Hijab يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 12:49 PM
ئاللاھ قۇرئاندا «ئىنجىل تەۋراتلارنى ئۇلار(يەھۇدىلار ...
ئاشنىڭىزغا سالام خەت يازغاندەك يازماي ، ‹‹ قۇرئان ›› دېگەن سۆزنى قوش تىرناق
ئىچىگە ئېلىپ يازغان بولسىڭىز ؟ قوش تىرناق ئادەتتە ؛ بىز تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمايدىغان
ئۇلۇغ ، پاك ، مۇقەددەس ئاتالغۇلارغا ئىشلىتىلدۇ .
بىرەر يەردىن ئاڭلىۋالغان ‹‹ ئايەت ›› يا كىتابلاردىن كۆچۈرۈپلا يوللاپ قويۇشنى ، خەت
ئۇرالايدىغان ھەرقانداق ئادەم قىلالايدۇ .
مەن بىر ئادەمنىڭ گېپىگە ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئىشنىمەن .
توغرا ، مەن دىندا كۆپ ئوقۇمىغان ، ئەمما كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆيۈمدە ‹‹ قۇرئان ››
ئاۋازى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم . بەزىدە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان ‹‹ قۇرئان كەرىم ››
ئوقۇيمەن . ۋە ‹‹ ناماز سۈرى ›› للىرىنى بىلىمەن .
بىلدىغىنىم چەكلىك بولغاچقا شۇنى سوراپ باقاي ، كەلتۈرگەن ھەدىسلىرىڭلارغا
ئاساسەن ، ئاللاھ ‹‹ قۇرئان ›› نى بالدۇر چۈشۈرگەنمۇ ؟ يا ‹‹ تەۋرات ››
‹‹ ئىنجىل ›› نىمۇ ؟
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر . ‹‹ قۇرئان ›› نى ئىنسان ئۆزگەرتەلمەيدىغان قىلىپ
چۈشۈردى . ئەمما نېمىشقا ‹‹ تەۋرات ›› ، ئىنجىل ›› نىمۇ شۇنداق چۈشۈرۈپ ياراتمىدى .
ئىيسا ، داۋۇد ئەلەيھىساملارمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرسا ؟