Suchi يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:52 PM
ماقالە ناھايىتى ئۇزۇن يېزىلىپتۇ،قايىل قىلىش كۈچىنى ئا ...
يەركەن دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان مۇھىم تارماڭ ئېقىننىڭ بىرسى تاشقۇرغاندىن باشلىنىپ ،ئاقتۇنىڭ تار تاجىك مىللىي يىزىسى (ھازىر ئۇ يىزا ئاپەت سەۋەبىدىن ئاقتۇ ناھىيە ئەتراپىغا كۆچۈرۈلگەن ، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى كۆچۈرۈشتىن بۇرۇنقى ئورنى)كوسىراپتىن ئۆتۈپ ،يەركەننىڭ قوشىراپ دېگەن يېرىگىچە زەرەپشان دەپ ئاتىلىدۇ . تاشقۇرغاندىن كوسىراپ يىزىسىغا بارغۇچە يەنە 3 دانە كىچىك ئېقېن قىتىلىدۇ . كوسىراپ دېگەن ئىسىممۇ مۇشۇ 3 كېچىك ئېقىننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
(كوسىراپ سۆزىنىڭ ئەرەپچە مەنىسى ئۈچ ئېقىننىڭ بىرلىشىشى دېگەن مەنىدە ). ئەمدى يەكەن دەرياسىنى زەرەپشان دەرياسى دىيىش توغرا ئەمەس . زەرەپشان دەرياسى تاشقۇرغاندىن تارتىپ يەركەنگىچە بولغان 900كىلومىتىردىن ئارتۇق قىسمىنى كۆرسىتىدۇ . ئاندىن كېيىن باشقا تارماق ئېقىنلار بىلەن بىرلىشىپ يەركەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ.