرسەن. مۇنازىرە مۇنبىرى بولغانىكەن چوقۇم ئىلمى بولۇشى، باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش كېرەك.
ئەمما يوقۇرىدىكى ئىنكاسىڭىزدەك شۇ مەزمۇننى چۈشەنمەي تۇرۇپ زىتىمغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلسىڭىز مەنمۇ زۈرۈر ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇرمەن. چۈنكى بىر ئادەم ئۆزىنى قوغداشنى بىلگەندىلا ئاندىن باشقىلارنى قوغداشقا كۈچ ۋە ئەقىل ئاجرىتالايدۇ.
سىزگە بىر ‹‹ھېكمەتلىك›› سۆزۈمنى ھەدىيە قىلاي، رامكىغا ئېلىپ كارۋىتىڭىزنىڭ بېشىغا ئېسىپ قۇيۇڭ:
ئەي يىگىت، بىراۋ ساڭا ئۈرۈك بەرسە، ئۈرۈكنىلا يىيىشنى بىلىپلا قالماي بەلكى ئۈچكىسى ئىچىدىكى مېغىزىنىمۇ يىيىشنى بىلىۋال، ئۈرۈك بەرگەن كىشىدىن ئۈچكىسىنى چېقىپ مېغىزىنىمۇ چىقىرىپ بېرىشنى كۈتمە، بۇ مېغىزنىڭ لەززىتى ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆزۈڭ چېقىپ يىگەندىكى لەززەتكە يەتمەيدۇ. ئەمما شۇ مېغىزنى ئۈچكىدىن ساق چىقىرىپ يىيىش ئۈچۈنمۇ خېلى كۆپ كۈچ ۋە ئەقىل كېتىدۇ.
__ ھۆكۈمران
شۇڭا ھەر بىر ئىنسان ھەر قانداق بىر ئىش قىلغاندا ئەقلى تەپەككۈرنى ئىشقا سېلىپ توغرا يەكۈن چىقارغاندىن كېيىن ئاندىن ئىش باشلىشى كېرەك. يۇشۇرۇن مەنا ئىپادىلەنگەن سۆزلەرنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇن باش قاتتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىنكاس يېزىۋاتسام باش سۆرىتىڭىز ھىجىيىپ قاراپلا تۇردى.(خۇددى نەقىل جاۋاب يازىمەن دېگەندەك) قېنى جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-4 10:20 AM