مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: دوقچى

ئەرلىك غۇرۇرىمىزنى ئىت يەپ كەتتىمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87185
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 481
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2012-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 09:16:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتىمۇ ياخشى تىما بوپتۇ ! ئەسلىدىنلا قىزلانىڭ ھايا-نۇمۇس قارىشى ۋە ئېتقادىنى يىتىلدۇرۇشتە ، ئاسراشتا ، كۇچلەندۈرۈشتە ئوغۇللارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇليىتى بارلىقىنى ھىس قىلىپ يىتەلىگەنلەر ناھايىتى ئاز . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيلى ، ئەخلاقىمىزنى ياخشىلايلى ، ئاندىن ھەممە ئىشلار ئۆز ئىزىغا چۈشىدۇ .

قېنى يىگىتلەر ! پەرھاد كەبى تاغنى تالقان قىلىپ ، ئىمان- ئېتىقادىڭلار بىلەن بۈيۈك نىشانىڭلار ئۈچۈن تىرىشىپ «چۆل»لىشىشكە يۈزلەنگەن قەلىب ئېتىزىڭلارغا ئىلىم بۇلىقىدىن قايتا سۇ باشلاپ ، بوستانلىققا ئايلاندۇرۇڭلار ! شۇندىلا ئەل- ۋەتەن ، مىللەت روناق تاپىدۇ . بىر يىگىت ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بارمۇ ؟ ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17729
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 09:44:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zumrettash يوللىغان ۋاقتى  2012-11-19 12:01 AM
ئېسىل شېئىرىڭىزدىن تەسىرلەندىم،ئۆزىڭىز يازغانمۇ يا، ...

ساقلاپ قويغان  شىئېر ئىدى  ، مۇنبەرگە ئىنكاس شەكلىدە يوللىغانتىم  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17729
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:01:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە نازارەتچىسى. شۇنداق ئىكەن، ئايالىنى ھەر ۋاقىت شەپقەت قانىتى ئاستىغا ئېلىشى، ئايالىنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى قەدىرلىشى، كۆڭۈل شادلىقىغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشى، ئايالىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى بىجىرىشكە زورلىماسلىقى، ئۆيدە بار – يوق نەرسىلەر توغرىسىدا تەڭلىكتە قويماسلىقى لازىم. ئايال سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئېغىر – بىسىقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى، ئەپۇ قىلىشى، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئايالى بىلەن جىدەللەشمەسلىكى لازىم. ئۆيگە يات ئەرلەرنى باشلاپ كېرىپ ئولتۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش، ئۆزى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئايالىنى سودا – سىتىق ئۈچۈن سىرتقا بۇيرۇماسلىق لازىم. ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا كۆز – قۇلاق بولۇشقا، ئۇلارنىڭ چىكىدىن ئاشقان يۈرۈش – تۇرۇشىنى چەكلەشكە ۋە توسۇشقا ھەقلىق. ئاياللارنى خورلاپ ۋە ئۇلانىڭ يامان يولغا مىڭىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇش مەسئوليىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا بولغان كىشى ئائىلىدىكى بالا – چاقىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ قىز – ئاياللارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا مەسئول بولمىسا، ئۇنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن ؟

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17729
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:02:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر – ئايالنىڭ بىر – بىرىگە سادىقلىقى بەختتۇر. سالامەتلىك جاننىڭ راھىتى بولغىنىدەك، ئىناقلىق كۆڭۈلنىڭ راھىتىدۇر. ئائىلىدىكى خۇشلۇق دىلغا ھۇزۇر بېغىشلاپ، لەززەتسىز تائاممۇ لەززەتلىك بىلىنىدۇ. ئەر كىشى ئۆز ئايالىدىن رازى بولسا ۋە كۆڭلى باغلانسا، بارلىق راھەت – پاراغىتى ۋە سەرپ – خىراجىتى ئائىلىسىدىكى زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ، پۈتكۈل دۇنياسىنى ئائىلىسىگە بېغىشلايدۇ. ئەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كونىلار : ” ياخشى ئايالغا ئېرىشمەك بىرەر ئەلگە پادىشاھ بولغاندىن ياخشىراقتۇر ” دېگەن. ھەر قانچە بىلىملىك، مەرتىۋىلىك،  باي ياكى تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئىشلەپ تاپقىنىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئاچ – يالىڭاچ قالمىغىنىغا شۈكۈر قىلىدىغان ساپ ۋىجدانلىق بىر كىشىنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئايالى بولمىسا، بەختلىك ھېسابلانمايدۇ. ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك ئۇنىڭ قەلبىنى بىئارام قىلىدۇ، لەززەتلىك تائاممۇ لەززەتسىز تېتىپ، ئۆمۈر گۈلىنىڭ تېز قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3564
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:04:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتې  توغرا يېزېپسېز  باشقا  ئېشلاردېنغۇ  سوز ئاچمايلې  بېر ئوزېمېزنېڭ   ئۇيغۇر  دېگەن نامېغا  چۇشلۇق  ئېش قېلماي  تېخې  بەزەن  نۇمۇسسېزلار ئېززا  تاتماي  ئوزېنېڭ  مۇسۇلمان  بولغېنېغا ھەم  ئۇيغۇر بولغېنېغا  پۇشايمان  قېلېپ  نەدە غەرېبنېڭ  نۇمۇسسېز قېلېقلېرېنې  ئۇگېنېپ  مۇسۇلمانلارنېڭ   ياكې  ئۇيغۇر  مېللېتېنېڭ  ئۇزېنې  تۇكېۋاتېدۇ  جېق  سۆزلېسەك  ئېش ئاپتان بولمايدۇ   ئەڭ  ياخشېسې  بېلەك ئېشلارنې  قېلامېساقمۇ  ئەڭ ئاددې  بولغان  يەنې  ئۇيغۇرغا  لايېق  ئېشلارنې  قېلايلې  جنېم  قېرېنداشلېرېم  بۇنداق دېيېشېمنېڭ  سەۋەبې  ئوتكەندە بېر ئاۋازلېق  ئەسەر باكەن شۇنې  ئاڭلېسام  بېر  قېز  ئۇيغۇرچە  بېلمەيدېكەن  ھەم  تېخې  ئوزېنېڭ  ئۇيغۇر  بولغېنېدېن  نۇمۇس  قېلامېش    توۋا  مېللەتتە  نېمە  گۇنا  شۇ ھەممېنې  قېلغېنې  بېر قېسېم  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17729
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:15:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         نەسىھەت


ئاتا-ئانا يولداشلارمۇ سۆزلىرىمگە قولاق سېلىڭ،   
بالا باقماق شەرىئەتتە پەرىز ئىرۇر بۇنى بىلىڭ،
بالىلارنى كۆپ تىللىماي ئەدەپ بىلەن ئادەم قىلىڭ،   
بۇ نەسىھەتنى سىزگە قىلدىم ئوبداق قۇلاڭ سالغايسىزلەر.
  
بالىلارغا ئىكرام قىلماق ئىبادەتنىڭ ئەۋۋىلىدۇر،   
ئەدەپ-ئەركان ئۆگەتمەكلىك دىيانەتنىڭ ئەۋزىلىدۇر،  
ئىنسابىغا دۇئا قىلماق مۇسۇلمانلىق بەلگىسىدۇر،   
ئاتا-ئانا دىققەت قىلىپ كەلگۈسىنى ئويلىغايسىزلەر.  
  
بالىلارغا قىلىپ نەسىھەت،ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگەتمىسەك،   
مەكتەپكە بىرىپ ئىلىم-بىلىم بىرەر پەننى بىلدۈرمىسەك،  
ئۆز مەيلىگە قۇيۇپ بىرىپ ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگەتمىسەك،  
خارلىق تارتسا سىزگە قانداق خىزمەت قىلۇر بىلگەيسىزلەر.  

نۇرغۇنلىغان ئوغۇل-قىزنى ئاتا-ئانىسى مەكتەپ بەرمەي، ¬  
ئەدەپ-ئەخلاق،دىن-شەرىئەت ئەركانلاردىن تەلىم بەرمەي،   
ھۈنەر-تېخنىك،ئىلىم پەندىن، سانائەتتىن خەۋەرلەنمەي،  
جاپا-مۈشكۈل،جاھالەتتە يۈرگىنىنى كۆرگەنسىزلەر.   
  
ھەر بىر ئىنسان مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇمىسا يول تاپالماس،   
بىرەر ھۈنەر-تېخنىكا بىلمىگەنلەر پۇل تاپالماس،   
كۈچتىن قېلىپ ،ئىش ئەمگەكتىن قالغىنىدا پۇل تاپالماس،   
شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ھۈنەرگە،مەكتەپكە بەرگەيسىزلەر.
  
بالىلارنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈش بەكمۇ زۆرۈر،   
ئەدەپ-ئەخلاق،ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگۈتۈش مۇھىم ئىرۇر،   
بالىلارغا ھەممە كۈلپەت بىلىمسىزلىك يولىدىن كېلۇر،   
جامائەتلەر سىيىت نوچىدىن قاتتىق ئىبرەت ئالغايسىزلەر.   

سىيىت نوچىمۇ خەت بىلگەن بولسا گۇناھسىز ئۆلمەس ئىدى،   
ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى كۆتۈرۈپ كەلمەس ئىدى،
باش كېتىشنى بىلسە خەتنى ئامبالغا بەرمەس ئىدى،  
ئىبرەت ئېلىپ بالىلارنى مەكتەپكە بەرگەيسىزلەر.   
  
بالىلارنى كۆپ قارغىماي ئەدەپ بىلەن ئادەم قىلىپ،   
قالايىمقان سەت تىللىماي داۋلى بىلەن قايىل قىلىپ،   
ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرسە قوغلىۋەتمەي سەۋرى قىلىپ،   
رەسۇللا سۆزىنى ئويلاپ ياخشى پەرۋىش قىلغايسىزلەر.     
  
ئاتا-ئانا پەرزەنتىدىن دائىم رازى بولماي يۈرسە،  
ئەر خۇتۇندىن رازى بولماي،قۇل خۇجۇسدىن قېچىپ يۈرسە،
ئىككى مۇسۇلمان دىنىنى تۇتۇپ كىشى ئەيبىنى ئېچىپ يۈرسە،   
نامىزى قۇبۇل بولمايدۇ دەپ رەسۇل ئېيتتى بىلگەيسىزلەر.
   
ئاچچىققا بىز سەۋرى قىلماي بالىلارنى قارغاپ قويساق،   
بىزدىن كېيىن خارلىق تارتىپ،يۈرسە جىندەك ھەم ئاچ قورساق،   
قانداق بىزنى ياد ئېتىدۇ ئەجەل يىتىپ ئۆلۈپ قالساق،   
ئاتا-ئانىلەر بۇ سۆزۈمنى ئوبدان ئويلاپ باققايسىزلەر.  
  
نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قارغىۋەتتى،   
ئۇ بالىلار كېيىنكى كۈندە جان باقالماي ئازاپ تارتتى،   
ئوغۇرلۇق قىلىپ بىر قانچىسى،تۈرمىلەرگە كىرىپ ياتتى،   
شۇنداقلارغا نەزەر تاشلاپ ياخشى دۇئا قىلغايسىزلەر.



مەنبە  :   ساقلاپ قويغانلىرىم  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:26:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2012-11-18 01:31 AM
ھەي،نىمە دەي دە.
ئۆزۈمنى ئالسام،كىچىك چىغىمدا ئاچىماق  ...

ئىنكاسىڭىز ئورۇنلۇق........بۇرۇنقى ئويۇنلار ھەقىقى ئادەمگە زۇق بىغىشلايدىغان ئويۇنلارتى ....ھازىرقى ئويۇنلارنىڭ بالىلارنى كىرەكتىن چىقىرۋىتىش نىسببىتى يۇقىرىكەن......
ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا،دىبا،دىگەندەك يەرلەردىكى بالىلار ھەي.................

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87121
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:27:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل بولساڭ شوخ بول ، بولمىسا يوق بول دەپتىكەن كونىلار .   بۇ يەدىكى شوخلۇق يىگتلىرمىزنىڭ جىگەرلىك ، غۇرۇرلۇق ، مىللەت ۋە ئائىلىنى قوغدايدىغان تۈۋرۈك ئىكەنلىكىگە قارتىلغان.   
بىراق ھازرقى دەۋرگە كەلگەندە بۇ يەردىكى شوخلۇقنىڭ مەنىسى ، خاراكتىرى ئۆزگىرىپ كەتتى.......


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85394
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:29:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر قوش تىل ئوقۇغانلار ، خەنزۇتىلىدا ئوقۇغانلارنى چىشلەپ تارتىپ ئۈلگۈرۈپتۇ ، مەن ئۆز پىكىرىمنى دەپ باقسام ، بەزى ئىددىيەلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش-قىلماسلىقى  ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ، يەنى ئىۋۇ بوينىنىڭ ئۈستىدىكى يۇمىلاق بىلەن سول كۆكرىگىنىڭ ئىچىدىكى مۇشتتەك گۆش بىلەنمۇ مۇناسىۋەلىك . مەن بىلىدىغان نى-نى مىنكاۋخەن ، قوش تىل سىنىپتا ئوقۇغان بالىلار بار تىل ،ئەخلاق-پەدىشەپ ، كىيىنىش ، مىللىي غۇرۇر دىسە بىر قىسىم مىللىي مەكتەپتە ئوقۇپ چىققانلار بۇ جەھەتلەردە ئۇلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ ! بەزىلەر "ئائىلە تەربىيسى " دەپ چۈشۈشى مۇمكىن ، ئەمما نى زابوي-رستۇرانچىلار بالىلىرى سەۋەبلىك ھەقكە قايتقىنىنى ، نى موللا قۇشناچىملارنىڭ بالىلىرى يىرىم ياتا كىيىنىپ ،ئالۋاستىدەك ياسىنىشىپ ، قوللىرىدا رومكا تۇتۇشۇپ ، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ ، ئاشكارا ئاشىق-مەشۇق بولۇشۇپ سۆرىشىپ يۈرگىنىنى مەن دەپ بەرمىسەممۇ بىلىدىغانلار بار ، ئەلۋەتتە بۇمۇ قىسمەن ئەھۋال .  يوغان بىر پارچە ئاق قەغەزدە چىكىتتەك شالتاق بولسمۇ ئاسان كۆزگە چېلىقىدۇ ، كۆزىمىزنى بەكرەك ئۇۋلىۋىتىپ قارايدىغان بولساق ياخشىلار ھامان كۆپ . شۇڭا، بىر قىسىم سېسىق ئامۇتلارنىڭ دىزىگە ھەممىسى شۇنداق ، دەپ كاللىمىز يۇيۇلۇپ كەتمىسۇن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Umidim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-19 10:41 AM  


پاشىلار گەر توپلىشىپ ھۇجۇم ئەتسە ،
پىلنى ھەم ناتىۋان قىلغۇسى بىشەك .
شىر تېرىسىنىمۇ ھەم پارە قىلغۇسى ،
چۈمۈلە يىغىلىپ كەلسە گەر كۆپرەك .
---- «كەلىلە&دېمىنە»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:30:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-11-18 03:20 AM
بىلىم ئەقلىي تەپەككۈر ئارقىلىق بىيىدۇ ،ئەدەپ- ئەخلاق ب ...


ئۇلارنى دىنى ئالىملار سۆكمەيدۇ بۇرادەر .....چالا موللاملار سۆكسە سۆكىدۇ.....دىنى ئۆلىمارلارنىڭ دىيارىمىزغا قوشقان تۆھپىسىنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ.......ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇلار بولغاچقا ھىلىمۇ مۇشۇنچىلىك ئىتقاد بىلەن ياشاۋاتىمىز..........

ئىنكاسىڭىز باشقا يەرلىرىنى مەن ياقتۇرۇپ قالدىم بولۇپمۇ بىشىدىكى جۈملىلەرنى........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jawzaa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-18 02:31 PM  


سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش