مۇشۇمۇ تېما بولدىمۇ ئەمدى.
ھاياتلار تىركىچىلكى بىلەن ئۆلۇكلەر قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتىدۇ. شۇ.
تەسكىن ئەپەندىم. بۇ خۇددى سىزنىڭ ( تاكسى شوپۇرلىرى شۈكۈر قىلىڭلار...) دىگەن تىمىڭىزغا ئوخشاشلا مۇھىم تىما بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراقتۇر بەلكىم. چۈنكى، سىز نارازى بولغان شۇ تاكسى شوپۇرلىرىمۇ ئاساسەن يىگىتلەردۇر. ئەگەر شۇلاردا ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت بولسا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئۆلچەمدىن سرت ھەق ئالمىغان، ئاللاھنىڭ ھەم يۇلۇچىلارنىڭ رازىلىقىنى ئىستىگەن بۇلاتتى. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس.مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ يۈرەكلىرى ۋەتەن-مىللەت ئىشقىدا يانغانلىرى نۇرغۇن. ئەمما يامان بولغىنى ھەق سۆزلىگۈچى غېرىپ بۇلىدىغان ئەھۋال ئارىمىزدا شەكىللىنىپ قالدى. بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس. بۇ يامان ئىشنىڭ ھىمايىچىلىرى كۆپ دىگەنلىك. دىمەكچى بولغۇنۇم بىز يىگىتلەر دىنىمىزنىڭ ساپلىقىغا ،قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ پاكلىقىغا،جەمىيەتنىڭ توغرا يۈنۈلۈشكە مېڭىشىغا،قەۋمىمىزنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل بۇلىشىمىز كىرەك.