تۈمەن0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 10:51 PM
قەشقەرلىكلەرنىڭ ئانا تىلنى توغرا ئىلمىي ئىشلىتىشنى ئۈ ...
سىللە شىنجاڭ خەۋەرلىرىنى تولا كۆرەپ كەتكەن ئەدەم ئوخشايلا، جۇما، يەرلىك شىۋىدە سۆزلىگەنلىك تىلنى بۇزغانلىق ھىساپلانمايدۇ، قەشقەرنىڭلا ئەمەس،شىنجاڭدىكى ھەممە يەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق شىۋە ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، بولمىسا شىنجاڭنى كىزىپ چىقسىلا بىلىپ قالىلا،تۇرپان-قۇمۇلدا .ئۇۋىنى،ئۇگا ، جۇۋىنى ،جۇگا دەيدۇ، خوتەندە ئىتنى-سەگ دەيدۇ، تۇرپاندا (ر)نى بىز دىن كۈچەپرەك چىقىرىدۇ، كۇچادا سۇزۇپراق ئيتىدۇ، بىزنىڭ سىنىپتىكى كورۇللۇق بالىلار پۇتۇم، دېگەننى پۇتام دەيدۇ، بۇنداق ئالاھىدىلىك ھەممە يۇرتتا بار، بۇلار ئەدەبىي تىلغا بويسۇنىدۇ، رادىئو-تىلۋېزور، نەشىر-ئەفكارلاردا ئورتاق ئەدەبىي تىل ئىشىلتىلدۇ،دىئالىكىت ۋە شىېۋىلەر ئۇنىڭغا ئەگشىدۇ،بىراق يەرلىك شىۋە ئومۇمى مىللەت تىلىنى بىيىتىشتا،ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، لۇغەت فوندىنى ئۆزلۈكسىز كۆپەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دۇنيادا نوپۇسى مىليۇندىن ئاشىدىغان،تارقالغان رايۇنى كەڭ بولغان ھەرقانداق مىللەتنىڭ تىلىدا، دىئالكىت، شىۋە، ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، ئەمدى، ‹‹ گۈل›› گە كەلسەك ، بۇمۇ خاتا، ئەسىلى گۇل، پارىسچىىدىن كىرمە سۆز، ‹‹گۆش›› ئەسىلى ‹‹گوش›› بۇمۇ پارىسچە كىرمە سۆز، ئەجىبا قەشقەرلىكلەرنىڭ ؛،گۇل، دىيشى، گوش دىيشى خاتامۇ؟ لىكىن مەن قەشقەردە، پاتىگۇلنى- پاتىگول، ئايگۇلنى-ئايگول دەپ چاقىرغىننى ئاڭلاپ باقمىدىم، سىلنىڭ مەلىدە شۇندا تولامدىيا؟ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئوبدان ئۈگۈنۇپ باقسىلا، ئەينى ۋاقتتىكى ئەدەبىي تىلنىڭ قايسى رايۇن تىلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىلا، بولامدا.....