qvxtabiri يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 12:08 PM
مۇشۇ تېمىنى يېزىشنىڭ ئۆزى نادانلىق، تەستىىقلاشنىڭ ئۆز ...
ئىنكاس يازغاندا ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئىنكاس يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوتكۈر مۇلاھىزە، مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىگە ئىسلامنىڭ توغرا ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
مۇنۇ يازمىغا كەلسەك ‹‹مايالىقلار بىشارەت بەرگەن زامان ئاخىرى 21-دېكابىر راستىنلا بولامدۇ ؟›› دېگەن ماۋزونىڭ ئۈزىدىنلا بۇنىڭ باشقىلارغا قۇيۇلغان بىر سۇئال ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ.
يازمىدا مايالىقلارنىڭ قانداقتۇر بىر ئىلاھى مىللەت ئىكەنلىكى ئېيتىلغان بولماستىن بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاستۇرونومىيە ئىلمى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇشۇ پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلەلەيمىز. پەن تېخنىكا ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە ۋاقتىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئاددى مىسالى بىز كۈندە ئاڭلاۋاتقان ھاۋا رايىدىن مەلۇماتنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنىڭ خېلىلا يوقۇرىلىقى.
قىيامەتنىڭ بولۇشى ئېنىق، ئەمما ئۇنىڭ بىردىنبىر بىلگۈچىسى يىگانە ئاللاھتۇر، بۇ ھەقتە 46- قەۋەتتىكى بۇغالتىر يوللىغان قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى دېگەن ئىنكاسنى تەپسىلى ئوقۇپ بېقىڭ.
ئەسلى گەپكە كەلسەك مايالىقلار پەقەت تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇلۇش، يار شارى خارەكتىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىشى تۈپەيلى ئىنسانلارنىڭ ھالاك بولۇپ 21- دېكابىر كۈنىدە قىيامەت بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇنىڭغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ھەر كىمنىڭ ئەقلىگە باغلىق.
ئىسلام دىنىمىزدا ئېيتىلغان قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھازىر كۆز ئالدىمىزدىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ كۈننىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. بىلگۈچى پەقەت يىگانە ئاللاھتۇر. بۇ كۈندىن بىز ھېچقايسىمىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. بىزنىڭ مۇھىم قىلىدىغان ئىشىمىز قىيامەتكە قانداق تەييارلىق قىلىش. يەنى ئۆز خاتالىقىمىز ئۈچۈن ۋاقتىدا تەۋبە ئېيتىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت قىلىشنى تىلەش.
ئاخىرقى يەشمە: مايالىقلار ھەرگىزمۇ ئىلاھى قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس، بەلكى ئاستورونومىيە ئىلمىدە بەلگۈلۈك تەرەققى قىلغان بىر مىللەت دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئاللاھتائاللا ئىنسانلارنى بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئەقىللىق ياراتتى. نۇرغۇن كەشپىياتلار يات تائىپىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار شۇنى ئىجاد قىلالمامدۇ؟ ياق ئىجاد قىلىشقا تامامەن قۇربى يېتەتتى. بىراق ئۇلار ئاللاھ بەرگەن ئېسىل نىممەت ئەقىل-ئىدراكنى ئىشلىتىشكە سەل قارىغانلىقتىنلا بۇ ئەقىلدىن باشقىلار پايدىلىنىۋاتىدۇ.
قۇرئان كەرىمنى تەپسىلى ئوقۇغاندا تېلۋىزور، ئايرۇپىلان، پاراخۇت قاتالىقلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مەزمۇنلار ئىچىدە قەيت قىلىنىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالالايمىز. شۇنىڭدىنلا پەننىڭمۇ دىننىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماق تەس.
بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، بارلىق پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنىڭ دەسلەپكى لاھىيە بىشارەتلىرى قۇرئان كەرىمدە ئېنىق ئېيتىلغان. يەھۇدىي، ناسارا، ۋە مايالىقلار گەرچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمىسىمۇ ئۇلار قۇرئان كەرىمدىكى ھېكمەتلەردىن پايدىلىنىشنى بىلگەن.
قۇرئاننى ئوقۇغانلا كىشىنى مۇسۇلمان، ئىنجىلنى ئوقۇغانلا كىشىنى كاپىر دەپ ئېيتىشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، ئۆشرە-زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ بەش پەرىزىنى مۇكەممەل ئادا قىلالىغان كىشىنىلا مۇسۇلمان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئولىمالىرىنىڭ ئىنجىلنى كۆرۈشتىكى مەقسىدىنى ئىنجىلدىكى خاتا قاراشقا رەددىيە بېرىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا <<بۆرىنى تۇتۇش ئۈچۈن، بۆرە ئۈۋىسىغا كىرىش كېرەك>> دېگەندەك چۈشەنسەك ئاقىلانىلىك بولىدۇ.
شۇڭا مايالىقلارنىڭ بۇ پەرىزىگە يۈزدە-يۈز ئىشىنىشنى ئەمەس، مۇشۇ ھەقتە چوڭقۇرراق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ شۇلارنىڭ بۇ خاتا پەرىزىگە رەددىيە بېرىشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك.
ھەقىقىي نادانلىق بولسا سىزنىڭ يازمىغا قايىل قىلارلىق جاۋاب يازالماسلىقىڭىز.
ئاخىرىدا سىزنىڭ يوقۇرقى ئىنكاس يېزىشتىكى دەلىلىڭىزنى ۋە مەقسىدىڭىزنى ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇشۇڭىزنى قەتئى تەلەپ قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-4 03:04 PM