شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ قوڭى نېمانداق ئەتىۋارلىق قوڭدۇ ؟
گو گوسوڭ
بوزقىر تەرجىمىسى
«شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ قوڭىغا بىر پىچاق تىقىلدى »دېگەن خەۋەر تۈنۈگۈن « دېمىگراتىيە ۋە قانۇن-تۈزۈم گېزىتى »دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر قايسى مىكرو بىلوگلار ۋە ئىجتىمائىي خەۋەرلەر تور بېتىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.
خەۋەردىكى بايانلاردىن قارىغاندا ، ئاتالمىش شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى ۋافاڭدىيەن شەھرىنىڭ ئەسلىدىكى شەھەر باشلىقى ، ھازىرقى دالىيەن شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەي يوۋلىننىڭ رەپىقىسى زۇ دەننى كۆرسىتىدىكەن؛ «قوڭ ۋەقەسى»دە مۇنۇلار بايان قىلىنغان : شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمى تۇرىۋاتقان داچا رايونىدا قوشنىسى ئۆي زىننەتلەۋاتقان بولغاچقا شاۋقۇن ئاۋازى ۋە زىننەتلەش ماتېرىياللىرى ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزغان.شۇڭا، زۇ دەن بىلەن بىر نەچچە زىننەتچى ئۇستىلار ئوتتۇرىسىدا ماجرا يۈز بېرىپ ، سەت گەپلەرنى قىلىشىپ ئاغزىنى بۇزۇشۇپ تىللاشقان.بۇنىڭ بىلەن زۇ دەن زىننەتچى ئۇستىلارنىڭ زىننەت ماتىرياللىرىنى قوروغا ئېلىپ كىرىشىگە يول قويمىغان. ئاچچىقىغا پايلىمىغان زىننەتچى ئۇستىلار زۇ دەن خانىمنىڭ « ئوۋدى Q7» تىپلىق ماشىنىسىنى سىزىۋەتكەن ھەم مېۋە ئاقلايدىغان پىچاق بىلەن زۇ دەن خانىمنىڭ قوڭىغا تىقىۋەتكەن.
كىم بىلسۇن ، شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ قۇڭى قالتىس قىممەتلىك قوڭكەن ئەمەسمۇ ؟ يەرلىك ج خ ئورگىنى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دېلو تۇرغۇزۇپ،رازۋىتكا قىلىپ، بەش نەپەر دېلو سادىر قىلغۇچىنى تۇتۇپ سوراق قىلغان ھەم دېلو سادىر قىلغۇچىلار « قەستەن يارىلاندۇرۇش جىنايىتى» ، « مال-مۈلۈككە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن 1-سوتتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3 يىل 3ئاي ۋە 3يىل 6 ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى سىزىۋېتىشنى ھەم مېۋە ئاقلايدىغان پىچاقنى بىراۋلارنىڭ قوڭىغا تىقىۋېتىشنى ئەلبەتتە قانۇنسىز قىلمىش دېمەي بولمايدۇ. ھېلىغۇ شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ قوڭىكەن ئادەتتىكى پۇخرانىڭ قۇڭى بولسىمۇ پىچاق كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى ئېنىق. بۈگۈنكىدەك زامانىۋى جەمئىيەتتە پەن جىنلىيەن بىلەن شى مېنچىڭنىڭ مەسىلىسىنى كىمدە كىم قورالغا تايىنىپ ھەل قىلىمەن ، دەيدىكەن شۇ كىشى جەزمەن قانۇنىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئەلبەتتە.
ۋەھالەنكى، قانۇنمۇ «قىلمىشقا ئاساسەن جىنايەت بېكىتىش»نى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.يەنە كېلىپ قانۇننىڭ ھەققانىيلىقىنى قوغدايدىغان قانۇنىي تەرتىپ دەيدىغان بىر نەرسىمۇ بار.قانداقتۇر شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ قوڭى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېغىرلىتىپ جازالايدىغان ئىش بولسا قاراپ تۇرۇپ قانۇننىڭ يۈزىگە قارا سۈرتۈلگەنلىك بولۇپ قالمامدۇ؟
بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا جىنايەت بېكىتىشتە چوقۇم ئاۋال لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئوبىيېكتىپ، ئادىل، قانۇن تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇن بولغان ئەدلىيەلىك باھالاپ بېكىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، شۇ يەرلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ زۇ دەننىڭ يارىلىنىشىغا قارىتا ئېلىپ بارغان قانۇن دوختۇرلۇق جەھەتتىكى باھالاپ بېكىتىشى ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش بولۇپ قالغان.زۇ دەن يارىلىنىپ ئۇزىمايلا ج خ ئورگىنى «ۋاقىتلىق قانۇن دوختۇرلۇق جەھەتتىكى باھالاپ بېكىتىش»نى تاماملاپ ، «يېنىك زەخمە»دەپ يەكۈن چىقارغان بولسا 4ئايدىن كېيىن يەنە شۇ ئەسلىدىكى قانۇن دوختۇرى دېلو بېجۈرگۈچىلەر بىلەن شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ،زۇدەننىڭ زەخمىسىنى قايتا باھالاپ «ئېغىر زەخمە »دەپ يەكۈن چىقارغان.
«بەدەننىڭ يېنىك زەخمە ئۆلچىمى»دە بەدەندىكى زەخمە ئورنى 10سانتىمېتىرغا (كىچىك بالىلارنىڭ 8 سانتىمېتىر ) غايەتسەياكى ئومۇمىي زەخمە ئورنىنىڭ ئزۇنلۇقى جەمئىي 15سانتىمېتىر(كىچىك بالىلارنىڭ 12 سانتىمېتىر ) غا يېتىپ،نېرۋا،قان تومۇر ۋە مۇسكۇلنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر پەيدا قىلسا يېنىك زەخمە ئۆلچىمىگە توشۇدىغانلىقى؛زەخمە نېرۋا(باشقا مۇناسىۋەتلىك موھىم ئەزالار) نى كاردىن چىقىرىش دەرىجىسىگە بارغاندا ئېغىر زەخمە ئۆلچىمىگە توشۇدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بەلگۈلىمە بار .زۇ دەننىڭ زەخمىسى ئاران 8.5X0.1cm . «بەدەننىڭ يېنىك زەخمە ئۆلچىمى»گە ئاساسلانغاندا ،زۇدەننىڭ زەخمىسى يېنىك زەخمە ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدۇ.شۇڭا بۇ دېلو جىنايى ئىشلار دېلوسىغا ئەمەس ئاران ئامانلىق دېلوسىغا ياتىدۇ.
كىشىنى تېخىمۇ گۇمانغا سالىدىغىنى ، قانۇن دوختۇرى ۋە دېلو بېجىرگۈچىلەر شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىدە تىببىي ساھەدە زۆرۈر بولغان ھېچقانداق ئەسۋاپ-سايمانلارنى ئىشلەتمەيلا ئادەم نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان شۇنداق زىل مەسىلىدە ئۆز ئالدىغا قانۇن دوختۇرلۇق جەھەتتىكى باھالاپ بېكىتىشى نەتىجىسىنى چىقىرىشقان.مەخسۇس شەھەر باشلىقى خانىمى ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل قانۇن دوختۇرلۇق جەھەتتىكى باھالاپ بېكىتىشىنى قانداقمۇ قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن دېگىلى بولسۇن؟ بۇ ھەقتىكى يەكۈننى قانداقمۇ ھەققانىي يەكۈن دېگىلى بولسۇن ؟
يەنە كېلىپ جاۋاپكارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى زۇ دەننىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرىتلارغا چىققانلىقى ۋە ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ، تازا قايناق بازار بولىدىغان كوچىلاردا تارسىلداپ مېڭىپ ئوت چىقىرۋەتكەندىكى ھالىتىنى ئوغۇرلۇقچە رەسىمگە ۋە سىنغا ئېلىۋالغان.زۇ دەننىڭ بۇ ھالىتى قانۇن دوختۇرى باھالاپ بېكىتكەن «ئېغىر زەخمە» نىڭ ئەمەلىيىتىگە قانداقمۇ چۈشسۇن ؟
زۇ دەن خانىم سىزىۋېتىلگەن « ئوۋدى Q7»تىپلىق ماشىنىسىنى رېمنوت خانىغا ئاپىرىپ 4مىڭ 200يۇەن خەجلەپ ئەسلىگە ئەكەلگەن.بىراق ، قانۇندا كەلتۈرگەن زىينى 5000يۇەنگە يەتسە ئاندىن « مال-مۈلۈككە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى»نى بېكىتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بەلگۈلىمە بار.ئەمما، شۇ يەرلىك باھالاش ئورۇنلىرى شەھەر باشلىقىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قانۇنسىز ھالدا سىزىۋېتىلگەن « ئوۋدى Q7»تىپلىق ماشىنىنىڭ زىينىنى 6مىڭ يۇەن ، دەپ بېكىتىپ بەرگەن.
بىز بۇنىڭدىن ئادەتتىكى بىر ئامانلىق دېلوسىنىڭ كەينىدە بىر كۆرۈنمەس قولنىڭ توختىماي رېژىسورلۇق قىلىپ،تۆۋەن قاتلامدىكى بىر نەچچە پۇخرانى تۈرمىگە قامىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
مەسىلە بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىگىنى يوق.ئاخبارات تارماقلىرى زۇ دەن ئانا-بالىنىڭ 2005-يىلىلا كاناداغا كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى،ئېرى سەي ياۋلىن 2006-يىلى ۋافاڭدىيەن شەھرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىقىدىن شەھەر باشلىقلىقىغا ئۆسكەندىن كېيىن زۇدەننىڭ قايتىپ كېلىپ ، ئېرىنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا سودا بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ، 2010-يىلى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىلىق دەرىجىسى بىلەن ۋافاڭدىيەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارمىقىدىن پىنسىيە رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى.
مەركەز جۆرىسى ياكى پەرزەنىتلىرى ، يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ ، چەتئەلدە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەۋاتقان شارائىتتا سەي يوۋلىننىڭ مەنسىپى توختىماي ئۆسىۋەرگەن . تېخى يېقىندىلا دالىيەن شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا كۆتۈرۈلگەن.
بىر كىچىككىنە ئامانلىق دېلوسىدىن بىز ھوقۇقنىڭ ئاجىيىپ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى، قانۇننىڭ ھوقۇقدارلارنىڭ پۇخرالارغا زەربە بېرىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.بۇ ئىش يۈز بەرگەندە سەي يوۋلىن ۋافاڭدىيەن شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولمىسىمۇ ئەمما، دالىيەن شەھەرلىك سېياسىي-قانۇن تارماقلىرىنى ھەركەتلەندۈرۈشكە تامامەن قادىردۇر.بۇنىڭدىن قولىدا ھوقۇق كوزىرى بار بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قانۇندىن ئازراق بولسىمۇ تەپ تارىتمايدىغانلىقىنى ، قانۇننى توپ قىلىپ تېپىپ ئوينايدىغانلىقىنى، قولىدىكى ھوقۇقنىڭ قانۇندىنمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىشمىز تەس بولمىسا كېرەك، ئەتىمالىم.
http://guoguosong.blog.ifeng.com/article/21664959.html
----------------------------------------------------------------------
ئاپتور گوگوسوڭ «جەنۇب ئازنىلىقى »گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ،« 21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ ئالىي مۇخبىرى،«نەزەر شەرق ھەپتىلىكى »ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، «قانۇنچىلىق سەھەر گېزىتى»نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «جۇڭگو ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىر ياردەمچىسى بولغان.ھازىر «قانۇنچىلىق ئازنىسى»نىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى ، قوشۇمچە شەرقىي جۇڭگو سېياسىي-قانۇن ئۇنۋېرسىتېتى ئەدلىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-8 12:42 PM