yawaat0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 08:07 PM
ئۆتكەندە بانكىغا چىسەم، بىر پىنسىيونىر مائارىپچى «ئال ...
ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش - قويۇش ماشىنىسىدا ،ئۆزى مەشغۇلات قىلماي ، كارتىسىنى باشقىلارغا بىرىپ ، مەخپىي نومۇرنىمۇ دەپ بىرىپ ، ئاخىرىدا باشقىلار پۇلى يوق قۇرۇق كارتىنى ، كارتا بەرگۈچىگە بىرىپ ، باشقىلارنىڭ كارتىسىنى تىقىۋىلىپ ، ئارقىدىن پۇلىنى ئېلىۋالغان ئىشلارنى تولا كۆرگەنمەن .
كارتىنىڭ ئالمىشىپ قالغىنى بىلگىنىدە ، پۇل ئاللىقاچان باشقىلارنىڭ بوپ بولغان بولۇدۇ .
بۇنداق ئەۋالدا ، كارتا ئىگىسى ج خ ئورنىغا بېرىپ دىلو مەلۇم قىلسا بولۇدۇ . ج خ ئورۇنلىرىدىن كېلىپ دىلو ئۈچۈن ، بانكىغا دىلوغا ئائىت كامىرا خاتىرىسىنى كۆچۈرۈپ بىرىشنى ئۇختۇرۇدۇ ، بانكا تەرەپ مۇناسىۋەتلىك دەپتەرلەرنى تولدۇرۇپ بولۇپ ، سىنئالغۇ خاتىرىسىنى ج خ ئورنىغا كۆچۈرۈپ بىرىدۇ . ج خ ئورۇنلىرى ، ھېلىقى ئالدامچىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ ، پۇل بولسا ئېلىپ بىرىدۇ ، پۇل بولمىسا تۇرمىگە تاشلاپ بىرىدۇ .
پۇلنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئۆز پۇلىغا ئىگە بولالمايدۇ .
شۇڭلاشقا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش قويۇش ماشىنىسىدا كەسىپ بىجىرگەندە قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك . كارتىنى باشقىلارغا بىرىشكە ، مەخپىي نومۇرىنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ . ياشانغانلارغا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش قويۇش ماشىنىسى قولايسىز بولسا ، ئائىلىسىدىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بىرىشكە بۇيرۇسا بولۇدۇ .
بانكىنىڭ زالدىكى مۇلازىمەت خادىمى ، ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنى ياردەمگە چاقىرسىمۇ بولۇدۇ .