مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇل ئېلىشتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7717
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2338 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 08:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە بانكىغا چىسەم، بىر پىنسىيونىر مائارىپچى «ئاللى توۋا، ما كارتام مېنىڭ ئەمەسكىن، بايا بىر يولداشقا پۇل ئېلىپ بېرىڭ دەپ بېرىپتىم، پۇل يوقيا» دەپ قاقشا ۋاتاتتى. بانكىنىڭ ئامانلىق خادىمى تەپسىلاتىنى سورىدى. ئۇ پىنسىيۇنىر:« كارتىنى ئۇنىڭغا بەگەن، ئۇ، بىژدەم ھەپىلىشىپ، ئاينا، كارتاڭ قالدى» دەپ كەتتى. ساقلاپ تۇسام پۇل چىقمىدى، يەنە باشقىلارغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسەم، مەخپى شىفىرى خاتا دەيدۇ. تازا قايلىسام كارتا مېنىڭ ئەمەسكەن...» دىدى. ھېلىقى ئامانلىق خادىمى ناھايىتى ئاچچىقلاپ كەتتى:« ھې ئاكا، مەن مىشەدە نەچچە چۆگىلەپ ژۈدۈم، بىژ ئېغىز مۆرەپ قويمايلا، ئوبدان بولاپتا، بۇرتۇمدىنمۇ تونۇمىلىما؟ مەندەكلەردىن كوسا، گازىر كۆز، خام قاپاقلارنى ئىشەنچىلىك دەپ بەرگەندىكىن ئوبدان بولاپتا، قايلىسىلا، ئى دوقمۇشتىن ئۆتسىلە شۇ يەردە ساقچى ئىدارىسى بار، پەقەت تاپاممىسىلا يولدا كېتىپ بارغان بىرەرسىنىڭ گەدىنىگە بىرنى قويسىلىرى، ھايال يوق تاپىلا، شۇيەگە چىرىپ ئەھۋالنى دىسىلە، ئاكىلىرى كېلىپ بىزگە بۇيرۇق قىلسا ئېۋۇ ئىلمىشىپ قاغان سۈرەتنى كۆرەپ باقىلى، ئالدار كوسىنى تېپىپ قالامىز» دىدى، ئاندىن سۆزلەپلا كەتتى:« بىزخەقتىمۇ با، نېمىش بولسا خەققە ‹ئاكا، مانداق قىلىپ بېرىڭ› دەيمىزۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىدىن خۇددى ئوغرى، يانچۇقچىدىن ئەنسىرگەندەك خۇدۈكسىرەيمىز. فورمامنى بولسىمۇ كۆمىگەندىمۇ ماۋۇ ئاداش»........................

پۇل ئالغاندا كاشىلا كۆرۈلگەندە ئالدىراپ كېتىپ قالمايلى، ئالدىراپ باشقىلارغا پۇل ئېلىشنى ھاۋالە قىلمايلى، ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمۇ با بوغاندىكىن، شۇ بويىچە باسساق بولىدا.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18110
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 08:16:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقاپ كىتىشى تارىخى مۇقەررەرىك بولسا بۇنى بىز پۇل ئالغاندا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش بىلەن ساقلاپ قالالامدۇق؟

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3751
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 577 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 08:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 07:42 PM
بانكا قىسقا ئۇچۇر كەسپىنى ئېچىپ قويۇڭ  ، كارتىڭىزدىكى  ...

3يۈۋەن پۇلنى بانكا كارتىسدىن بانكا ئالامدۇ ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىش ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشى شىركىتىگە ئوخشاش خەۋەرلىشى شىركەتلىرى ئالامدۇ ؟ مىنىڭ كارتامنىڭلمۇ شۇخىل كەسپى ئوچۇق ، بانكىدىن پۇل ئالسام ياكى پۇل قويسام ئۇچۇر كىلدۇ ، ئەمما 1پۇڭمۇ ھەق تۇتۇپ باقمىدى ، چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25695
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3420 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 09:54:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق كۆرسەتمىلەركەن ... رەھمەت...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 686
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 10:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 08:03 PM
ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش - قويۇش ماشىنىسىدا 4 يەردە كۈزىتىش ...

سىز بانكىدا ئشلەمسىز ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  دوسلار ياخشىمۇسىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 686
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 10:07:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 08:18 PM
3يۈۋەن پۇلنى بانكا كارتىسدىن بانكا ئالامدۇ ياكى كۆچمە ...

سىزنىڭ كارتىڭىز قايسى بانكىنىڭ ...... ئامانەت قەرىز كوپراتىپىنىڭ  تېخى   ئۇچۇر كەسپىگە پۇل تۇتمايدۇ ،پۈۈنلەي ھەقسىز ،باشقا بانكىلار ئاساسەن ئايدا ئۈچ  يۈەن تۇتىدۇ.....

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  دوسلار ياخشىمۇسىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45463
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4144
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1012 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 10:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخش بىلىملەر ئىكەن،رەخمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17442
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1460 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 08:18 PM
3يۈۋەن پۇلنى بانكا كارتىسدىن بانكا ئالامدۇ ياكى كۆچمە ...

بانكا قىسقا ئۇچۇر كەسپىنىڭ ئايلىق ھەققىنى بانكا ئالىدۇ  . يەنە بانكا سىزنىڭ كارتىڭىزدىن ئاپتۇماتىك تۇتۇپ قالىدۇ  .  بانكىلارمۇ ئوحشاش ئەمەس بەزىلىرى ئاي بويىچە تۇتىۋالىدۇ  ، بەزىلىرى بىر يىللىق پۇلنى بىر  قءتىمدىلا كاتىڭىزدىن تۇتۇپ قالىدۇ  .
   بانكا قىسقا ئۇچۇر كەسپىنىڭ باشلىنىش نوحتىسى  10 كوي بولۇدۇ  ، 10 كويدىن تۆۋەن كىرىم - چىقىمعا ئۇچۇر يوللانمايدۇ  .
بانكا كارتىڭىزدىن 3 كوي تۇتۇپ قالسا ، سىزگە ئۇچۇر كەلمەيدۇ  . ئەگەر تەپسىلى ھىساۋاتنى سۉرۉشتۉرمەكچى بولسىڭىز كىملىكىڭىز بىلەن كارتىڭىزنى بانكىعا بءرىپ ، تەپسىلى ھىساۋاتنى بانكا بءسىپ چىقىرىپ بەرسە  ، كارتىڭىزدىن چىقىم بولۇپ كەتكەن ئۇچۇر ھەققىنى كۆرەلەيسىز   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17442
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1460 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
banker625 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 10:04 PM
سىز بانكىدا ئشلەمسىز ...

مەن بىر قانچە يىل بانكىدا ئىشلىگەن  ، ئاپتۇماتىك پۇل ئءلىش قويۇش ماشىنىسىنىڭ  ئاچقۇچ  مەحپىي نۇمۇرلىرىنى  باشقۇرعان  .  پۇل سالعان  ،  ھىساۋاتنى بىر تەرەپ قىلعان  ،  نۇرعۇن قءتىم كامىرانى كۆرگەن  ،  حءرىدارلارنىڭ  چىقىم بولمىعان پۇللىرىنى بىر تەرەپ قىلعان   .
نەچچىسى بىلەن  سەن  - پەن دىيىشىپمۇ قالعان   .  نەچچە ئادەمنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئءلىش ماشىنىسىدا  باشقىلار تەرىپىدىن زىيانعا ئۇچراپ ھۆر  - ھۆر يىعلاپ كەتكىنىنى كۆرگەن   .
ئاپتۇماتىك  پۇل ئءلىش ماشىنىسى يۇتۇۋالعان كارتىنى سانسىز قءتىم بىر تەرەپ قىلعان   .
  
مەن ھازىر بانكىدا ئەمەس  ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت قۇردۇم   .  مەن ھازىر شۇ شىركەتنىڭ ئۆزەم مەسئۇل بولعان دائىردىكى بارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17442
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1460 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:36:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىرلەر


مۇھەممەد تۇراپ


بانكا كارتىسى پۇل ئامانەت كارتىسى ۋە ئىناۋەتلىك كارتا، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. پۇل ئامانەت كارتىسىدا ئاۋۋال پۇل قويۇپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۇ پۇل قويۇش، پۇل ئېلىش ۋە چىقىم راسچوتى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، پۇلنى قالدۇقتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلغىلى بولمايدۇ. ئىناۋەتلىك كارتىدا پۇل ئامانەت كارتىسىنىڭ ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت، كارتىدىكى پۇلغا قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئۆسۈم نورمىسى بويىچە ئۆسۈم بېرىلىدۇ، بانكا كارتا ئىگىسىگە مەلۇم ئىناۋەت سومما چەكلىمىسى بەلگىلەپ بېرىلىدۇ، كارتا ئىگىسى ئىناۋەت سومما چەكلىمىسى ئىچىدە ئاۋۋال ئىستېمال قىلىپ ئاندىن پۇل قايتۇرىدۇ، ئەمما قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن مەزگىلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەيدۇ.

ئېلىمىزدە بانكا كارتىسى كەسپىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بانكا كارتىسى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان  بولدى. ئەمما بانكا كارتىسى ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىم راسچوت ئېھتىياجىغا  قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، بەزىلەرنىڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. شۇڭا بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورۇنسىز زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. بانكا كارتىسى بىلەن پىششىق تونۇشۇڭ. كارتا بېجىرگەن بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى، شۇ بانكىنىڭ تور بېكىتى، بانكا بەلگىلەپ بەرگەن ئىناۋەتلىك سومما ئۆلچىمى ۋە يېقىنقى مەزگىللىك ئىستېمال ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ، ئەگەر گۇمانلىق ئەھۋالنى بايقىسىڭىز كارتا تارقاتقان بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىڭ ياكى بانكا تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈڭ. باشقىلارغا كىملىك نومۇرىڭىز ۋە بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى ئاشكارىلىماڭ.

2. قىسقا ئۇچۇر  كەسپىنى بېجىرىڭ. بانكا كارتىسى بېجىرگەندە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈش كەسپىنى ئاچقۇزۇپ، يان تېلېفون نومۇرىڭىز ئۆزگەرگەندە بانكىنى ئۆزگەرگەن ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىز بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەڭ.

3. بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكنى بىللە ساقلىماڭ. كىملىك بىلەن بانكا كارتىسى تەڭلا يىتتۈپ كەتسە مەبلەغنىڭ زىيانغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكنى بىللە ساقلىماسلىق كېرەك. ناۋادا بانكا كارتىسى ۋە كىملىك يىتتۈپ كەتسە ياكى ئوغرىلانسا دەرھال بانكىغا مەلۇم قىلسىڭىز كۈتۈلمىگەن زىياندىن ساقلىنالايسىز.

4. بانكا كارتىسىدىن ئىستېمال قىلغاندا ئالاھىدە ھوشيار بولۇڭ. كۆپ ساندىكى بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقى ئىستېمال ھالقىسىدا كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە بانكىلار بىرلەشمىسىنىڭ پوسىجىلىرى ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، كارتا سىيرىشتىن بۇرۇن بۇ پوسىجىنىڭ بانكا بىرلەشمىسىنىڭ پوسىجىسى ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئاندىن  پۇل تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ پۇل سىيرىش قېتىم سانىغا، ئەتراپتا گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، مەخپىي نومۇر ۋە كارتىنىڭ يىتتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تاپشۇرۇپ ئالغان كارتىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، بانكا  تارقاتقان قىسقا ئۇچۇرغا ئاساسەن پۇل قالدۇقىنى تەكشۈرۈڭ.

5. ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالغاندا ئەتراپقا دىققەت قىلىڭ. ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالغاندا ئەتراپتا گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، مەخپىي نومۇر كىرگۈزگەندە قولىڭىز بىلەن توسۇۋېلىڭ. پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن پۇل ئېلىش قەغىزىنى خالىغانچە تاشلىۋېتىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پۇل ئېلىش قەغىزىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىڭىزنى تەقلىد قىلىپ ياسىتىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ.

6.  بانكا ئەۋەتكەن ھېساب تالونىنى ياخشى ساقلاڭ. بانكا كارتىڭىزدىكى پۇلنىڭ  قالدۇقى بىلەن بانكا ئەۋەتكەن ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونىدىكى پۇل قالدۇقىنى سېلىشتۇرۇڭ، ئەگەر مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىستېمال ئەھۋالى بايقالسا، دەرھال بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ، بانكا كارتىڭىزنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىلىشى ياكى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

7. يان تېلېفوندىكى قىسقا ئۇچۇلارغا يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ قالماڭ. ئەگەر يېقىنقى مەزگىلدە كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلمىسىڭىز، ھېسابتىكى ئىستېمالىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىغا ئىشەنمەڭ ھەم قىسقا ئۇچۇردىكى مەسلىھەت بېرىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلماڭ، ئەگەر گۇمانلانسىڭىز قىسقا ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى ياكى تىجارەت زالىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

8. تور بانكىسىغا چىققاندا ئېھتىيات قىلىڭ. تور بانكىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن، كومپيۇتېرىڭىزغا ۋىرۇس تازىلىغۇچى دېتال، تور بانكىسىنى كونترول قىلىدىغان بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى قاچىلاڭ، تور بانكا بېكىتىگە چىقىدىغاندا، شۇ تور بېكەتنىڭ تور بانكىسىنىڭ بېكىتى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن چىقىڭ.

9. بانكىلارنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىنى  بىلىۋېلىڭ. بانكا بىلەن ئالاقىلىشىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن،  بانكىلارنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن  ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىنى بىلىۋېلىڭ. سودا -  سانائەت بانكىسى 95588؛ يېزا ئىگىلىك بانكىسى 95599؛ جۇڭگو بانكىسى 95566؛ قۇرۇلۇش بانكىسى 95533؛ قاتناش بانكىسى 95559؛ سودىگەر چاقىرىش بانكىسى 95555؛ خۇاشيا بانكىسى95577؛ پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى 95528؛ گۈللەندۈرۈش بانكىسى 95561؛ شەرقىي ئاسىيا بانكىسى  8008303811؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا بانكىسى 96518؛ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپ بىرلەشمىسى 0991-2356708؛ پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى 95580.




https://uyghur-archive.com/misranim/thread-85937-1-1.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش