sargarda يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 08:26 PM
بىر تۇنۇشۇم بار . ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلغۇم كىلىد ...
شۇنداق دوستلىرىمىزغا ھەقىقەتەنمۇ ھېسداشلىق قىلماي تۇرالمايمىز. لېكىن بەزى ھازازۇل ئاياللارغا ئەرلىك غۇرۇر كار قىلمايدۇ. ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ، سەۋر قىلىپ، ئاللاھتىن ئىنسابىغا دۇئا قىلىش بىز قىلالايدىغان زور تېرىشچانلىق.
1. ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلۇللاھ قۇرئان ۋە ھەدىس مەزمۇنلىرى ئارقىلىق ئەھلى ئاياللارنى ئاسراش، ئۇلارغا قوپاللىق قىلماسلىق، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى بۇيرىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۆز ھەدىسىدە: شېرىك بولۇپ قالمىسۇن دېمىسەم، ئاياللارنى ئەرلەرگە باش ئۇرۇشقا بۇيرۇيتتىم، دېيىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە شەرتسىز بويسۇنۇشىنى يوليورۇق قىلغان.
بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، مۆمىن، يۇۋاش، ئەخلاقلىق ئاياللىرىنى ئات-ئېشەكتەك خارلايدىغان، ئۇرۇپ-تىللايدىغان ئەرلىرىمىز، ئەرلەرگە بويسۇنۇشتەك بۇرچتىن باش تارتىپ ئەرلەرگە تەڭ تۇرۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىپ، ئەرلەرنىڭ ئەرلىكىنى يەربىلەن تەڭ قىلىپ قويۇۋاتقان ئاياللىرىمىز ئۆزىنى چوقۇم بىر تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەك.