بۇ تېمىنى كۆرۈپ ‹‹ مەن ساقمۇ ›› دەپ يۈزۈمنى چىمدىپ باقتىم .
ئەسلى قېنىمدا دولانلىقنىڭ قېنى ، زەرەپشان دەرياسىغا چۆمۈلۈپ ، بېلىق تۇتۇپ
يەپ ئاشۇ دىياردا توپا كىچىپ ئويناپ چوڭ بولغان مەندەك دولانلىقنىڭ
سەنئەتنى سۆيمەسلىكى ، ياقتۇرماسلىقى مېنى خېلى ئويلاندۇرۇپ قويدى .
بەزى قىزلارنىڭ : ‹‹ تىرىك مۇردا ›› دېگەنلىكىدىن ئازراق بىر ئىشنى ھىس قىلغاندەك
بولدۇم .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ، ياردەردى ، تاشلاپ كەتتى ، ئايرىلدىم ، كۈل بولدۇم
ئۇ بولدۇم ـ بۇ بولدۇم ، ۋاپاسىز ، ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن ... دېگەندەك تۇترۇقسىز
ناخشىكەشلەرنىڭ كۆپلىكى ... لىكىن ، ئەر بولۇپ بىرەر سورۇندا ئېچىلىپ بىر
قېتىم ئۇسۇل ئويناپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن .
ئانچە ـ مۇنچە سەنەۋۋەر تۇرسۇن ، ئابدۇرىھىم ھېيىت ، ئابدۇللانىڭ ناخشللىرىنى
ئاڭلاپ قۇيىمەن بولمىسا ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-6 06:08 PM