HAPKIZ يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 05:43 AM
خوتۇن ئىلىشىڭ كوچىدىن
تۇزى ۋىلىشىڭ ئۇزۇڭدىن
دەپتىكەن ...
بۇرادەر ئاساسىي يوق گەپ قىلماڭ ! بەزى گۈدەك بالىلار ئىش ئوخشايدۇ دەپ
قىلىپ يۈرمىسۇن يەنە ؟
چاياننىڭ ئادىتى ئادەم چىقىش . سىز بىر پاھىشىنى ئىلىپ تۈزەپ ئادەم قىلالامسىز ؟
كۆپىنچە ئىشلار ئىنساننىڭ ئادىتى ، تۇغما خاھىشى بۇيىنچە مېڭىۋېرىدۇ .
بىز بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئاجىزدۇرمىز . خۇدا كۆڭلىگە ئىنساب بېرىپ ، ئۆزىنى ـ ئۆزى
ئۆزگەرتىمىسە ، بىز باشقىلارنى ئۆزگەرتەلمەيمىز . بەلكىم ۋاقىتلىق تىزگىنلەپ تۇرالارمىز .
ئەمما يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۇ ئۆز خاھىشى بۇيىنچە ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ .
مەسىلەن : دەرەخنىڭ ياۋا شاخلىرىنى كىسىپ ، قىرقىپ تۇرسىڭىزمۇ كۆپ ئۆتمەيلا
ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئىچكى خاھىشى بۇيىنچە يەنىلا ئۆزى بىلگەنچە ئۆسۈۋېرىدۇ .
بىر ئادەمنىڭ ئادىتى ، ئىچكى خاھىشىنى ئۆزگەرتىشتىن تاغ يۆتكىمەك ئاسان .
باشلانغۇچنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە مۇنداق بىر مەسەل بار ئىدى .
بىر كۈنى بىر ئادەم توڭلاپ قالغان يىلانغا ئىچ ئاغرىتىپ قوينىغا سېلىپ ئىسسىتىپ
قويماقچى بولىدۇ . ئەمما ئۇ يىلان ھۇشىغا كىلىپ ھېلىقى كىشىنى چېقىپ ئۆلتۈرۈپ
قويىدۇ .
سىز دېگەن خۇتۇننى كوچىدىن ئال ،
تۈزىۋىلىشى ئۆزۈڭدىن .
دېگەن گەپ ، بىر قىسىم پاھىشىلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ، بىرەر بوتۇلكا
ھاراق ئۈچۈن ۋەزخانلىق قىلىپ يۈرىيدىغان گەپدان كىشىلەرنىڭ تاپقان گېپى .
بىز بىز يەنىلا ھەر قانداق كىشىلەرگە قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم ، ھىسداشلىق
قىلساق بولىدۇ .