bugaltir يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 04:49 PM
مېنىڭ ئىككى قىزىم ئوقۇۋاتىدۇ . چوڭ قىزىم خوتەن شەھەرلى ...
بۇغالتىر ئەپەندىم ، بەلكىم سىزنىڭ بالىلىرىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولسا كېرەك .لىكىن ،مائارىپتا ئۆلچەم بار ،نۇرمىدىن ئاشۇرۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى سۇراققا تارتىدۇ .بۇنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئىيتىپ قويسىڭىزلا بىردەمدىلا ھەل بولىدۇ .
مېنىڭچە ، بىز دەل ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ تاپشۇرۇق نورمىسى نورمالمۇ ،تاپشۇرۇق بېرىش شەكلى ئىلمىيمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشساق بولىدۇ . تاپشۇرۇق ئېغىر، كۆپ بولسا مىللەتنىڭ تەرەقىياتىغا راستىنلا زىيانلىقمۇ ؟مېنىڭچە بۇنداق بولىشى ناتايىن . تاپشۇرۇغى ئېغىر خەنزۇ مائارىپىنى ئېلىپ ئىيتساق ،گەرچە 60-نەچچە يىللىق يېڭى جوڭگو مائارىپى بېرەر تەبىئى پەن نوبېل مۇكاپاتىنى توغمىغان بولسىمۇ ،لىكىن دۇنيادىكى ئىلغار پەن-تېخنىكىنىڭ ھەممىسى بىزدە بار . مەسىلەن ، باشقىلار ئالەمگە ئۇچقان بولسا بىزمۇ مۇستەقىل ئۇچۇپ چىقتۇق؛ باشقىلار ئاتوم ياسىيالىغان بولسا بىزمۇ ياسىيالىدۇق ؛ باشقىلار ئاۋياماتكا ياسالىسا ،بىزمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى ئاۋياماتكىنىمۇ پۇتتۇرەي دېدۇق ؛ بىزنىڭ سۇ ئاستى يادرو پاراخودلىرىمىز باشقىلارنىڭ بوسوغىسىغا بېرىپ قايتىپ كەلسە تۇيماي قالدى ھەم چۆچىدى ،باشقىلارنىڭ رادارىدىن يۇشۇرۇنالىدۇق ؛............بىزدە ياسالغان تۇرمۇش ،ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇملىرى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە تارقالدى (گەرچە سۈپۈتى ئالا بولمىسىمۇ ) ؛مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى دەل ئاشۇ تاپشۇرىغى ئېغىر جوڭگو مائارىپىنىڭ تۆھپىسى . دەل شۇ تاپشۇرىغى ئېغىر دېيىلىۋاتقان مائارىپ 60يىل بۇرۇنقى كەمبەغەلنى ،بايغا ئايلاندۇردى ،60يىل بۇرۇنقى ئاجىزنى نوچىغا ئايلاندۇردى .مانا بۇلارنى بىز ۋە سىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتىمىز . بىر مىللەت روناق تاپاي دېسە دۇنيادىكى ھەممە بىلىمنى زېرىكمەي ئۆگىنىشى كېرەك ،ھەتتا پىستە(ئىت ) بىقىشنىمۇ .ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئىش پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . مېنىڭچە بىسىمى يوق ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بولىدۇ .بۇ يەردە دىيىلگەن بىسىم دەل تاپشۇرۇق شەكلىدە ئەمىلىلىشىدۇ . تاشقى بىسىم بولمىسا ،ئادەم لەقۋالىشىپ كېتىدۇ . بىز تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلىگىدىن ئەمەس ،بېرىش شەكلىنىڭ ئىلمىي بولمىغانلىغىدىن ۋايسىساق توغرا بولىدۇ .مېنىڭ تەكشۇرىشىمچە ،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق بېسىمى ، ئوخشاش ياشتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق بىسىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ . بۇنى ئېغىر دېسەك،ھازىرقى دۇنيادا يىلدا نەچچە قاتلىنىۋاتقان يېڭى بىلىمنى قانداق ئۆگىنىپ بولىمىز ؟ قانداق قىلىپ ئىجادىي مىللەتكە ئايلىنىمىز ؟ مۇشۇنچىلىك سۆزلەي ،كۆپ سۆزلەپ ئۆزەمنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىگىمنى ئاشكارىلاپ قويدۇم .