aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 09:01 PM
بەلكىم ، يۇرۇتۋازلىققا بۇراش سىز دىگەننىڭ بىرقىسمىي ...
چۈشىنىشسىزلىك بولمىغاي..............
تىمىدا يۇرتۋازلىق يوق لېكىن سۆھبەتلىرىمىز(ئىنكاسلىرىمىزدىكى يوشۇرۇن مەنالاردىن)شۇ خىل بەدبۇيلۇقنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم ،بىراق سېزىمىمنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىگىدىن شۇنداق ھىس قىلىپ قالغان بولۇشۇمنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
چۇنكى قەشقەر ۋەتەن ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ بىر قىسمى. ئۇنداق ئىكەن بارلىق تورداشلار ئۆز يۇرت ئايماقلىرىنىڭ تىل شىۋىلىرى ئارقىلىق زىمىنىمىزنىڭ كەڭلىگىنى، سانىمىزنىڭ كۆپلىگىنى مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھىساپسىزلىغىنى ھىس قىلىشىمىز كېرك ئىدى.
خوتەندىكىلەر خوتەننى يەر شارىنىڭ مەرگىزى دەپ قارىسا، قەشقەرداشلار قەشقەرنى يەر شارىنىڭ مەرگىزى دەپ قارىسا............ئۇنداقتا بىز ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان يەر شارىنىڭ مەرگىزىنى قاچانلاردا تاپالارمىز؟؟؟
يەرلىك تىل-شىۋىلىرىمىز ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭزىدىكى داغ ئەمەس بەلكى زىناختىكى ياراشقان خال.
ئۇنداقتا دۇنيادىكى مەلۇم بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن تەڭ كۈلەم ۋە سان بىلەن تەڭلىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن يەرلىك شىۋىلىرى بولمايدۇ؟ ۋە ئۇنى خۇشاللىق بىلەن ئىتىراپ قىلمايمىز؟؟؟
بىز مۇنچا دېرىزىسىنىڭ ھورداپ كەتكەن ئەينىكىدىن سىرىتقا قارىماي تاڭ قۇياشىنىڭ ئىللىق نۇرىدىن نەزىرىمىزنى بالقىتالىساقلا ھەممىگە مىھىرلىك كۆزىمىز بىلەن قارىيالىشىمىز مۇمكىن.
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكىرلىرىگە يەنىمۇ مۇھتاجمەن.
قېرىندىشىم ئاپتاپ- سۆزۈم چۈشىنىشلىك بولغاندۇ؟سىز تىما ئىگىسى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپرەك سۆز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-30 11:07 AM