مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: دوقچى

ئەرلىك غۇرۇرىمىزنى ئىت يەپ كەتتىمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80084
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 08:17:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9342
تۆھپە نۇمۇرى: 555
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2013-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 08:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئىشلارنى يېزىپسىز ، مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، كۈندە ئاشۇنداق بىزەڭلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن ، تېخى دەرس ۋاقتىدا چاپلىشىپ قوللىرىنى سىلاپ ئولتۇرىدۇ . ھەي ... ئاللا ھەممىمىزگە ھايا ئىمان ئاتا قىلغاي . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   idikut510 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-18 08:20 PM  


ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22704
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7022
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3268 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 08:35:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
www.315kino.com يوللىغان ۋاقتى  2012-11-18 06:13 PM
كىنو كۆرۈش

تىلۋىزوردا بەك تويغا بىز ئېلاندىن   ئەمدى مۇشۇ يەرگىمۇ   ئېلان قىستۇرۇپ. ياخشى سۈزۈك كىنولارنى چىقاسىڭىز   ئۆزىمىز تەبىلا ئىزدەپ كىرمىز تورىڭىزغا .

زوررو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81350
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3424
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 08:45:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
idikut510 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-18 08:20 PM
راس ئىشلارنى يېزىپسىز ، مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، كۈندە ئا ...

بىزنىڭ تولۇقسىزدا بىز ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان،ياغلىق چىگمىگەن قىزلارغا نەسىھەت قىلىدىغان،روزا تۇتقانلارنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان،ھازىر5غە ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ تەسلىشىپ كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17729
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 08:50:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانىنى ھۆرمەت قىلىپ خىزمەت قىلساق ئوبدان بۇلۇر،   
كۆزگە ئىلماي بۇيۇن تولغان ئازار بەرسەك قارغاپ سالۇر،   
قارغىش ئالغان ئۇنداق بالا ئۆمۈرۋايەت نامرات بۇلۇر،   
ئاتا-ئانا نەپسى گۇيا مىلتىق ئوقى بىلگەيسىزلەر.  
  
ئاتا-ئانا رەھمەت دېسە ئىككى ئالەم سىزنىڭ بولۇر،   
ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرغىچە بەخىت-دۆلەت ھەمدەم بولۇر،   
ئەگەر ئۇلار ئاھ! دەپ قويسا يۇرۇق ئالەم زۇلمەت بۇلۇر،   
شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ دۇئا رەھمەت ئالغايسىزلەر.  

ئاتا-ئانا ئۇلۇغ دۆلەت قەدرىنى بىلگەنلىگە،   
ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلگەنلىگە،   
پىشقان قوغۇن بېغىدا تۇرماس يوق ئۇ تەڭلا ئەتىگە،
ھەسرەت چېكىپ قالماس ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغايسىزلەر.   
  
بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلماي ئازار قىلساق،
ئۆزۈمىزنى دانا چاغلاپ ئىشقا بۇيرىسا كۆز ئالايتساق،
تەنقىد-تەربىيە بەرسە بىزگە ھەدەپ تىللاپ-ئۇرۇپ قويساق،   
كېيىنكى كۈندە بالىڭىزدىن سىز ھەم شۇنى كۆرگەيسىزلەر.
  
ئۇشبۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم كىشى قىساسى كىشدە قالماس،   
ئاتا-ئاناڭغا نېمە قىلساڭ بالاڭمۇ ھەم نىسى قويماس،
ھىچبىر دېھقان قۇناق تېرىپ كۈزدە يەردىن بۇغداي ئورماس،  
يەرگە قانداق ئۇرۇق چاچساڭ كۈزدە شۇنى ئالغايسىزلەر.
  
كۆرگەنسىزلەر بەزى كىشلەر ئاتا-ئانىسنى ئۇرغان ئىدى،   
ھەقسىز كۆرۈپ،ھاقارەتلەپ كۆپ ئەسكىلىك قىلغان ئىدى،   
بۈگۈنكى كۈندە باللىرىدىن بىر مۇش ئۈچۈن ئوننى يىدى،   
مۇنداقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ پەرمانىنى تۇتقايسىزلەر.  
  
سەككىز جەننەت ئانىڭىزنىڭ تاپىنىنىڭ ئاستىنىدا،   
بۇ مېنىڭكى سۆزۈم ئەمەس ئېيتتى ئۇنى ھەق مۇستاپا،
ئانىڭىزنى رازى قىلماي مەدىنىگە بارغان بىكار،
ئاتا-ئانا رازى بولماي جەننەت يۈزى كۆرمەيسىزلەر.   
  
ئون ئاي،ئون كۈن قۇرساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ باققان،  
يىمەي يىدۈرۈپ،كىيمەي كىيدۈرۈپ جاپا تارتقان،   
سىزلەرنى دەپ كىشلەر بىلەن يۈز قىزارتقان،   
ئاناڭلارنىڭ خىزمىتىدە كېچە-كۈندۈز تۇرغايسىزلەر.  
  
سىلەرنى دەپ ياخشى كەيمەي،تاتلىق يىمەي پۇل توپلىغان،   
تاپقان پۇلغا سەرەم ئېلىپ،بالامنىڭ دەپ ئۆي جابدۇغان،   
كىشلەرنىڭ قىزنى تىلەپ ھەش-پەشلەر قىلىپ توي-تويلىغان،   
ئاتاڭلەرنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالغايسىزلەر.  

ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ بۆشۈكتىكى بالىلارغا،
قاراپ بېقىپ قۇرساق كۆتۈرۈپ بالا تۇققان ئانىلارغا،
بالىلارنى باقىمەن دەپ جاپا تارتقان ئاتىلارغا،
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتىپ دۇئاسىنى ئالغايسىزلەر.  

دۇئا-رەخمەت ئالغان كىشلەر بۇ ئالەمدە دۆلەت كۆرگەي،   
ھەقتىئالا خەزىنىسدىن يۈزمىڭ بەركەت ئاڭا بەرگەي،
ئۇ ئالەمدە جەننەتلەرنىڭ خالىغىنىغا چاغلاپ كىرگەي،  
خىزمەت قىلىپ ئاتا-ئانىغا دۇئاسىنى ئالغايسىزلەر.   
  
تىرىكلىكتە خىزمەت قىلىپ،قازا تاپسا ئىززەت قىلىپ،
ئازنا-پەيشەنبە تەرىك قىلماي قەبرىسىگە ئىزدەپ بېرىپ،   
دۇئا-تەكبىر،خەتمە-قۇرئان ساۋابىنى بەخىش قىلىپ،   
ئاتا-ئانا روھىغا دۇئا قىلىپ تۇرغايسىزلەر.  
  
نەچچە ئونلاپ ئوغۇل- قىزلار ئاتا-ئانىسنى خارلاپ قويدى،  
تىرىكلىكتە قەدرىنى بىلمەي كۆز ئالايتىپ تىللاپ قويدى،   
قازا تاپسا ساۋاپ ئىش قىلىپ،ئاتىماستىن تاشلاپ قويدى،
بۈگۈنكى كۈندە خار-زارلىقتا كۈن ئۆتكۈزدى كۆرگەنسىزلەر.
  
ئاتا-ئانىمىزنى نامرات كۆرۈپ،ساراڭ كۆرۈپ قېچىپ كەتمەي،   
نامرات،ساراڭ تۇرۇپ سىزنى باققىنىنى ئۇنتۇپ كەتمەي،   
كېسەل بولسا،قېرى بولسا تاشلىۋېتىپ نېرى كەتمەي،   
پوق-سۈيدۈك يەپ باققىنىغا لايىق خىزنەت قىلغايسىزلەر.  
  
ئوتتا كۆيدۈرمەي، سۇدا ئاقتۇرماي بېقىپ چوڭ قىلغان،
ياخشى ئات قۇيۇپ مەكتەپكە بىرىپ بىلىم ئالدۇرغان،   
بالىغ بولغاندا ھەش-پەشلەر قىلىپ تويىڭىزنى قىلغان،   
ئاتا-ئاناڭلەرنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالغايسىزلەر.   
  
ئاتا-ئانا:-بالا ئۈچۈن تۈگىمەس بەركەت ئۆزى،
ئاتا-ئانا رازى بولسا بالىسى كۆرمەس خارلىق يۈزى،   
نەگە بارسا ئەزىز بولۇپ يەردە قالماس قىلغان سۆزى،   
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا ئىززەت-ئىكرام قىلغايسىزلەر

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2302
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 674 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 09:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،نىمە دەي دە.
ئۆزۈمنى ئالسام،كىچىك چىغىمدا ئاچىماق ئىشتاننى كىيۋىلىپ توپىدا ئىغىناپ كەچ كىرگەننى تۇيماي ئوينايتۇق،ئۇ چاغلاردا ئويۇن دىگەن قىززىيتى دە،گا گا كالتەك،قاشىم توپ دەمدۇ ياكى ھاشىم توپ دەمدۇ ئىشقىلىپ،چاناق ئىتىشىپ ئارمىيە دۈشمەن بولۇشۇپ،تاغ باغرىلىرىدا گۇمىنداڭ ۋاختىدىن قالغان كونا ئۇرۇش ئاكوپلىرى(مەن تۇغۇلغان جاي  تاغلىق رايۇن ئىدى)دا ئوينايتۇق.قىزلار رىزىنكىنى ئۇزۇن قىلىپ كىسىپ پۇتلىرىغا ئىلىپ قۇيۇپ شەكرىشەتتى،خورازنىڭ چىرايلىق پەيلىرىدىن لىنتا قىلىپ تەپكۈچ تىپەتتى،قىسقىسى ئۇ ئۇيۇنلار قىزلارنىڭ جانلىق ۋە مەدىنىيەتلىك ئۆم چوڭ بولىشىغا ئاساس سالسا ئوغۇللارنىڭ جىسمانى كۈچنى ۋە سەزگۈرلۈكنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇيۇنلىرىمىز بىزنى شۇخ،قۇرقۇمسىزلىققا يىتەكلەيتى.يەتتە يىشىمدا دادام ماڭا،ئوغلۇم ئۆيگە كىرسەڭ ئاپاڭ ساڭا تۇخۇم پۇشۇرۇپ قۇيۇپتۇ دىسە ئۇقتەك كىرىپ كۆرپىگىلا ئۈلگۈرگەن ئىدىم.قارى ئادەم ئۇستۇرنى بىيلەپ كىرسە دادام:بالام چۇچاق كەسسەك سەن تىخىمۇ تىز چوڭ بولىسەن دىسە مەن خۇش بولۇپ مانا دەپ تۇتۇپ بىرىپتىكەنمەن.بىر يىرىم ئاي ياتىسەن دىسە ماقۇل دەپ قۇيۇپ دادام ئشىقا كەتە ساق سەككىز كۈندىلا تالاغا قىچىپ باللار بىلەن ئويناپ يۈرۈپ ساقىيىپ قالغان ئىدىم.شۇنىڭدىن كىيىن گاگا كالتەكنى شۇنداق سەت ئۇرىدىغان بوپ  كىتىپتىكەنمەن،كۆز مۆلچەرىمدە نەدە ماشىنا بولسا شۇنىڭ ئەينىكىنى چەللەپ ئۇرسام چىقىۋىتىدىغان بوپ كىتپ مەھەللىدىكى تەڭ ياشتىكى تولا باللارنىڭ خەتنىلىك قىلدۇرشىغا سەۋەبچى بوپتىكەنمەن.چوڭ بولۇپ بۇيىمىز ئۆسكەنچە قۇلىمىزدىكى چاناقلارنىڭ ئورنىغا ئاچىماق بار يەل مىلتىقلار  بىلەن قۇچقاچ تۇشقان ئىتىپ،كەسپى ئوۋچىلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ قۇرال قۇراشتۇرۇپ ياكى خۇرجۇننى كۆتۈرۈپ رامبۇنىىڭكىدەك يۇغان پىچاقلىرىنى بىلەپ يۈرەتتۇق.مانا كۈنلەر ئايلار يىللار ئۆتۈپتۇ،شەھەرلەشكەن بىنالار ۋە مەكتەپتىكى بارغانسىرى تارىيىۋاتقان تەنھەركەت مەيدانلىرىغا قاراپ ئادەم شۇ كىچىك چاغلاردىكى قۇرۇقۇمسىز شۇخ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالىدىكەن.ھازىرقى ئوغۇللارغا قارىساق،بىردىن تىلىپۇن،مابەتلىرى بار تىخى،بىردىن تۇكسىكىلىت،قىزىل چىراققا قاراپمۇ قۇيماي ئايرۇپىلاننى ياندايدىغاندەكلا ماڭىدۇ،يانچۇقىدا ترغاق بىلەن ئەينەكلا چىقىدۇ.ھازىر مائارىپ بۇرۇنقىدىن ياخشى دىگەن بىلەن ئوغۇللار بارغانچە قىزلارنىڭ كىلون نۇسخىسىدەكلا كۆرۈندۇ،يا مۇستەققىل مەيدانى يۇق،يا ياخشىلىقىنى يا يامانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئوغۇللار باركەن.ئوغۇل بالا دىگەن كەسكىنرەك،گەرچە ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى خاتا نەتىنجە بەرسىمۇ يانماي ،باشقىلارغا يۆلىنىۋالماي،باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەنمەي مۇستەققىل پىكىر ۋە ئەمگىكى بىلەن ياشىشى كىرەك.شۇندىلا قىزلارمۇ تەبىيلا سىزگە ماسلىشدۇ،ئامراق بولىدۇ.توي قىلمىغان كۆپىنچە يىگىتلەر نىمە دەيدىكەن دىسە،قىزلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرشتىن ساقلىنىپ كۆڭلىدىكىنى تىپىپ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن تىرىشارمىش،بۇ ئاڭلىماققا تۇغرىدەك قىلسىمۇ لىكىن بۇ سۆز ئارقىلىقلا يىگىتنىڭ مەيدانىنىڭ يۇقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ،مەيدانى يۇق ئادەمنىڭ بىرەر كىچىك ئىشنىمۇ قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟بەلكىم مۇمكىن،لىكىن بۇ مۇمكىنلىك بشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتكەن بولىدۇ خالاس.ئەمىلىيەتتە قىزلار ۋە ئاياللار باشقۇرۇشقا ئەمەس،باشقۇرۇلۇشقا مۇھتاج.
ھازىرقى بەزى يىگىتلەرنىڭ سەمىدە بولسۇنكى،سىز تۇي قىلمىغان بۇيتاق بولسىڭىز ياكى ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئالالماي ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان بولسىڭىز كەسكىن بولۇڭ،خاتا ئىش قىلسا(سىزگە نىسبەتەن خاتالىقتىن دىرەك بەرسىلا)چۈشەندۈرۈڭ،قايىل قىلىڭ،بولمىسا قاتتىق قۇل بولۇڭ،بۇمۇ ئەسقاتمىسا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كولدۇرلىتىلۋاتقانلىقىڭىزنى ئىىراپ قىلىڭ.بۇنداق كولدۇرلىتىش سىزنى ئەخمەق قىلىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ،ئەكىسچە سىزنى كۆڭلىدە ئىتىراپ قىلىپ تۇرۇپمۇ باش ئەگمەي سىزنى تىخىمۇ كۆپ سىناشتىن دىرەك بىرىدۇ.يەنى يىڭىچە تىلىمىزدا تومۇر تۇتىدۇ.قاتتىق قۇل بولۇشنىڭ زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ.ئەركەكتەك ياشاي،خۇتۇننى خۇتۇندەك قىلاي دىسىڭىز مەيدانىڭىز بولسۇن،ئەمما قىز ئايالنىڭ ئالدىدا ئىگىلىدىغان،سىزنى دىمىسەم ئۆلىمەن دەيدىغان گەپنى قىلماڭ.ئايالىڭىزنى سۆيسىڭىز ئۈنسىز قۇربانلىق بىرىڭ،ئەر كىشى دىگەن ئايالنى يۈرەكتىن سۈيىمىز،ھەرگىزمۇ ئىغىزدىن سۆيمەيمىز،ئىغىزدا تولا سۆزلەش ئۇ مۇھەببەت ئەمەس.بۇ تۇغۇرسىدا تولا گەپ قىلىۋەتتىم،ئەمىلىيەتتە ئەر كىشىنى ئەردەك قىلىدىغان يەنە شۇ ئايال.ھازىر تولا ئەر كىشىدە غۇرۇرنىڭ سۇنىشى ۋە بەزى بىر ئىنچىكە ئىشلارنى تۇغرا چۈشىنىشى دەل مۇشۇ ئىشلاردىن بولىۋاتىدۇ.ئەر كەسكىن بولمىغاننىڭ  كاساپىتىدە قىزلار بارغانچە كۈندۈزى بۈۋى مۇسلىمە،كىچىللىرى ياۋرۇپا قىزلىرىدىن قىلىشمايۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-18 09:47 PM  


http://news.bilimkuqi.com/?p=419

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2302
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 674 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 09:51:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچە يوللىغان ۋاقتى  2012-11-18 06:54 PM
شۇ نىمۇ دىسە؟ ھەممىسى ئاتا-ئانا تەربىيەسى ياخشى ئەمەس  ...

سىز قانداق ئىنسان،بارچە گۇنا بالىدا ئەنەس،ئاتا ئانىدا دەپ يەكۈنلەپسىزغۇ،سىز بىر يىگىتقۇ،ئاتا ئانىدا گۇنا يۇق قىرىندىشىم،سىزنى مىيىپ،قارغۇ گاس چولاق قىلماي بىجىرىم چوڭ قىلغاننىڭ ئۆزى چوڭ بىر ئىش.بالا دىگەن كاللا ئىشلىمىسە باشقا بالا بولىدۇ.بالا دىگەن ئائىلىدە،مەكتەپتە ،ئاخىردا جەمىيەتتە تەربىيلىنىدۇ خالاس.

http://news.bilimkuqi.com/?p=419

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1501
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 09:53:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fisherman يوللىغان ۋاقتى  2012-11-18 06:25 PM
ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا دادامنىڭ دائىم نەسىھەت قىلغاندا  ...

ئۇيغۇرلاردا غورور قالمىدى دەپ ئورۇس قەھىرمانلرىمىزنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپسىز دە!؟

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86786
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 10:06:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئائىلە تەربىيىسىگە بەك ئەھمىيەت بەرمەيدۇ،بالىلارنى ئەركىن قۇيىۋىتىدۇ،مىنىڭچە بۇمۇ بىر سەۋەب

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3804
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9109
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 2035 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 10:17:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
фросс يوللىغان ۋاقتى  2012-11-18 09:53 PM
ئۇيغۇرلاردا غورور قالمىدى دەپ ئورۇس قەھىرمانلرىمىزن ...

بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئوبراز ،تېما بىلەن 5 موچەنلىك مۇناسىۋىتى يوق . ئەمما ما ئىنكاسىڭىز(چاخچاقمۇ بىلمىدىم) تېتىقسىز بوپقاپتۇ ئەگەر ھېس قىلالىسىڭىز ، سىزگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆزۈمگە زىيادە بىلگەنىدىم ،  بوپتۇ دەپ ....
ئىنكاس قۇبۇل قىلىنمايدۇ

تۇيۇقسىز خوشال بۇلۇپ كەتكەندە ئاسمانغا ئاتاي دېسەم دوپپام يوق،  
كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا بىر سىلاپ قۇيۇشقىمۇ ساقىلىم يوق!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش