مەنمۇ قەشقەردە ئۆزەم يۇلۇققان گەپتىن بىر نى قىپ بېرەي ھە .
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر يۇك ماشىنىسى ھايدايدىغان ئاغىنەم كۇچاردىن ، قەشقەرگە كۆمۇر بېسىپ ، ماڭاشىدا ماڭا بىللە بېرىپ كىلەيلى دەپ تۇرىۋالدى . ئۇچاغدا قەشقەرگە قىزىقىشىم ھەم تۇنجى بېرىشىم بولغاچقا ، ماقۇل بولدۇم .
قەشقەرگە يىتىپ باردۇق . ماشىندىن كۆمۇرنى چۇشۇرۇش ئۇچۇن ئاغىنەم ، ماشىننڭ ئۇستىگە چىقىپ ئارغامچىنى يەشتى . مەن ياردەملىشەي دىسەم پەقەت ئۇنمىدى . كىيمىڭ مەينەت بوپ كىتىدۇ دەپ . ماڭىمۇ خوش ياقتى ئۇگەپ .
شۇ ئارىدا كۆمۇرنىڭ ئىگىسى ، ( ياشانغان ساقاللىق ئادەم ) ئۇكام سىلىمۇ چىقىپ ئارغامچىنى بوشىتىشىپ بەرمەملا دىدى .
مەن ماشىنا بەك ئىگىز ئىكەن چىقالمىغۇدەكمەن دىسەم ،
ئۇكام ئېسلىپ باقسىلا چىقامىسلا مەن يۆلەپ قوياي دىگەنتى . شۇ ئاچچىقىمدا يۇگۇرەپلا چىكەتكەن ماشىنىغا .