كېچە يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 10:23 PM
مىنى سەنلەپ كېتىپسىز قارىغانداق نىمىنىڭ ئەدەب ئەخلاق ...
ھا ھا ھا ھا ، قىزىق ئىشتە ، بوپتۇ مۇنبەردە بولۇپ تۇرىدىغان كونا ئىشقۇ بۇ .
بۇرادەر سەن ئەدەپ ئەخلاقنى بىلسەڭ ھەجەپ چىرايلىق گەپنى ئۆزۈڭ قىلالماپسەنغۇ ، جىدەل تېپىش ئۈچۈن دېگۈچە سىز نېمە دېمەكچى م نېمىشقا ئىشەنمەيسىز ، بۇنداق دىيىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە دەپ چىرايلىق گەپ قىلساڭ بولمامدۇ ‹‹‹؟؟ خۇددى سەن مېنىڭ نىيىتىمنى بىلىدىغاندەك ، ئەۋلىيادەك جىدەل تېپىش ئۈچۈن دەپلا نوچى گەپنى قىلىپ جىدەلنى ئۆزەڭ تېپىۋاتىسەن !!
توپان بالاسى بولغىنىنى ھەممە دىندىكىلەر ئېتراپ قىلىدۇ ، شۇ توپان بالاسىدىن ئامان قالىدىغان قانداق گۈمبەزلىك قەبرە ، ئاياق ئىزىكەن ئۇ ؟؟؟ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنى تېپىش پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئاۋۇ جاينىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى كىم نېمىگە ئاساسەن جەزم قىپتىكەن ؟؟ شۇ ۋاقىتتا نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرەر بالىسى مۇشۇ يەر شۇ دەپ تاش ئابىدە تىكلەپ قويۇپتىكەنمۇ يا ؟؟؟ يا ئەۋلاتلىرىغا يەتكۈزۈشۈپ ھازىرغا كەپتىكەنمۇ ؟؟؟ كېمە چۈشكەن جاي شۇ بولسا ئۇ كېمە قېنىكەن ئەمسە ؟؟ ئوتۇن قىلىپ قالىۋېتىپتىكەنما ؟؟ ئۇ ئىز ، قەبرىلەرنىڭ چوڭلىقىغا قاراپ ئاھ ، ۋاھ دەپ كېتىپسىلەر ، ھەدىسلەردىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بويى مۇنچە گەز كېلەتتى دېگەن بايانلارنى ئوقىغاندىمۇ شۇنداق ۋاھ دەپكەتكەنمۇ ؟؟؟ خۇددى ئاللاھنى كۆرسەتسەڭ ئىشىنىمەن بولمىسا ئىشەنمەيمەن دېگەندەك ئىشقۇ بۇ . بۇلار پەقەت پەرەزگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىشلار ، راستلىقىنى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئېتراپ قىلىدۇ دېسە ئىشەنمەيمەن . ئىشىنىۋاتقانلار نېمىگە ئاساسەن ئىشىنىۋاتقىنىڭلارنى دەپ بېقىڭلارچۇ قېنى ؟؟ ماۋۇ پالانى جاي دەپ قويسا ۋاھ دەپلا ئىشەندىڭلارمۇ ياكى باشقا دەلىل بامۇ ؟؟؟