مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: arkenkaxka

«زەرەپشان دەرياسى» ئەمەس، «يەكەن دەرياسى» يەر ناملىرىنى توغرا ئاتاشن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

fanteken بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
fanteken بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:24:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
fanteken بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
fanteken بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:28:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:07:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن دەرياسى قەدىمى دەريا،يەكەن دەرياسى دەپ ئاتىسىمۇ چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن بولمىسا.

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11032
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:32:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
othor يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 02:00 PM
ئەسسالامۇ   ئەلەيكۇم  تورداش   ،  بۇھەقتە  مەن  بىر  ئىككى ...

شۇ كىتابتىن دەلىل تاشلاڭ.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41672
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4559
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 3950 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:37:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەندىن پوسكامغا ئۆتىدىغان بىر كۆۋرۈك بار. يەنى 314- دۆلەت يولىنىڭ دەريا كۆۋرۈكى. مېنىڭ بىلىشىمچە مۇشۇ كۆۋرۈكنىڭ يۇقىرسى( يۇقىرى ئېقىنى) زەرەپشان دەرياسى، كۆۋرۈكنىڭ تۆۋېنى( تۆۋەن ئېقىنى) يەكەن دەرياسى، مەكىت تەرەپلەرگە بارغاندا بەلكىم دولان دەرياسى بولىشى مۇمكىن. مېنىڭ بىلىدىغىنمۇ شۇ.
لېكىن زەرپشان دەرياسى، يەكەن دەرياسى بىر دەريانىڭ ئىككى ئېقىنى خالاس، ھەرگىزمۇ بىرسى بار، بىرسى يوق، بىرسى ئارتۇق، بىرسى كەم ئەمەس، ئىككىلىسىلا بار. قانداقتۇر بىر كىتاپ بىژمىلەردىن ئارىيە كەلتۈرۈشنىڭ ئورنى يوق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:52:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالە ناھايىتى ئۇزۇن يېزىلىپتۇ،قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاپتور مۇھىم بولمىغان مەزمۇنلارنىمۇ زورلاپ قوشقاندەك قىلىدۇ.يىغىپ كەلسەك تېمىدا ھەل قىلىنماقچى بولغان مەسىلە،يەكەن دەريا نامىنىڭ زەرەفشان دەپ ئاتىلىشنى تولۇق ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت.مەن شەخسەن بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن،قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن.
يۇقۇردا بىرنەچچە دوستلىرىمىز ئاپتورنىڭ پىكرىنى قوللىمىغان،لېكىن مەسىلىنىڭ تېگى تەكتىنى چۈشىنەلمىگەن ئاساستا شۇنداق دېيىشكەنلىرى مۈمكىن.
يەركەن دەرياسى رايونىمىزدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى بولۇپ،ئاقسۇ دەرياسى،قەشقەر دەرياسى ۋە خوتەن دەرياسى(يۇرۇڭقاش ۋە قارىقاش قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسى بولىدۇ)بىلەن بىرلىكتە تارىم دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ،بۇ 4 چوڭ دەريا ئاقسۇ تەۋەسىدە قوشۇلىدۇ،ئۆز نۆۋىتىدە تارىم دەرياسىنى ھاسىل قىلغۇچى 4 تارماق ئېقىن ھىساپلىنىدۇ،4 دەريا قوشۇلغان جايدىن باشلاپ لوپنۇر كۆلىگىچە(ئىلگىرى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلاتتى)بولغان ئارىلىقتىكى دەريا تارىم دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ.
يەركەن دەرياسى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ چوگىر چوققىسى مۇزلۇقلىرىدىن  باشلانغان نۇرغۇن تارماق ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن دەريا،تارماق ئېقىنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسمى بار، بىرقەدەر چوڭ تارماق ئېقىنىدىن تاشقورغان دەرياسى،تىزناپ دەرياسى قاتارلىقلار بار.لېكىن يەركەن دەرياسىنىڭ شەكىللىنىشى تارىم دەرياسىغا ئوخشىمايدۇ،بۇ دەريا ئېگىز تاغلاردىن باشلىنىشىدىنلا يەركەن دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ،تارماق ئېقىنلار بولسا ئوتتۇرا يۇقۇرى ئېقىنلىرىدا ئىككى قاسناقتىكى تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن ئېقىنلاردۇر.يەركەن دەرياسى قارا قۇرۇم تېغىدىن تەكلىماكان تەرەپكە ئېقىش جەريانىدا يەركەن،مەكىت ،مارالبېشى ناھىيىلىرىدىن ئۆتىدۇ،تىزناپ دەرياسى بولسا قاغىلىق،پوسكام ناھىيىلىرىدىن ئۆتۈپ مەكىت تەۋەسىدە يەركەن دەرياسىغا قوشۇلىدۇ،يەركەن دەرياسى بىلەن تىزناپ دەرياسى ئارىلىغىدا يەنە نۇرغۇن ئۇششاق ئېقىنلار بار،يەرلىكلەر دەريانىڭ ئۆز يۇرتى تەۋەسىنى ئۆز يۇرتى نامى بىلەن ئاتاش ئادىتى بار.ئەمما غول ئېقىننىڭ ئىلمى جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن نامى يەركەن دەرياسى!يەركەن سەئىدىيە خاندانلىغى دەۋرىدىمۇ شۇنداق ئاتىلاتتى.
ئەمەلىيەتتە يەركەن،قاغىلىق،پوسكام،مەكىت،مارالبېشى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ بىپايان زېمىن يەركەن دەرياسىنىڭ تىنىمسىز ئېقىپ تۇرغان سۇيى بىلەن ياشناپ تۇرۇدۇ.چەكسىز تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدىكى نەچچە مىڭيىللىق توغراق،يۇلغۇن،چاتقاللىقلارنى سۇغىرىپ تۇرۇدۇ،ئۇيغۇر مەدىنيەت بۆشۈگى دولان دىيارىنى،بۇ يەردىكى قەدىمى خەلقنىڭ مەۋجۈتلىغىغا شاھىت بولۇپ ،تۈگىمەس-پۈتمەس قار سۈيى بىلەن بۇ تۇپراقنى مەڭگۈ ياشارتىپ تۇرۇدۇ.مانا مۇشۇ بىپايان مۇنبەت زېمىن تارىختا چوڭ جەھەتتىن يەركەن نامى بىلەن ئاتالغان،ياكى يەركەن نامى مۇشۇ زېمىننىڭ ئۆزىگە خاس ئېتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.تارخىمىزدىكى داڭلىق يەركەن سەئىدىيە خاندانلغىمۇ دەل مۇشۇ نامدا ئاتالغان.دېمەك بالىغا ئىسىمنى دادىسى قويغاندەك،بۇ ئانا دەريانىڭ ئىسىمىنى دەل مۇشۇ يەركەن ئاتلىق قەدىمى زېمىندا ياشاپ كەلگەن بىزنىڭ قەدىردان،سۆيۈملۈك خەلقىمىز ئۆز يۇرتىنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەن.دېمەك دەريانىڭ نامى ھەرگىزمۇ پارىسچە زەرەفشان ئەمەس،يەركەن!!!
ئەمەلىيەتتە دىيارىمىز تەۋەسىدە زەرەفشان دەپ دەريا نامى بولمىغان،ئۇ دەريا يۇقۇردا تېمىدا دېيىلگەندەك 19-ئەسىردە تاجىكىستاندىن باشلىنىپ پەرغانە ئويمانلىغىغا قويۇلىدىغان،ئالتۇن كۆپ چىقىدىغان دەريانىڭ نامىدۇر. بۇ دەريانىڭ نامىنى بىر دومىلىتىپلا تاغنىڭ ئارقىسىدىكى بىزنىڭ يەركەن دەريامىزغا ئىسىم قىلىپ قويۇۋېلىشلىرى ھەرگىزمۇ تەسادىپىلىك ئەمەس.تىلىمىزنىڭ پارىس تىلى بىلەن ئورتاقلىغى،ئىككى دەريانىڭ مەنبەسىنىڭ يېقىنلىغى،زەرەفشان بىلەن يەركەن سۆزىنىڭمۇ يېقىن كېلىپ قالغانلىغىدىن ۋە باشقا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى،ئۇ تەرەپتىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامىنى يەركەننىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋالغان،يامىنى گېزىت،ژورنال،مەتبۇئاتتا شۇنداق ئاتاپ كۆندۈرۋەتكەن،ئاقىۋەتتە كېيىن ئويغانغان خەلقىمىز،بۇ يات ئىسىمنى ئويلىمىغان يەردىن بەكلا ياقتۇرۇپ كەتتۇق،ھەتتا چاپلىشىپلا ئالدۇق،بۇ بىر قىزىقارلىق تېراگىدىيە.خۇددى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزبېك نامىدا ئاتاۋەرگەندىن كېيىن،ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇلارنى سەن ئۇيغۇر(خۇددى يەركەن دېگەندەك) دەپ قويساڭ قاتتىق چىچاڭشىپ كەتكەندەك،ئالدىڭغا سېنىڭدىنمۇ كۆپ 《دەلىل-ئىسپاتلىرىنى》تۆككەندەك بىر ئىش.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازالىدىم...

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 10:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tax1 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 07:32 PM
شۇ كىتابتىن دەلىل تاشلاڭ.

مەن  ئېسىمنى  بىلگەندە  دادام زەرەپشان  دەرياسى  دەيدىكەن  ،  دادام  ئېسىنى  بىلگەندە دادىسى زەرەپشان دەرياسى  دەيدىكەن  ..  ئۇ  بىر  قول  يازما  ،  ئۇنۇ  مەن  بىر  قېتىم  ئوقۇغان خالاس ، پۇرسەت  بولسا  رەسىمگە  تارتىپ يوللايتتىم  ، لېكىن  ھازىر  مەن يۇرتۇمدىن  يىراق  بولغان  يەردە  ئوقۇشتا  ، ئۇنىڭغا  ئامالىم  يوق  .   يەنە  بىر  گەپ ، سېلەرنىڭ  يەكەن  دەرياسىنى  زورلاپ  زەرەپشان  دەرياسى دېۋىلىشىڭلارمۇ  خىاتا ، يەكەن دەرياسى  قاغىلىق ۋە  بىزنىڭ يىزىدىن  ئۆتىدىغان  زەرەپشان  دەرياسىنىڭ قوشۇلىشىدىن  ھاسىل  بولغان  . بۇنى  يەنە  قايتا  مۇنازىرە  قىلىشنىڭ  ھاجىتى  يوق  ....

ئۆچمەس  ،

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11032
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 10:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
othor يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 10:29 PM
مەن  ئېسىمنى  بىلگەندە  دادام زەرەپشان  دەرياسى  دەيدى ...

بۇنى بىز شەخسەن مەن دەۋالمىدىم. بەلكى، بىز جۇغراپىيە تەتقىقاتچىمىز تەتقىق قىلىپ شۇنداق دەپتۇ. بىز شەخسەن مەن ھازىرچە قايىل بولدۇم. شۇڭا سىزنى ئوخشىمىغان پىكىرگە دەلىل ئېلىڭ دېگەنتىم. ئۇ تارىخىي كىتاب بولۇپ ئىلمىي قىممىتى يوقىرى بولسا، شۇنداقلا ئىسپاتلاش كۈچى يۇقىرى بولسا بىز ھەققە ئەگەشكۈچىلەرمىز.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش