ئىنكاسلارغا قالاپ تازا كۈلۈپتىمەن،
مەنمۇ قەشقەرلىك بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن، سىرتلاردا يۈرگەن ۋاقىتلاردا، بەزىدە دوستلىرىمىزنى دوراپ تەلەپپۇزىمىزنى ئۆزگەرتىپ قويىمىز، لىكىن مۇشۇ قالاڭ، چىمۇ، چىرىپ ... دىگەن سۆزلەرنى پەقەتلا ئۆزگەرتكۈم كەلمەيدۇ، يەنىلا ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە دەۋېرىمەن. باشقا سۆزلىرىمىزدىن بىلەلمىسىمۇ، مۇشۇ بىرقانچە سۆزلەردىن قەشقەرلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلىۋالالايدۇ باشقىلار.
يۇقىرىدا دىيىلگەن«سېسىق گەپ» ئاتالغۇسىغا كەلسەك، كىچىك چاغلىرىمدا كۆپ ئاڭلايتتىم، قەشقەرلىك قىرىق مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك گەپ قىلىشىدۇ دەپ، بۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار،ھەممە نەرسىگە ئوغۇت كىرەك بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ تىلىمىزدا شۇ ئوغۇت كەم بولسا قانداق بولىدۇ؟ شۇ ئوغۇت ئارقىلىق تۇرمۇشىمىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ، كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى دەپتىكەن. شۇ «ئوغۇت» ئۈستىگە «سۇ»قۇيالىسىڭىز، مول ھوسۇلغا ئېرىشتىڭىز دىگەن گەپ، «سۇ» قويالماي يامغۇر تىلەپ ئولتۇرغانلارغا ئەلۋەتتە «سېسىق» پۇرايدۇ......