yaro يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 06:20 PM
يائاللا بولاپ بىرىپتۇ مالىغا مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قوشاق ...
بۇ تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىۋالغان ئابرويپەرەسلىك ئەمەس ‹‹يارو››. بۇ بىر تۇخۇم بىلەن تاشنىڭ جىدىلىنى نەزمى يولدا ئىپادە قىلىش خالاس،ياپونىيەدەك بىر دۆلەت بىزنى ماركا ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلدى ،تۆلەم بېرىشى كېرەك دەپ ئەرز قىلغان ئىش كىچىك ئىشقا ياتمايدۇ،ھەق-ناھەق ئاستىن -ئۈستۈن بولۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆزىنى ئاقلاپ باشقىلارنى ياش چىشلىتىش سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە كىچىك ئىش بولسا ،سىز زادى قانچىلىك كاتتا، مۇرەككەپ دىلولارنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ياكى دەۋا ۋەكالەتچىسى بولۇپ ،قانداق شەرە پلەرنى قۇچقانسىز،بۇ قوشاق ئەمەس مۇخەممەس ،قوشاق دىگەن ‹‹ئاق يەردە قۇشقاچ ئۆلتەردىم قېنىنى چىقارماي،گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ جېنىمنى چىقارماي ›› دىگەندەك گەپلەر دۇر . بۇ بىر ھەق تەلەپ دەۋاسىنىڭ خەۋەر(نەسرى) شەكلى بولۇش بىلەن بىرگە( نەزمى )شەكلى بولۇشنى ئويلۇشۇپ يېزىلغان شېئىر. بۇلاق بىلەن نىل دەرياسىنىڭ پەرقى بار. بۇ مۇشۇنچىلىك ئىش ئەمەس بۇ مىللەتنىڭ ئىناۋىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ ئىش، نىمە ئۈچۈن ياپونلار قۇدرەتلىك بىر دۆلەت تۇرۇپ ئۈچ ھەرىپى ئوىشاپ قالغان توۋار ماركىسى ئۈچۈن نومۇس قىلماي ئەرز قىلىپ يۈرىدۇ ،چۈنكى ئۇلار بىر تال مۇيىغىمۇ باشقىلارنىڭ خالىغانچە چېقىلىشىنى خالىمايدۇ،سىز بىزنىڭ بۇ دەۋادا يېڭىلىپ قالغان ئاقىۋىتىمىزنى قىياس قىلىپ باقسىڭىزلا بىزنى قورقۇنۇچ،ۋەھىمە،ئاھانەت باسىدۇ،بىز ئۇ چاغدا باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان ئوغرىغا ئايلىنىمىز ،سىز مىللىتىمىزنىڭ ئوغرى ئاتىلىپ قېلىشىدىن تەشۋىش يىمەمسىز.