مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

بولدى ‹‹شارپ››مات بۈگۈن، دەۋادا ‹‹مەشرەپ›› ئالدىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3951
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 09:20:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر يازماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس قېرىنداشلار...بىز نېمىشقا بىر بىرىمىزنى قوللىمايمىز؟بىرسى بىر نەرسە يازسا ئۇنىڭدىن قۇسۇر تېپىپلا يۈرگەن...مەنمۇ شېئىر يېزىشقا قىزىقىمەن.مىسرانىمدا ئېلان قىلغان ئىدىم،تورداشلار ئىنكاس يېزىپتۇ.ئەڭ ئاددىيسى‹‹ياخشى يېزىپسىز››دېگەن بىر ئىنكاسمۇ ئادەمگە قانچىلىك ئىلھام بولىدىغانلىقىنى دېمىسەممۇ ھەرقايسىڭلارغا ئاياندۇر...سىلەرنىڭ ئاشۇنداق ‹‹خۇشامەتچى...››دېگەندەك سۆزلىرىڭلار شائىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە قانچىلىك كەلگەندۇ؟لېكىن شائىرىمىزنىڭ ئۆتكۈر تىلىغا قايىلمەن.ئۇ ساپ نىيىتى بىلەن ئويلىغىنىنى دېسىمۇ سىلەر يەنە ‹‹تۇخۇ داڭگال چۈشەپتۇ،ئۆچكە داڭگال››دېگەندەك ئۆز مۇقامىڭلارغا توۋلاۋېرىپسىلەر...مەن مۇنداق دېسەم مېنىمۇ ‹‹خۇشامەتچى››دەپ يۈرمەڭلار،مېنىڭچە بىز بىر بىرىمىزنى قوللاپ ،بىر بىرىمىزگە مەدەت بىرىپ ئۆتسەك بولاتتى...

‹‹قاراخان››قېرىندىشىم،شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ...قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئاللاھىم...داۋاملىق تىرىشىڭ.بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت يولىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17776
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6822
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 09:43:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزنى تىللاش، قىلدەك ئەيپىمىزنى پىلدەك قىلىپ جاھانغا يېيىش، ئەمدىلەتىن باش كۆتۈرۈۋاتقان مىللىي كارخانا - شىركەتلەرنى سېسىتىش مودىغا ئايلىنىۋاتقان بۇ دەۋردە  مىللىي كارخانا - شىركەتلەرنى ماختىغۇچىلار ۋە ئۇلارنى ئاز - تولا قوللىغۇچىلارنىڭ «خۇشامەتچى» ئاتىلىپ قېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

مەن ئىسىم ئۆزگەرتتىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48628
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4527
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 10:19:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر تېما ئىگىسى مەدەنىيەت ئېنقىلابىدا تۇغۇلۇپ قالغان بولسىڭىز قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ئاتامانى بولۇپ قالاركەنسىز، ھازىر دىگەن قۇرۇق خۇشامەتنى قويۇپ جاھانغا باقىدىغان چاغ، سىزگە ئوخشاش ئاسان ھاياجانلىنىپ داپ چېلىپ يۈرسەك مەڭگۈ باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ قالىمىز.
شۇڭا نەپ يەتكۈدەك ئەمەلى ئىش بولسا پەخىرلەنگۈلۈك، نەدىكى تايىنى يوق ئوسۇرۇققىمۇ تەڭ بولمايدىغان دەۋادا شارىپنى مەغلۇپ قىلدۇق دىيىش بەكمۇ تېتىقسىزلىق.
شارىپنى ھەقىقى مەغلۇپ قىلىش دىگەن تېخنىكىدا مەغلۇپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر مەشرەپ شېركىتى ھەقىقەتەن تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئاندىن شارىپنى مەغلۇپ قىلالىسا ھەقىقى پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولىدۇ. شۇڭا كىچىككىنە تەمەنى دەپ بېلىڭىزنىڭ تۆۋىنىگە سۇيۇقئاش بامىغاندەك خۇشامەت قىلىپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلسىڭىز قەلىمىڭىزگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى. قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ياخشىكەن، بىراق توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمىدىڭىز.

مەن ئىسىم ئۆزگەرتتىم، شۇڭا قەستەن باشقا ئىسىمدا كىردىمىكىن دەپ خاتا چۈشەنمەڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17776
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6822
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 10:49:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شائىر يا مىللەتنى ساتماپتۇ، يا بىرەر چاكىنا ئەمەلدارنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئەمەل سەھنىسىگە چىقىشنى تەمە قىلماپتۇ. يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن بىر مىللىي كارخانىغا بولغان ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، شېئىر يېزىپتۇ، بۇنىڭ نېمىسى يامان؟!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 10 ئورۇنلۇق گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 11:27:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

yaroنىڭ جۆيلۈمىسىگە:
نەقىل:
........................................
بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارماي باشقىلارنىڭ  تەييار مىلىغا ئۇيغۇرچە  ماركا چاپلاپ  خەقنىڭ مىللى ھىسياتىدىن پايدىلىنىپ بۇل تاپىغان شىركەت ياپونىيەنى يەڭگەن بولدىما ئەمدى......................................................................................................
ئۆزى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمىغانلارنىڭ باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ مەھسۇلات چىقىرىشى نىسبى،ۋاقىتلىق مۇساپە ،چۈنكى بىرلىك بولماي تىرىكلىك بولماس،بۇنىڭغىمۇ پىتنە تېرىشقا سىزنىڭ قانداق  يىگانە،مۇستەقىل ‹‹مەھسۇلات››لىرىڭىز بار ئىدى.مىللى ھېسسىياتنى جىياڭ زېمىن جېنىدا تەكىتلەپ ئۆتتى ،سىزگە  بىزدىكى بۇ مىللى ھېسسىيات رىئاكسىيە قىلامدۇ ؟ ياكى سىز باشقىلارنىڭ مىللى ھېسسىياتى بىلەن جىنىسداشمۇ؟ ياپونىيەنى يېڭىۋالسا بۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ كەتتىڭىزمۇ ،ئەگەر ئۇلار بىزنى يېڭىۋالغان بولسا كۇرۇكىڭىز يېشىلەمتى؟...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 04:18:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
haximbay يوللىغان ۋاقتى  2012-12-8 10:19 AM
ئەگەر تېما ئىگىسى مەدەنىيەت ئېنقىلابىدا تۇغۇلۇپ قالغا ...

ئادالەتنىڭ قۇلى بولغان شائىر ئۈچۈن تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. سىزگە ئوخشاش قارىخوجا ۋە شەپەرەڭنى قۇت نىشانى قىلغان پەسىل قۇشلىرى كىلىماتقا قاراپ سايرايدۇ،مەن ھازىر مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بېشىغا چىقىدىغان ئىجتىمائى ئىنقىلاپ مۇھىتىدا ياشاپ ئاۋامغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىۋاتىمەن،سىزنىڭ قىلىۋاتقان زۇخۇيلۇقىڭىز دەل مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن سىزگە ئۇدۇم ياكى ئاسارەت بولۇپ قالغان زاكىڭىزدىن تەككەن كېسەلنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىسى،سىز ئۇنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئېلىپ تەدبىر قوللانمىسىڭىز ئەتە-ئۆگۈن رادىل ئابلانىڭ ،ئامىنەنىڭ ،خالمۇرات غوپۇرنىڭ ،ئەزىز چىش كېسەللىكلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى داڭلاشقا كىرىشىمەن ئۇ چاغدا سىزنىڭ خۇدانىڭ مەرتلىكىدىنمۇ قىزغىنىدىغان بۇ پىسماس روھىڭىز يەنە قوداڭشىپ قالمىسۇن.مەندەك ئىدارسىدىكى باشلىقىنىڭمۇ ئىسمىنى ئۇقمايدىغان بىپەرۋا ئادەمدىن خوشامەتچىلىكنىڭ پۇرىقىنى ماشكىمۇ تاپالمايدۇ.مەن تەلۋىلەرچە ھاياجانلىنىپ ‹‹كەلدى قىزىل ئارمىيە ،قىلدى چاپان ھەدىيە،كىچە -كۈندۈز بىز ئاڭا ،ئوقۇيلى تەڭ مەدھىيە،قۇلاق سالغىن ھاشىمباي ،بۇ مېنىڭدىن تەربىيە››دىگەندەك قەسىدە توقۇمىدىم،سىز مەشرەپنى سۇپەت-تېخنىكا،قۇدرەت تاكتىكا جەھەتتە شارپ بىلەن تەڭلىشەلمەۇدۇ دىمەي ئۆزىڭىزنى مۇشۇ شىركەتنى قۇرغان سۇلتان مەھمۇد،ۋە ئوقيا ئەپەندىلەر بىلەن قىسقىسى مۇشۇ مۇنبەردىكى ئىلمى مۇنازىرىچىلەر بىلەن تەققاسلاپ كۆرۈڭ،ئۆزىڭىزنىڭ تېتىقسىزلىقىنى باشقىلارنىڭ سۇ قوشىۋەتكەنلىگىدىن كۆرسىڭىز تېتىقسىزلىققا ماركا تەمە قىلغان بولىسىز ،سىزنىڭ ھاشىمباي دىگەن ‹‹تور نامىڭىز››نى باشقىلار ھاشىمەك ياكى ھاشىمۋاي دىسە مېنى ‹‹ ھېمىڭۋاي››(ئامېرىكىلىق يازغۇچى) دەپ چاقىرىۋاتىدۇ دەپ ئويلىمايدىغانسىز ھاشىمخان؟سىز باشقىلاردەك دەۋاغا ئىشتىراك قىلغاندا ‹‹بەز يىمەيدىغان مۇشۇك يوق›› بولۇپ كەتكەن ھازىرقى زاماندىكى دەۋادا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالىڭىزنىڭ يۇز پىرسەنتلىكىگە ھۆددە قىلالامسىز؟ قىسقىسى سىز مەشرەپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قېپى بىزنىڭ ئىچى ياتنىڭ دەيسىز ،ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئىچى-تېشىنىڭ ئاللىقاچان ماركا چاپلىنىپ ئۆز ئىرادىڭىزدىن مۇستەسنا ‹‹قونچاق››قا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى تەن ئالغۇڭىز كەلمەيۋاتامدۇ،شۇڭلاشقا زامان سەن بىلەن ھېساپلاشمايدۇ سەن زامان بىلەن ھېساپلىشىپ تۇرىشىڭ كېرەك،خۇددى يۇقۇرقىلاردەك،باشقىلار قىتئە ،رايۇن ئاتلاپ بوسۇغاڭدا قىلغان دەۋانى چىرايلىقچە،تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش بىزدەك مەرت ،كەڭ قورساق ،ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك،ساپالىق مىللەتنىڭ  ئەخلاق،قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىكى غەلىبىسى،شۇنداقلا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەشكە بولغان مەسۇلىيەت مىۋىسى،سىزنىڭ بەرەڭگى ۋە تۇرۇپتىن،‹‹ئارپا نېنى››دىن  پەيدا بولغان، مۇھىتنى بۇلغايدىغان ئەرزىمەس ئوسۇرۇقڭىزنىڭ بەلگىسى ئەمەس،سىزنىڭ بېلىنىڭ تۆۋىنىگە سۈيقاش بارغان بارمىغانلىغىنى تومۇرىنى تۇتمايمۇ بىلەلەيدىغان تىۋىپ مىجەز ئادەملىكىڭىز ،ۋە تۆۋىنىگە سۈيقاش بارسا قانداق بولىدىغانلىغىنى ئالدىن  بىلىدىغان  ئوزۇقشۇناسلىق تەجىربىڭىز بىلەن مېنىڭ كىندىكىمنىڭ تۆۋىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ھۆكۈم قىلالمايسىز،چۈنكى سىز مېنىڭ نەزىرىمدە  ئالتۇنى بىلەن ماختىنىدىغان ‹‹ھاشىمباي››مۇ ئەمەس ،چۈنكى سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئەقلى بىلەن ماختىنىدىغان ‹‹ھاشىم ››گادايمۇ ،ئەمەسسىز،بەلكى سىز  مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى قىزىل قوغدۇغۇچىلارنىڭ ئاتامانىغا ئالدىدا بىر خىل،كەينىدە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدىغان ‹‹ھاشىم›› داۋاي  سىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11479
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 795 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 06:59:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورنىڭ بۇ شىئىرى ھەقىقەتەن ياخشى شىئىر بوپتۇ.مەنمۇ مەشرەپ شىركىتىنى قوللايمەن،بىراق شارىپ شىركىتىنى دەۋادا يىڭىۋالغىنىغا ھىچ ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ.ئەگەر ئىلىمىز بىلەن ياپۇنىيە ئوتتىرسىدىكى‹‹دىياۋيۈ››ئارىلى دەۋاسى بولمىغان بولسا،مەشرەپ شىركىتى دەۋادا چوقۇم ئۇتتىرۋىتەتتى.

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85406
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 07:57:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى شارپنىڭ ‹‹مات›› بولىشى دېمەيمىز،مېنىڭچە ئۇلاردا يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى باركەن،ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى قىلىشنى بىلىدىكەن .دۇنياۋى شىركەتلەر بىلەن كىچىك شىركەتلەرنىڭ پەرقى مانا شۇ يەردە.خەقنى داملىغىنىم ، مىكرو سانائەتتە ياپونلارغا يېتىدىغانلار يوق، شارپ قۇرۇلغىلى نەچچە يىل بولدى، مەشرەپچۇ؟ توغرا، بەزىلەر بۇ پىكىرىمگە قارشى چىقىسىلەر،ھەتتا ئاغرىڭلارنى بۇزۇپ تىللاريسىلەر، بۇ ماڭا ئايان، تىللاڭلار،قانغۇچە تىللاڭلار.بەزىلارنىڭ نادانلىكى ئۈچۈن ئاز سانلىقلار مەجبۇرى ھالدا كۆپ سانلىققا بويسۇندۇرۇپ،ھەممىمزىنى نادان دەيدىغانلار تىللاڭلار.خىڭ، خىيالىڭلاردا مەشرەپ كىچىككىنە بىر دەۋادا ئۇتسا خەقنى ‹‹مات›› بولدى دەپ كېتىپسىلار-يا؟ خەقتىن بىزنىڭ نىمىمىز كام؟ بۇنى ئويلاندىغانغا ئادەم يوق، نەدىكى پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلىپ.................بۇنى مات بولدى دېمەيمىز بەلكى بىر دەۋادا يېڭىلدى دەيمىز.خەقنى ‹‹مات›› سۆزىنى ئىشلىتىپ تىللايدىغانغا كىم بەرگەن ھاكاۋۇرلۇق،كىم بەرگەن ئۆزىنى بىلەلمەسلىك بۇ بىزگە!؟خەق بىزنى مات قىلىمىز دېسە بىردەملىك ئىش، بۇ ھەممىمىزگە ئايان، خەق نىمىشقا ئۇنداق دۋراڭ سالمايدۇ،چۇنكى خەق دېگەندە تېخنىكا،مەبلەغ بار. بىزدە يېتەرلىك مەبلەغ،تېخنىكا بولغان تەقدرىدىمۇ،بىز خەقكە خىلى ئۇزۇنغىچە يېتەلمەيمىز، بۇ دېگەن ھەقىقەت! چۈنكى ئۇلاردا تېخنىكا، مەبلەغدىن باشقا يەنە ‹‹مەسئۇلىيەت›› ئۇقۇمى بار؟ بىزدە بارمۇ؟ بەزىلىرىڭلار بار ، ھەتتا 3 كېلو بار دەيدىغانلارمۇ بار، ھەتتا سىز ئامرىكا مېنىڭ دېسىڭىزمۇ ھىچكىم سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا ئۇرمايدۇ،لىكىن ئاشۇ پىچەك گەپلىرىڭىزنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ھايۋان جىنىدا ئاڭلىسىمۇ كۈلگۈسى كېلىپ، ئۇچەيلىرى ئۈزۈلۈپ كېتەر! شۇڭا باشقىلارغا ‹‹مات›› سۆزىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئوبدانراق ئويلىنىلى، پەقەتلا بىر دەۋادا يەڭسە مات بولدى دەپ دېگۈمىز كەلگەننى دېمەي، بولسا بىرەر تىخنىكىدا، مەسئۇلىيەتتە يېڭىپ ئاندىن ‹‹مات›› سۆزىنى ئويلىشىلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 11:34:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mouse يوللىغان ۋاقتى  2012-12-8 07:57 PM
بۇنى شارپنىڭ ‹‹مات›› بولىشى دېمەيمىز،مېنىڭچە ئۇلاردا  ...

ئۈسكىلى كەلگەن مۈڭگۈزىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ،ئۇلارمىكرو سانائەتتە دۈنياۋى نوپۇزغا ساھىب بولسىمۇ مەنىۋى سالاھىيەتتە ئۇنداق ئەمەس،1945-يىلى دۈنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن ئىتالىيە ھەم گېرماىيەگە قول بەرگەن بۇ دۆلەت ئەسلىدە دۈنيانىڭ خوجىسى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەقەللى نۇقتىغا سەل قارىغان،‹‹ئاتقا مىنمە، مىنگىشىپ ئاغرىدى دىمە ›› دىگەنگىمۇ پەرۋا قىلماي ‹‹شەرتسىز تەسلىم ›› بولۇشتەك ئار نومۇسقا قالدى،بۈگۈنكى بۇ دەۋادىكىلەر دەل شۇ تەسلىم بولغان ئەلنىڭ يەتمىش پۇشتى خالاس. ئۇلارمۇ  يەنىلا ئويلىماي سۆزلەپ ،ئاغرىماي‹‹ئۆلدى››.چۈنكى يىگىتنىڭ سۆزى ئۆلگىچە ئۆزى ئۆلسۈن دىگەن گەپ بار ،بۇ بىر چوڭ ۋە كىچىك كارخانىنىڭ ئابروي-ئىناۋەت،مەسىلىسى بىزدە يەنە ‹‹ئابروينى ئالتۇنغا ئال ،جاننى كېپەككە سات›، دىگەن گەپمۇ بار،دىمەك ئۇلار مەسۇلىيەتنى دەپ‹‹ سۇنغان توقاچ››قا ئايلىنىپ قالدى.
شۇڭا ئۇلارنى يېڭىلدى،مەغلۇپ بولدى،ئۇتتاردى،پاخشى بولدى،‹‹ئەل بولدى››دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئىزاھلاشتىن سىرت ‹‹مات››بولدى دىگەن مەشرەپ مىللىتىگە چۈشىنىشلىك بولغان سۆز ئارقىلىقمۇ بايان قىلسا تامامەن بولىدۇ.
    ‹‹مات››بولدى دىگەن سۆز پارىسلارنىڭ شاھمات ئويۇنىدىكى بىر تەرەپنىڭ يېڭىلىشىغا قارىتىلغان سۆزدىن بىزگە سىڭىپ كىرگەن، خەلق ئارىسىدا ‹‹تاي ئات بولغىچە،ئەر مات بولار ››دىگەن تەمسىلمۇ بار.شۇڭا مەن مات بولغاننى سۈنئى ھالدا‹‹شاد››بولدى ‹‹ئات››بولدى دەپ سۇۋاقچىلىق قىلمايمەن.ماڭا ‹‹مات›› بولدى دىگەن سۆزنى خەلقىم ،ۋىجدانىم بەرگەن ،شۇڭا ئۇنى ئەڭ نازۇك ھالقىغا ياپسا كەلتۈرۈپ ئىشلىتىشكە ‹‹ئاساسى قانۇن››دىكى پۇقرالارنىڭ ئۆز تىل يېزىقىنى ئەركىن ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ماددىمۇ ھوقۇق بەرگەن،ئۇنى توسۇپ قېلىشقا سىزگە كىمنىڭ ھوقۇق بەرگەنلىگى قىزىقارلىق تېپىشماق بولىۋاتىدۇ....خەقنىڭ بىزنى مات قىلىشى بىردەملىك ئىش دىگەن نىمە دىگەن گەپ ئۇ ؟ بىز خەقنىڭ ئويۇنچۇقى ياكى ياللانمىسى ،دىدەك-چۆرىسى ئەمەس،خالىسا ئات ،خالىمىسا مات قىلىپ ئوينايدىغان ،سىز ئائىلە باشلىقىدەك تەكەببۇر تەلەپپۇزدابىزگە پوپۇزا گەپ قىلماي،تېگىشلىك تەشەببۇسىڭىزنى دەڭ ياكى سۈكۈت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.گەپنىڭ مېغىزلىق ياكى پۈچەكلىكىنى ئۇنىڭ ئۈچكىسىنى چاققان ئادەم بىلىدۇ.مەن ھازىرغىچە پۈچەك گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەن ياكى ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ قالغان بىرەر ھايۋاننى ئۇچراتمىدىم ،بەلكى ئۇلار ئادىمى ھايۋان بولسا كېرەك ،ياكى سىز زوئۇلوگ بولسىڭىز كېرەل ،ئۇلارنىڭ زۇۋانىنى چۈشىنىدىغان....مەشرەپ شىركىتى ماددى تېخنىكىدا ‹‹شارپ››قا يېتەلمىسىمۇ مەنىۋى تاكتىكىدا ئۇنىڭدىن ئۈستۇن ئورۇندا تۇرىدىكەن .شارپلار بىزنى يېڭىۋالغان بولسا ئارقىدىنلا ئەرەپلەرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلاتتىكەن ،چۈنكى بۇ سۆزنى ئەرەپلەر قۇملۇقتا داپ چالغاندىن تارتىپ ئىشلىتىپ ئاخىرىدا قۇلىقى ئاغرىپ بىزگە‹‹ سەدىقە ئېھسان›› قىلىۋېتىپتىكەن.. سىزنىڭ ‹‹پەرمايىش›› گەپلىرىڭىز مېنىڭ ‹‹پەلەپەتىش ››گەپلىرىمگە يول قويمايدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرىمەن .شۇغىنىسى مېنىڭمۇ سىزنىڭ پەرمانىڭىزغا قول قويمايدىغانلىغىمنى بىلىپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،رەھمەت سىزنىڭ يازمىڭىزغا...              mousc!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85406
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 01:36:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2012-12-8 11:34 PM
ئۈسكىلى كەلگەن مۈڭگۈزىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ،ئۇلارم ...

سىز قارىغانداق ئەدەبىياتنى ياخشى ئۈگەنمىگەن ئوخشايسىز،بۇمۇ مەيلى،مېنىڭ ھايۋان دېگىنىمنى قەستەن بىلمەسكە سالدىڭىزمۇ ياكى راس بىلمەمسىز، بۇمۇ بىر ھەزىل تېپىشماق بوپ قالدى.ماڭا قاراڭ سىز ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيەنىڭ نىمە سەۋەپتىن يېگىلگنلىكىنى بىلمەي قالغان ئوخشايسىز، مەن سىزگە دەپ بىرەي ئەينى ۋاقىتتا ئامرىكىنىڭ ئىككى دانە ئاتوم بومبىسى بولمىغان بولسا، مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقانداق ئېينىشتىن خاتالىقى بولمىغان بولسا پاپونلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاسان يېڭىلمەيتى،نىمىشقا دېسىڭىز ئۇلاردا كۈچلۈك بولغان سامۇراي روھى بار ئىدى، ئۇلار پەقەت زىمىنىنى دەپ ئامالسىز تەسلىم شەرتنامىسىگە قول قويغان.
ئەمدى سەمىڭىزگە بىر سېلىپ قويسام مەن يا زوئولوگمۇ ئەمەس پەقەت بىر ئاددى ئوقۇغۇچى، بەلكىم ئادىمى ھايۋان دېگىنىڭىزمۇ توغرىدۇ!!! سىزنىڭ ئاخىرىدا دېگەن گەپلىرىڭىزنى مەن چۈشەنمىدىممۇ ياكى سىز جايلاپ دېيەلمىدڭىزمۇ ياكى سىز تاققۇ-تۇققۇ سۆزلەمسىز ئىشقىلىپ مەن چۈشەنمىدىم، شارپلارنىڭ بىزنى يېڭىۋىلىشى ئارقىدىن ئەرەپلەرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش،ئاندىن ئەرەپلەرنىڭ مات سۆزىنى بىزگە سەدىقە ئىھسان قىلىۋىتىشى بىلەن لوگىكىلىق جەھەتتىنمۇ بىرەر باغلىنىشنى تاپالمىدىم، بولسا تېرىككەن بولسىڭىزمۇ ماڭا دەپ بەرسىڭىز نىمە گەپ ئۇ.
    يەنە كېلىپ مەشرەپلەرنى مەنىۋى تاكتىكا جەھەتتىن يېڭىۋالدى دەپسىز، تاكتىكىمۇ مەنىۋەى ۋە ماددى دەپ بۆلۈنەمدىغاندۇ؟ بولسا مۇشۇ ئىككى ئۇقۇمنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز، سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولاتتىم.
    ئاندىن سىزنىڭ خەلقىڭىز سىزگە ياخشى ھوقۇق بېرىپتىكەن، داۋاملىق شۇ مۇقامغا ناخشىا توۋلاڭ، تىللاردا داستان بولىسىز.ئاخىرىدا مىنىڭ ماۋۇ لەقىمىمنى بىر توغرا يېزىپ قويسىڭىز، mousc ئەمەس mouse , ئەگەر ئېنگىلىزچە يازالمىسىڭىز ئۇيغۇرچە دانە-دانە قىلىپ چاشقان دېسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش