مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: makanim75

يىگىتلەر نىمىش قىلىۋاتىدۇ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 04:01:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bzkm يوللىغان ۋاقتى  2012-11-29 03:41 PM
يىگىتلىرىمىزنىڭ مەسئۇليەەتسىزلىكىدىن، قىزلىرىمىزنىڭ ...

بەرھەق

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12639
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2125 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 01:13:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە   شۇ قىلچە ئەھمىيىتى يوق -ئەخلەت تېما.
   بىز ئۇيغۇر ئەرلىرى نېمە بوپتۇق؟  مېنىڭچە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەرلەر ناھايتى نۇرمال پەقەت مۇشۇ تېما ئېگىسىگە ئوخشاش سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەن، ۋەياكى ئۆزنىڭ ئەرلىكدىن ئاغرىنىپ قوش جىنىسلىشىشا يۈزلەنگەن بىر قىسىم  ياشلرىمىزلا قەدىم زاماندىكى چىن تۆمۇرباتۇرلار بىلەن ھازىرقى قاتمۇ قات بېسىم ئاستىدا ياشاۋىتىپمۇ بىر ئۆينى گۈلدەك ئايلاندۇرۋاتقان ئۇيغۇر ئەرلىرنى سېلىشتۇرۇپ يوقىلاڭ ئىشلارغا خۇرسىنىدۇ، بۇ پەقەت شۇ بىر قىسىملارنىڭ جەمئىيەتنى كۆزتىش ئىقتىدارنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلكىنى بىلدۇرىدۇ خالاش.
قاچانلا قارىسا ئەرلەر ئانداق ئەرلەر مۇنداك ،سۆكۈشتىن باشقا نەرسە يوقمۇ زادى.ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى  ئۆز مىللىتىدىكى ئەرلىرنى سۆكسە ئېلىمىزدىكى باشقا 55 مىللەتنىڭ قىز-ئاياللىرى بېشىغا ئېلىپ كۆتۇرىدۇ ئەمەسمۇ.خۇددى بىزدىكى ئەرلەر 56 مىللەت بويچە ئەڭ زەئىىپ، بىزدكى ئاياللار 56مىللەت بويچە ئەڭ جۇشقۇن ،ھايالىق بولغىندەك، خەن ئاياللار بۈگۈنى ئۇچىسىغا بىرنەرسە ئارتىسا بىزنىڭ ئاياللىرىمىزدىمۇ شۇ،ئاددىيىسى يۈزنى يۈزىگە يېقىپ كۆرشۇش- نەدە بىزدە بۇنداق ئادەت بارتى.ئەمما ئەرلەرچۇ،خەن ئەرلىرى كەيگەن ھەننىۋا نەرسىنى ئۇچىسىغا ئارتىيۋەرمەيدۇ.

ئانا تىل  ،مىللىي كىيىم كېچەك، ئۆرۈپ ئادەت بۈزۈقىچىلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنە شۇ....
مىللەت سۆيەر ئاياللرىمىزدىن。

قايناپ سالدىم، ئۆزىمىزنى سۆكىۋەرمەيلى، ھېلمۇ سىرتتىن سۆكۈلۈپ، ئىچىدىن تىتىپ ئاز قالدى بىچارە ئەرلەرنىڭ ھالى....



قەدىكمى ئەركەكلەرنى دورايمەن دەپ  ۋۇ سوڭدەك لىياڭشەن داۋىنغا يولۋاس ئۆلتۇرگىلى بارمدۇق...چىن تۆمۇر باتۇردەك باشقا ئەل لەشكەرلرنى ئىزدەپ ماڭامدۇق....

بۇلار يىڭى زاماندا ئاقمايدۇ.

ئۆز رازىلقى بىلەن  باشقا دىندىكى مىللەت ئەرلىرىگە ياتلىق بولغان  تۈمەنلىگەن  خوتۇن-قىزلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سەپ تارتامدۇق.ئوچۇق كىينگەن قىز-ئاياللارغا  نەسھەت قىلمىز دەپ ئۆلگۈدەك سېسىق تىل ئىشتەمدۇق .......

ھازىرقى زاماننىڭ ئەركەكلەرگە بولغان چەكلىمىسى:
پىچاق ئاسسا  ئامانلققا خىلاپ دەپ ساقچى تارتىدۇ.
ساقال قويسا دىننىي تەرغىبات دەپ كۆزىگە كىرشىۋالىدۇ.
بۇرۇت قويسا مۇئاشڭنى كۇلايمەن دەپ قورقاق سالىدۇ....
يەكتەك، كۇلا كەيسە دىننى كيىم دىيلدۇ..
ھەي بىچارىلىك!

كىم چەكىلدى:
  ئاياللاردە بولۇشقا تېگىشلىك يىڭنە تۇتۇشنى.........
كىم چەكلدى كۆكسى ، يوتىسنى ئوراپ مېڭشنى.....
كىم چەكلىدى چېچىنى قارا رەڭدە ساقلاشنى.....
كىم چەكلدى توي قىلغاندا ئاددىي ساددا بولۇشنى....
  

يەنە شۇ گۇناھ ئەرلەردە ھە......
ھەي بىچارە ئەرلەر، ھېىلمۇ ئومومىي مىللەت قۇرۇلمىمىزدا ئەرلەر ساننىڭ بارغانسىرى ئارقىغا قاراپ چېكنىشى....


ئاۋۇ سىگان مىللتى توغىرىسدا ماتىرىيال كۆرۈڭلار:
ھازىرقى سىگانلارنىڭ مۇقىم دۆلتى ھەتتا تۇپرقى يوق، ھازىر ئۇلار ھارۋىلاغا ئولتۇرۇپ چىدىر تىكىپ ناخشا توۋلاپ، تىلەمچىلىك قىلىپ  ھايات كەچۈرىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلقى  بويىغا يەتكەن سىگان قىزىلىرى ئۆز مىللتىدىكى يىگىتلەرنىڭ توي تەكلىپنى ھار ئالدىكەن:-ئۇلارنى سېسىق پۇرايدۇ، نامرات، بوشاڭ دەپ ھېسابلاپ يات مىللەتتىكلەرگە قۇل ھېسابىدا ياتلىق بولۇشقا رازىكەن، ئىردىلىك سىگان يىگىتلىرى بولسا چىلىم -بىلەن نەشنى بولىشغا چېكىپ ھەسرىتىنى ناخشا بىلەن ساپايىدىن چقىرىدىكەن،پەقەت باشقا مىللەت پۇلدارلىرى پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتكەن سىگان قىزلىرى بۇلارنىڭ ھەمرايى بولىدىكەن شۇڭا بۇمىللەت ئىسپانىيە، تۈركىيلەردە قوغلاندى قىلىندى، ب د ت مانجۇ بىلەن سىگان مىللتىنى 10 يىلغا قالماي يوقىلدىغان مىللەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ قوغداش تەشەببۇسنى چىقاردى.....خۇدا ساقىلسۇن بۇ قىسمەتكە قالغىلى، ئەمما ئاياللار ئەرلەنى، ئەرلەر ئۆزنى سۆكۈۋۈرسە بۇ ئوخشاش قىسمەتمۇ يىراق ئەمەس.....


مەنچە بولغاندا،ۋىجدانىغا يۈزكېلەلەيدىغان، مىللىتنڭ تىلنى  دىننى قەدىرلىگەن،ئانا تىلدىن باشقا يەنە بىر ئىككى تىلنى مۇكەممەل بىلگەن، ياخشى ئوقۇپ ياخشى شارائىتلىق خىزمەت تاپقان، ئەل-جامائەت بىلەن ئەپ ئۆتكەن،دوستلۇقىنى قەدىرلەيدىغان، مىللىتى ئۈچۈن ئازتولا ئىش قىلىپ بىرەلىگەن،  كەيىپ ساپادىن ئامال بار يىراق تۇرۇپ،ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك خوتۇن قىزلىرنى ياخشى باشقۇرغان.مۇقىم ئىقىتىسادىي  كىرىم مەنبەسى بولغان ، ئاز تولا نەتىجە قازانغان ،بىرلا ئايالنى قەدىرلەپ ياخشى  پەرزىنىتلىرىگە  ياخشى  ئاتا بولاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى- يىڭى زاماننىڭ ئەركەكلىرى ........قالغانلىرى ھەممىسى ئوسرۇق گەپ.


خۇداغا شۈكرى  باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۆيۈك  مىللتىمىزدە ھەزىلكەش، قوشجىنسىلىق ئەركىشى ناملىق ھايۋانلار ناھايتى ئاز ساندا .
بىر قسىم ياشلاردىن ئۈمىدىم : قەدىمكى ئاتالمىش ئەركەكلەردىن بولىمەن دەپ ئۆزنى تۈگەشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا قەدىمىقىنى ئەينەك قىلىپ ، بۈگۈننى ئاساس قىلىپ ئەتنى كۆزلە پ ئىمان-ئىخلاس بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىپ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كومپىيوتېر ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىنىپ  بىلىم ئىگەلەپ،شۇ ئارقىلىق نامرات تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمد قىلىمەن .

ھازىر بىر قىىسىم يىزا ياشلىرى كەسىپ ئېگەللەپ دىلكارلىق ئۆي زىننەتلەش، تاكسىيچىلىقتەك كەسپلەر بىلەن جېننى گۈلدەك جان ئېتىپ كېلىۋاتقان بولىسمىۇ، يەنە بىر قىسىم بىكارچى يىزا ياشلىمزدا ئەۋىج ئالغان بېكار ۋاقتتا قىمار ئويناش،ھاراق ئىچىش نەشە چېكىش، پۇل تاپسىلا شەھەرگە قاتراپ پاھىشخانا ئىزدەشتەك يامان قىلمىشلاردا بولماقتا،  ئۈمىدىم :ناشايان ئىشلاردىن  يىراق بولۇپ كەلگۈسىڭلار ،نامرات ئائىلەڭلار ئۈچۈن تىرشىڭلار.مانا شۇنىڭ ئۆزى  يىزىچەئەركەكلىك .

.شەھەر ياشلىرى-ئىمان ئېتقادىڭلارنى رۇسلاپ، نەزەر دائىرەڭلارنى بېيتىڭلار ،بېكار تۇرماڭلار  مەسچت چۆلدەرەپ قالمىسۇن،ھازىر  پۇل دېگەن بۇ نەرسە بارغانسىرى بىزگە كەيننى قىلۋالغلى تۇردى، پۇرسەت تۇتۇپ قەددىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار. ئائىلدە ئايالىڭلار باللىرىڭلارنى ياخشى باشقۇرۇڭلار.مەينەت جايلاردىن تېخىمۇ يىراق تۇرساڭلار مانا بۇ شەھەرچە ئەركەكلىك.

  خىزمەت داۋامىدا كۆزەتىكنىمگە قارىغاندا،ھازىر ،ھەر ۋاخ  ناماز،جۇمە كۈنلۇكى شەھەرلەردىكى مەسچىتلەردە ئادەم مىغ-مىغ. يىزا مەسچىتلىرى چۆلدەرەيدىغان،رامزاننىمۇ كۆپنىچى يىزا تەرەپلەردە ئانچە ئېتىبارغا ئالمايدىغان بولۇپ كېتىۋېتىپتۇ،رامزان مەزگىلدە ئاشخانىلاردا چېيىقماي لەغمەن چاينايدىغان يىزدىن كىرگەنلەر خېلى كۆپ ئىكەن،مەينەت جايلاردا ھاراقنى بولىشغا ئىچىپ شەھەر كوچىلرىدا يىتىپ قالدىغانلارنىڭ ئوندىن توققۇزى يىدىن كىرگەن قېرىنداشلار ئىكەن،مۇندا دېگنىم يىزىدىن كىرگەنلەر ئەسكى دېگىنىم  ئەمەس ئەمما بۇ رىئاللىق،ئەيدىزدېگەن بۇ نىجىس ئەرلەرگە نىسبەتەن يىزا ئەرلىرىدە كۆپ سانلقىنى ئېگەللشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ بولسا كىرك .


ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم شەھەر ياشلرىمىز ئالدىراش خىزمەت، ئۆگىنىش ،تىجارات ئىبادەتنى ئۆزنىڭ كۈندىلىك پائاليەت مەزنۇنى قىلپ بېكتىكەن، بولۇپمۇ بىزنىڭ يەكەندە شۇنداق.شۇڭا مەسچىتلرىمىزدە جامائەت سانجاق، بازارلار ئاۋات.شەھىرىمىز ھەر ھالدا پاكىز.

ئەمدى سەت بولىسمۇ دەۋىرەي: "كونىلار ھېڭگايمىسا دىڭگايمايدۇ"دەپ بېكارغا ئيىتمىغان ياغلقىنى ئوبدان ئاتىپ ئۇيەر بۇيىرنى ئوچۇق قويماي ماڭغان ھايالىق ئۇيغۇر قىزىغا قانداق بىر تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇر يىگىتى پەخىرلىنىش ئىچىدە قارىمايدىكەن.ئوچوق قويۇپ  ماراتقۇزۇپ يۇرگەنلەر ئاشۇنداق دىڭگايىتمىغانلارنى دېڭگايىتدۇ،  ھەۋۋا ئانمىزمۇ دەسلەپتە ئادەم ئاتىمىزنى ئازدۇرغاندەك،قىزئاياللار يەنىلا كۆپ قسىم سەۋنلكىنى ئۆزىدىن ئىزدىشى كېرەك .دەپ قارايمەن

تېما ئىگىسى كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن سىزگە دارىتىملاۋاتقىنىم يوق پەقەتلا ھەدېسىلا ئەرلەر ئۇنداق، ئەرلەر مۇنداق دەيدىغان بىر قىسىم  خەنزۇتىلىنى ئارلاش سۆزلەيدىغان ئۇيەر بۇيېرى ئوچۇق يىڭى زاماننىڭ «نۇزۇگۈم»لىرى، ۋە ئەر بولۇپ تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلغاندەك ھەدېسىلا ئۆزنى سۆكىدىغان ئەر-ئوغۇللارغا بىر ئاز چاچرىۋالغۇم كەلدى.

بىرقسىم داتلايدىغان ئەرلەرگە  سۆزۈم:---ئەركەكلىكنى ئۆزىڭىدىنلا باشلاڭە،تۈززۈكرەك ئوقۇپ دننىي پەننىي بىلمىڭزنى ياخشلاپ ،ئوبدان كىيىپ ،ياخشى خىزمەت تېىپپ ،قەۋىمىڭىزنى ياخشراق كىيندۇرۇپ، يۇرىت-مىللتىڭىزگە ياخشى ئىش قىىلپ بىرىڭە ،شۇنىڭ ئۆزى-ئەركەكلىك.!



باشقۇرغۇچىغا تەۋسىيەم:
بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق مىللەتنى، ئەرلەرنى، ئاياللارنى سۆكىدىغان تېمىلارنى چەكلەپ ، ئەخلاق ،دىنني ،پەننىي جەھەتتە بىزگە پايدىسى تېگىدىغان تېملارنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   teskin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 05:14 AM  


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3904
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 04:54:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر ئەسلى مۇنداقمۇ تىمىلىرىڭىز باركەن ھە !  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن تولىمۇ توغرا پىكىر !

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش