xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 06:23 AM
شۇنىمۇ بىلىڭ،قارىغاندا ئىسلام توغۇرلۇق ھىچنىمىنى بى ...
ماڭا قاراڭ : ھازىر پاھىشە ، ئوغرى ، ئاقچىلارمۇ ئېغىزىدا ئاللاھنى چۈشۈرمەي
ۋەزخانلىق قىلالايدۇ ، مۇنبەردە تېخىمۇ شۇنداق . مۇھىمى بىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز.
ئاللاھ ‹‹ قۇرئان ›› ئۆزىمىز چۈشۈردۇق قوغدايمىز دېدى دەپسىز ؟
‹‹ تەۋرات ›› ، ‹‹ ئىنجىل ›› نىمۇ ئاللاھ چۈشۈردى . مەن سىزنىڭ ئۆزگەرتىلگەن
دېگەن گېپىڭىزگە قارىتا گەپ قىلدىم . ئىسپات كۆرسىتىڭ دېدىم .
سىزچە ئاللاھنىڭ ‹‹ كىتاب ›› نى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ، مەشىق دەپتىرىڭىزنى
ئۆزگەرىتكەندەك ئاسانمىدۇ ؟
قاتتىق قۇپال گەپ مۇسۇلمانغا ياراشمايدۇ . قاتتىق گەپ قىلاتتىم دەپسىز ؟
ھەقىقى دىننى چۈشىنىدىغان كىشى بىرسىگە قۇپال ، يامان گەپ بىلەن ئەمەس ،
سىيلىق ، ئىلمىي گەپ بىلەن قايىل قىلىدۇ .
سىز ‹‹ تەۋرات ›› بىلەن ‹‹ ئىنجىل ›› نىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى
ئېتراپ قىلسىڭىز ، ئاللاھنىڭ ‹‹ مۇقەددەس ›› كىتابلىرىنى ئىنساننىڭ ئۆزگەرتىش
قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىنىپ بېقىشىڭىز كېرەك !
توردىكى ئاقماس پاراڭ ، جۈمە نامىزى كۈنى پاھىشخانىدا يۈرىيدىغان چالا
موللاملارنىڭ ، تېنىنى سېتىپ ، ‹‹ بىر پاھىشە قۇدۇق بېشىدا ئۇسساپ سۇ ئېچەلمىگەن
ئىتقا ، ئايىغىنى سېلىپ سۇ ئېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھى مەغپىرەت بوپتۇ ›› دەپ
ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىغا باھانە ئىزدەپ ، دىننىڭ ئەسلىي ماھىيتىنى چۈشەنمەي ئۆزىنىڭ
يامان ئىشلىرىنى يېپىپ يۈرىيدىغان بۇزۇق خۇتۇنلارنىڭ ‹‹ تەۋرات ››
لار ئۆزگەرتىلگەن دېگەن گەپلىرىنى ماڭا قىلىپ بەرسىڭىز ئىشەنمەيمەن .
قېنى ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹‹ قۇرئان ›› ، ‹‹ ھەدىس ـ ئايەت ›› لەردىن
ئىسپات كۆرسىتىڭ ! مەنغۇ ‹‹ تەۋرات ›› نىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكىنى كۆرۈپمۇ
باقمىدىم .
ئاللاھنىڭ ‹‹ كىتاب ›› مۆجىزىللىرىنى ئىنساننىڭ ئۆزگەرتىش قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن .