مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mystics

مايالىقلار بىشارەت بەرگەن زامان ئاخىرى 21-دېكابىر راستىنلا بولامدۇ .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈچلىىنەيلى..كۈچۇكلەنمەيلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46963
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:20:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 12:39 AM
نەئۇزىبىللاھ ، توۋا قىلدىم ، ما ئىنكاسىڭنى ئوقۇمىغان  ...

ۋوي نىم بولدى ..  
  مېنى قورقۇتماڭ بۇرادەر ، شۇنچە خاتا گەپ قىلغاندىمەندىمەنمۇ ،
مۇنداق ئوچۇق گەپ قىلسىڭىز بوپتىكەن .
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:32:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kay~sar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-3 10:20 AM
ۋوي نىم بولدى ..  
  مېنى قورقۇتماڭ بۇرادەر ، شۇنچە خاتا  ...

ئىنكاسىڭىزدىكى مۇنۇ سۆزلەر «21 چېسلا بولسىمۇ بۇنىڭغا ھېچنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ . چۇنكى ئۇمۇ ئاللانىڭ بىر كۇنىدە !» خۇددى مەزكۇر تىمىدىكى ئاتالمىش مايالىقلارنىڭ بىمەنە بىلجىرلاشلىرىنى ھىچ نىمە دەپ بولمايدۇ دەپ تەستىقلاش يەنى بەلكىم بولىشى ئىھتىمال دىگەننى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ ، مانا بۇ ئىش مىنى چۆچۈتتى ، بىر كىشى بىر كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بەرسە تاكى قىيامەتكىچە شۇ كىشى ئۆزى ئازار بەرگەن ئادەمنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ سىنى كەچۈردۈم دىگەن رازىلىقىنى ئالمىغۇچىلىك شۇ ئىنساننىڭ قەلبى قەپەستە تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ ( يەنى قىيامەت كەلگەندە مەن ئازار بەرگەن شۇ كىشى قاچان كىلىپ مىنى ئازاد قىلا ( دىمەكچى رازى بولۇپ كەچۈرە دىگەنلىك ) مىنى قەپەستىن چىقىرا ؟ ) دەپ مەھشەرگاھتا قالىدۇ ، شۇڭا قىرىندىشىم مەندىن قاتتىقلىق ئۆتكەن بولسا كەچۈرۈڭ ، ئەمما ئىسڭىزدە بولسۇن ۋە سىزگە شۇنداق بىر دوستانە تەكلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆپرەك ئوقۇپ بىرىڭ ۋە تەپەككۇر قىلىڭ ! ئاللاھ رازى بولسۇن ، ئاللاھقا ئامانەت ، خەير - خوش ~

Made in Answer

كۈچلىىنەيلى..كۈچۇكلەنمەيلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46963
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 03:19:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 02:32 AM
ئىنكاسىڭىزدىكى مۇنۇ سۆزلەر «21 چېسلا بولسىمۇ بۇنىڭغا  ...

ئالدى بىلەن ، مەندىن كەچۈرۈم سورىماڭ ، چۇنكى ھېچقاچان سىزدىن زەررىچە خاپا بولمىدىم .
سىزدە خاتا چۇشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇپتىمەن ، بۇمۇ بەلكىم مېنىڭ گەپنى توغرا قىلالمىغىنىمدىن بولغاندۇ، ئەسلىدىنلا مەندەك ‹چالا ساۋات› نىڭ بۇنداق نازۇك مەسىلىلەردە مۇنازىرە قىلشىمنىڭ ئورنى يوق ئىدى ‹ بۇ گەپلىرىم راسىت جۇمۇ يەنە تەنە قىلىپ يۇرگەنمىدۇ دەپ قالماڭ › .
شۇنداق بولسىمۇ ئېچىمنى سىقىپ يۇرگەندىن باغرىمنى بىر ئېچىۋالاي ، چىن كوڭلۇمدىن بارلىق كوزىمىز بىلەن كورگەن ھەم غەيىپ ئىشلارنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلدىغىنىغا شەكسىز ئىشىنىمەن .
  مايا-پايا بىلەن 10 تىيىنلىق كارىم يوق . پەققەت-پەققەت شۇ 21 چېسلامۇ 365 كۇننىڭ ،بىر ھەپتىنىڭ 7 كۇننىڭ بىرسى بولغانلىقى ئۇچۇنلا شۇ كۇنى قىيامەت بولسا ئەجپ ئەمەس دىمەكچى ، ئىنسان ئەتنىڭ ، ئۆگۈننىڭ ، شۇنداقلا سەل تۇرۇپنىڭمۇ قىيامەت بولۇپ كېتىشىنى بىلمەيدۇ ، ئەمما بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ، چۇنكى ئۇنى ئاللاھ بىلىدۇ .
  كەچۇرۇڭ سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم ، ھەم سىزگە رەھمەت . ئاللاغا ئامانەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87516
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 03:21:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ھەممىگە قادىر قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغىننى ئاللاھ تىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 08:13:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             ھېچكىم ئاللاھتىن چۆڭ ئەمەس.

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 09:53:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى


78329- نومۇرلۇق سۇئال

مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

قىيامەتنىڭ بەلگىسى ۋە ئالامەتلىرى بولسا قىيامەت كېلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدىغان ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ،ئۇلار چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلەر دەپ بۆلۈنىدۇ.كىچىك ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى قىيامەت يېقىنلاپ كېلىشتىن خېلى بۇرۇن يۈز بېرىشى مۇمكىن،بەزىلىرى ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى،بەزىلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىشىۋاتىدۇ—تەكرارلىنىشىمۇ مۇمكىن.بەزىلىرى تېخى يۈز بەرمىدى.لېكىن بىز راستچىل پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسەن بۇلارنى يۈز بېرىدۇ دەپ ئىشىنىمىز.

چوڭ ئالامەتلەر بولسا ناھايىتى روشەن ئالامەتلەر بولۇپ،ئۇلارنىڭ يۈز بېرىشى قىيامەتنىڭ يېقىنلا ۋاقىتىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەردە كۆرسىتىپ بېرىلگەن.تۆۋەندە ھەدىسلەرنى مىسال قىلماي ئالامەتلەرنىلا كەلتۈرىمىز.بۇ تېمىغا قىزىقىدىغانلارغا ئىشەنچلىك كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.بۇ كىتابلاردىن ئەل-قىيامە ئەل-سۇغرا –كىچىك قىيامەت،ئاپتورى شەيخ ئۆمەر سۇلايمان ئەل-ئەسقەر، ئەشرات ئەل-سائەھ،ئاپتورى يۇسۇف ئەل ۋابىل قاتارلىقلار بار.
قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئەۋەتىلىشى.
2 – رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئۆلۈمى.
3 – بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ فەتىھ قىلىنىشى.
4 – پەلەستىندە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى.
5 – بايلىقنىڭ كەڭ تارقىلىشى،سەدىقىگە ئېھتىياج قالماسلىقى.
6 – فىتنىنىڭ تارقىلىشى.ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى فىتنىلەر ھەم بۇنىڭ مىسالىدىندۇر، مەسىلەن : ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى،تۆگە ئۇرۇشى ۋە سەففەين جېڭى،خاۋارىجلارنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى،ئەل-ھۇررەھ ئۇرۇشى، قۇرئان مەخلۇق دېگەن قاراشنىڭ تارقىلىشى قاتارلىقلار.
7 – پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى.كەززاپ مۇسەيلىمە ۋە ئەسۋەد ئەنەسىگە ئوخشاش.
8 – ھىجرىيەنىڭ 7-ئەسىرىدە(ھىجرەتنىڭ 654-يىلى) ھىزاجدا كۆرۈلگەن چوڭ ئوت.ئۇ ناھايىتىمۇ چوڭ ئوت ئاپىتى بولغان ئىدى.ئالىملاردىن شۇ دەۋردە ياشىغانلار بۇ ئوتنى ئۆز كىتابلىرىدا تەپسىلى تەسۋىرلىگەن. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ:بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا مەدىنىدە زور ئوت ئاپىتى كۆرۈلدى،بۇ مەدىنىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە يۈز بەرگەن ئىش ئىدى،بۇ توغرىدىكى خەۋەرلەر ھەتتا سۈرىيە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغىچە تارقاپ كەتتى،نەق مەيداندا كۆرگەن كىشىلەر ماڭا بۇ ئوت توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
9 – ئىشەنچنىڭ كۆتۈرۈلۈشى.كىشىلەر ئارا ئىشەنچنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ۋە ئىشنىڭ ئۆز ئىگىسى بولمىغان كىشىلەرگە تاپشۇرۇلۇشى.
10 – بىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى.بىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئالىملارنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن بولىدۇ.
11 – زىناخۇرلۇقنىڭ ئەۋىجگە چېقىشى.
12 – جازانىنىڭ ئومۇملىشى.
13 – مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى.
14 – ھاراق ئىچىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى.
15 – پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سېلىشتا بەسلىشىشى.
16 – قۇل ئايالنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغىشى.بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەرخىل.ئىبنى ھەجەرنىڭ قارىشىچە،بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى،ئۇلارغا قۇلدەك مۇئامىلە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
17 – قاتىللىقنىڭ كۆپىيىشى.
18 – يەرنىڭ كۆپ تەۋرىشى.
19 – زىمىننىڭ يېرىلىشى، ئىنسانلاردا قورقۇنۇچلۇق شەكىل بىلەن يارىتىلغانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى. تۆھمەتخورلۇقنىڭ بارلىققا كىلىشى.
20 – ئاياللار دىن يىرىم يالىڭاچ يۇرىيدىغانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى.
21 – مۇئمىننىڭ چۈشىنىڭ راس بولۇشى.
22 – يالغان گۇۋاھلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى،راست گۇۋاھلىقنىڭ يوشۇرۇلۇشى.
23 – ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى.
24 – ئەرەب زېمىنىنىڭ قايتىدىن باغۇ-بوستانلىقلارغا ئايلىنىشى.
25 – فۇرات دەرياسىدىكى بىر ئالتۇن تاغنىڭ تېپىلىشى.
26 – ياۋايى ھايۋانلار ۋە جانسىز مەخلۇقلارنىڭ گەپ قىلىشى.
27 – رۇملۇقلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىشى.
28 – كونىستانتىنوپولنىڭ ( قۇستانتىنىيە) پەتھى قىلىنىشى.
قىيامەت توغرىسىدىكى چوڭ خەۋەرلەر بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزەيفە ئىبنى ئۇسەيدنىڭ ھەدىسىدە رىۋايەت قىلىنغان 10 ئىشتۇر:دەججال.ئىيسا ئىبنى مەريەمنىڭ چۈشىشى، يەئجۈج-مەئجۈج، ئۈچ قېتىملىق زىمىننىڭ يېرىلىشى: –بىرى شەرقتە، بىرى غەربتە، يەنە بىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا، تۈتۈن، قۇياشنىڭ كۈن پىتىش تەرەپتىن چىقىشى، غەلىتە مەخلۇق، ئىنسانلارنى مەھشەر مەيدانىغا سۇرۇپ بارىدىغان كۈچلۈك ئوت قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلىشى، بۇ ئالامەتلەردىن بىرى كۆرۈلسە يەنە بىرى ئۇلىشىپلا كېلىدۇ.

مۇسلىم ھۇزەيفە ئەل غەفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « بىز پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمىزغا كەلدى، ئاندىن بىزدىن سورىدى:“نېمە توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتىسىلەر؟“بىز :“قىيامەت توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتىمىز“دەپ جاۋاب بەردۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:“ئون ئىش يۈز بەرمەي تۇرۇپ قىيامەت كۆرۈلمەيدۇ“دېدى، ئاندىن، تۈتۈن، دەججال، غەلىتە مەخلۇق، قۇياشنىڭ كۈن پىتىش تەرەپتىن چىقىشى ،ئىيسا ئىبنى مەريەم(ئەلەيھىسسالام)نىڭ چۈشىشى ، يەئجۈج-مەئجۈج ،بىرى شەرقتە،بىرى غەربتە ۋە يەنە بىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىداكۆرۈلىدىغان ئۈچ قېتىملىق يەر يېمىرىلىش ئاپىتى، ھەمدە ئاخىرقىسى يەمەندىن باشلىنىپ كىشىلەرنى مەھشەرگە سۇرىدىغان چوڭ ئوت » قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.

بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى توغرىسىدا بىرەرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق،بەلكى بەزى تەرتىپلەرنى يۇقىرىقى ھەدىستىن چۈشىنىش مۇمكىن.
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن)باشقىلار قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى توغرىسىدا سورىغاندا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:

بەزى ئالامەتلەرنىڭ تەرتىپى روشەن.لېكىن بەزىلىرىنىڭ تەرتىپىنى بىلمەيمىز.تەرتىپىنى بىلگەنلىرىمىز بولسا دەججال،ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام ۋە يەئجۈج-مەئجۈج توغرىسىدىكى بايانلاردۇر،يەنى دەججال ئەۋەتىلىدۇ،ئاندىن ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ،ئاندىن يەئجۈج-مەئجۈجلەر چىقىدۇ.
ئەل سەفرانى ئۆزىنىڭ ئەقىدە كىتابىدا بۇ ئالامەتلەرنىڭ تەرتىپىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، لېكىن بۇلارنىڭ بەزىلىرى دەلىلگە ئۇيغۇن بەزىلىرى ئۇيغۇن ئەمەس. بىز ئۈچۈن بۇ يەردە رەت تەرتىبى مۇھىم ئەمەس، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ قايسىبىرى كۆرۈلىدىكەن، قىيامەت يېقىنلا يەردىدۇر.ئاللاھنىڭ بىزگە بۇ ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىشى قىيامەتنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ توغرىسىدا خەۋەرلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئۈچۈندۇر.

مەجمۇئەل-فەتىۋا 2-توم،سوئال نومۇرى 137





http://takwalar.com/?p=907

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 09:57:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرراھمان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تاكى داۋاسى بىر بولغان ئىككى چوڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق بولمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ يەنە ھەر بىرى مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ داۋا قىلىدىغان ئوتتۇزغا يېقىن كاززاپ دەججال ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ، يەر تەۋرەش كۆپىيىپ، ۋاقىت قىسقىراپ، پىتنىلەر ئاۋۇپ، قىرغىنچىلىق كۆپ بولۇپ، مال-مۈلۈك كۆپىيىپ ئېشىپ تاشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا مال-دۇنيا كۆپىيىپ ئېشىپ-تېشىپ، مال-دۇنيا ئىگىسى سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەپ باش قاتۇرىدىغان، ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى تەڭلىسە، ئۇ ئادەم: بۇنىڭغا ھاجىتىم يوق، دەيدىغان بولغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە كىشىلەر ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە بىر كىشى بىر كىشىنىڭ قەبرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ (غەم-ئەندىشىسىنىڭ كۆپلىكىدىن): ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسامچۇ؟ دەپ ئارزۇ قىلىپ قالمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە تاكى قۇياش كۈنپېتىشتىن چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، قۇياش چىقىپ خالايىق ئۇنى كۆرگەندە زېمىن ئۈستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىيمان ئېيتىدۇ، مانا ئاشۇ چاغ (ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ.)(ئەنئام سۈرىسى 158-ئايەت.) دېگەن چاغدۇر. قىيامەت چوقۇم ئىككى كىشى رەختلىرىنى ئالدىلىرىغا يېيىپ تېخى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ياكى ئۇنى قاتلاپ يىغىپ بولغىچە قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنىڭ سۈتىنى سېغىپ قايتىپ تېخى ئۇنى ئىچىپ بولغىچە بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم ئۇ كىشى كۆلچىكىگە لاي سۇۋاۋېتىپ تېخى ئۇنىڭدا ئۇلىقىنى سۇغارماستىنلا قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى لوقمىسىنى ئاغزىغا ئاپىرىشىغا قايىم بولۇپ كېتىپ ئۇنى يېيەلمەي قالىدۇ».(سەھىھۇل بۇخارى 7121-ھەدىس)

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 10:28:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىيامەت قايىم بولۇش بىزلەر پەرەز قىلىپ بولالمايمىز.  بۇ پەقەت بىر ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86874
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 10:30:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  بۇنداق  خەۋەرنىڭ  بېرىلمەسلىكىنى  ئۈمىد  قىلىمەن،  چۈنكى  12-ئاينىڭ 21-كۈنى  قىيامەت  بولىدىكەن  دەپ  ئىشىنىپ  قالىدىغانلار  چىقىپ  قېلىشى  مۇمكىن،
مەنمۇ  بەزىدە  شۇنداق  گەپلەرنى  ئاڭلاپ قالىمەن .  قىيامەت  ھامان  بولىدۇ ، ئەمما  ۋاقتىنى  ئاللاھ  ئىگىمىز  بىلىدۇ،بۇ  توغرىلىق  چەتئەللىكلەرنىڭ  قىلىپ  يۈرگەن  
تەييارلىقىنى  كۆرسە  ئادەم  توۋا  دېيىشتىن  باشقىنى  بىلمەي  قالىدىكەن، ئاللاھتىن  بىزنى  قىيامەتنى  ھەقىقىي  تەييارلىق  بىلەن كۈتىۋېلىشقا  نېسىپ  قىلىشىنى  تىلەيلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muslima416 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 10:32 AM  


ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2605
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 10:32:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تېمىنى تەستىقلاپ مۇنبەردىكىلەرنى ئوپىلاڭ - توپىلاڭ قىلىۋەتكۈچە ، بىرەر ياخشى تېمىدىن بىرنى تەستىقلاپ بەرگەن بولساڭلار نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە ؟ ئېىست ....

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش