tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 05:52 PM
بۇغالتىر ئەپەندىم ، بەلكىم سىزنىڭ بالىلىرىڭىزنىڭ ئوق ...
مائارىپتا ئۆلچەم بار ،نۇرمىدىن ئاشۇرۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى سۇراققا تارتىدۇ .بۇنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئىيتىپ قويسىڭىزلا بىردەمدىلا ھەل بولىدۇ .
تاپشۇرۇقنى نۇرمىدىن ئاشۇرۋەتكەن ئوقۇتقۇچىنى جازالاش چارىسى سىياسەت جەھەتتىن تۈزۈلگەن بولىشى مۈمكىن ، بۇ سىياسەت ئەمىلىيەتكە ئىشلىتىلمىگەن . مەن مەكتەپ مۇدىرى ھەم مائارىپ ئىدارىسىغا تېلىفۇن قىلدىم .
ئەگەر سىز دىگەن ئەشۇ تۈزۈملەر مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتىشىدا يولغا قويۇلغان بولسا ، مەن مۇنبەرگە مائارىپ توغرىسىدا يازغان ئىنكاسىم باشقىچە بولاتتى .
زامانىۋىلىشىش ، دۇنيا تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشتە ، ئوتتۇرغا چىقالايدىغان ئىختىساد ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا ، مائارىپقا تايىنىمىز ، بۇ بىر ھەقىقەت .
بىر پارچە مۇزنى قاتۇرۇش ئۈچۈن سەۋەرچانلىق ھەم ۋاقىت كېرەك .
بالىلارنى تەربىيلەشتە ، ھەددىدىن ئاشقان تاپشۇرۇقنى ئازلىتىپ ، بالىلارغا پىكىر يۈرگۈزۈش ، ئارام ئېلىش ..... پۇرسىتى بىرلىشى كېرەك .