مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tatlik920

مىنى كەچۈرەلەمسەن؟(ھىكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 04:49:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچتە ئوقۇي مەنمۇ ؟

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 05:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ دىلزات ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى باشلاندى ..كۈنلىرىم دۇكانغا بېرىش ،كەچلىكى دىلزات بىلەن پاراڭلىشىش ،قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى.
ئىككىلىمىز بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلشىمىزنىڭ بىر چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ لېكىن نېمىشقىدۇر يۈرەكلىرمىز بۇيرۇقلىرمىزغا بويسۇنمىغان ھالدا بىر-بىرىمىزنى ئىزدەيتى..
بۈگۈن ئۇلۇغ روزا ھېيىت ،ئەتىگەندىلا دىلزات تېلفۇن قىلىپ ھېيتىمنى موبارەكلىدى ،
كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى ،چۈنكى دىلزات بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ ئەڭ چوڭ سوغا خوشاللىق تاپشۇرۇپ ئالغاندەك بولدۇم ..چۈشكە يېقىن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى ..
‹دىلناز ،ماڭا ئۆيىڭىزنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىگە ،،؟›
‹نىمە بولدى ؟دىلزات ›
‹شۇ بىلۋالاي دەيمەن ،،بولمامدۇ ؟مېنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆيۈم بار ،،بىر يەردە ئەمەستۇ ؟›
ئۇنىڭغا ھىىچ ئويلانمايلا ئادرىسنى ئېنىق قىلىپ دەپ بەردىم ،،
مېھمانلار بىردىن كېلىشكە باشلىدى ،،كەلگەنلەرنى ئۇزۇتۇپ ھېرىپ ھالىم قالمىىدى ..
-‹دىڭ دوڭ ›ئىشىڭ قوڭغۇرقى ،،،ۋايجان كىمدۇ بۇ ؟
شۇنداق خوشياقمىغان ھالەتتە ئىشىكنى ئاچتىم ،،
-ياخشىمۇسىز ،،دىلناز خېنىمنىڭ ئۆيى مۇشۇمۇ ؟
ئىشىك ئالدىدا يوغان بىردەستە ھال ھەم كەم ئۇچرايدىغان كۆك رەڭلىك ئەتتىرگۈل كۆتۈرۋالغان بىر يىگىت تۇراتتى ..
-مەن شۇ ،،بۇ  ،،سىز كىم ؟
-مەن ‹ئاينۇرى ›گۈل دۇكىندىن بۇنى سىزگە بىر ئەپەندىم ئەۋەتكەن ،،ئىمزا قويۇپ بىرەمسىز ؟
ئاللا كىمدۇ بۇ ،،ۋاي توۋۋا ماڭىمۇ گۈل سوۋغا قىلدىغانلار بولدىكىنە ؟؟
تىڭىرقاش ھەم ھەيرانلىق ئىچىدە گۈلنى ئالدىم ..
ئۆيگە كىرسەم سىڭلىم دادام ئاپام بىر خىل نەزەردە قاراپ ئولتۇردۇ ..
-ۋوي  كىمدىن كەپتۇ بۇ گۈل ئەمدى ،،ھەدە ..
-بىلمىدىم ،،خاتا كەپ قالدىمۇ ،،دادامنىڭ سوئال نەزىرىدە قارشىدىن يەرگە كىرىپ كېتەي دىدىم ،مۇشۇ تاپ ‹يەرگە كىرەي دىسەم يەر قاتتىق ،ئاسمانغا چىقاي دىسەم ئاسمان يىراق ›بولۋاتاتتى
تۇيۇقسىز تېلفۇنۇم سايرىدى ..
دىلزاتكەن ،،-ۋەي ،،بىر خىل پەس ئاۋازدا تېلفۇننى ئالدىم ..
-ئەتىۋارىم ،،نىمە قىلۋاتسىز ؟‹يېقىندىن بىرى دىلزات مېنى شۇنداق دەپ ئاتايدىغان بولۋالدى ›
-شۇ ،ئۆيدە ...
-نېمە رەنجىپ قالدىڭىزمۇ ..گۈل يارىمىدىمۇ يە ؟
-ھە ..نېمە گۈل ،ئەسلى سىز؟؟
-شۇنداق ،،مېنىڭ ھېيتلىق سوۋغام ،،چىرايلىقمىكەن ،،ئۆتكەندە سىز مەن ھال ھەم كۆك رەڭلىك ئەتتىرگۈلنى ياخشى كۆرمەن دېگەن ..
-رەخمەت سىزگە ..
تېلفۇننى قويۋەتتىم ،،توغانسىز كۆز ياشلىرىم يەنە ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى ،،بۇنداق خوش بولۇپ باقمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بوپتىكەن ،،شۇنداق مۇشۇ تاپ مەن ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ..
بۈگۈندىن باشلاپ دىلزات تۇرمۇشۇمغا روخسەتلىك ھەم روخسەتسىز ھالەتتە كىرىشكە باشلىدى ..
ئاتۇشتىكى يېقىن دوستۇم رازىيەدىن ئۇنىڭ ناھايىتى باينىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئاتۇشتا ھەممە كىشىنىڭ ئۇنى ‹بايۋەتچە ›دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ھالى بەك چوڭ بولۇپ ئادەتتە قىزلار بىلەن ئالاقە قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى شۇنداق بولسىمۇ خېلى كۆپ قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشتەي ساقلاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم ..راسىت دېمىسىمۇ ئۇنىڭ مىجەزى بەك ئېغىر ئېدى ..ئادەتتە بىرەر ئىشقا ئالدىراپ خاپا بولغىننى بىلمەيتىم .ئەگەردە مەن تېلفۇن قىلمىسام ماڭا تېلفۇن قىلىپ قاقشايتى،،لېكىن يەنە چىدىماي ئۆزى قىلاتتى ..مەن بولسام ئۇنىڭغا زادى نىمە ئۈچۈن ئامراقلىق قىلمەن ،،ئۇنى خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن نىمە ئۈچۈن ئۇ ياقتۇرمىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنمەن ..نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ تېلفۇنىنى ساقلايمەن ،،ئۇنى سىغىنمەن ..مانا مۇشۇ نىمە ئۈچۈنلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئاۋارە ئېدىم .
ئۆز ئۆزۈمگە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالسام بولمايدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قىتىممۇ يۈز-تۇرانە كۆرشۈپ باقمىسام دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بىرەتتىميۇ لېكىن يەنىلا يۈركۈمنىڭ نىدالىرغا ئۈنسىز بوي سۇنغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىنتىلاتتىم ..
يازلار كەتتى ،،كۈزلەرمۇ ئاخىرلىشىپ سايە تاشلىغان دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى قۇرىدى ،،، تۇيۇقسىز ئۆزۈمدىكى بىنورماللىقنى سەزدىم ..بۇرنۇم تولا قانايدىغان ،،بىشىم ھەتتا ياتساممۇ قايىدىغان بولۋالدى ،،ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ بارا-بارا تاماقمۇ يىمەيدىغان بولدۇم ..
بۈگۈنمۇ شۇنداق روھسىز قوپتۇم ..دادام تۈركىيەدىن كەلمەكچى ئېدى ..دادامنى ئالغىلى ئايرۇپىلان ئىستانىسىغا مېڭىشقا تەييارلاندىم ..مېھمانخانا ئۆيىگە چىقىپ كۆڭلۈم ئاينىغاندەك بولدى ..
بۇرنۇم يەنە قانىدى ..بىشىمنىڭ بىر نەرسىگە قاتتىق تەگكەنلىكى ئاپامنىڭ ‹ۋاي بالام ‹ دېگەن ئاۋازى ئىسىمدە ..كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخاندا يىتىپتىمەن ..
-ئاپا ،،نىمە بولدۇم ..
-بالام بۇنداق بولغانغا قانچىلىك بولدى ؟
-بىر ئايچە ئاپا ..
-جىنىم بالام ،،نېمىگە ۋاقىتىدا دىمەيسىز ،،بىزنى نىمە بولسۇن دېدېڭىز ،،مېنىڭ 10بالام بارمىتى ،،قىزىم    .... ئاپامنىڭ يىغىسى مېنى ھەيران قالدۇردى ...
-سەن دېگىنە ،،نىمە بولدى ساقام ...سىڭلىمدىن سورىدىم ...
ئۇمۇ ئوخشاشلا يىغلاپ تۇردى ..
-دىمەمسىلەر ،،زادى نىمە بوپتىمەن ..ھامىنى بىلمەنغۇ ئاپا ...
تۇيۇقسىز دوختۇر كىردى ،ھەم ئاپاملارنى چىقىرۋەتتى ..
-قىزىم ..سىزدە ئاققان كىسلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلدى ..داۋالانمىسىڭىز بولمايدۇ ،،ئەڭ ياخشىسى يىلىك تەكشۈرۈپ ئامال بار تىز سۈرئەتتە يىلىك ئالماشتۇرشىمىز كىرەك ..سىزگە دېيشىمىزدىكى سەۋەپ بىزگە ماسلىشىشىڭىز كىرەك ..
يەنە نىملەرنى دىدى بىلمىدىم ...كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ..‹ئۇلۇغ خۇدا ..نىمە كۈن بۇ ،،نىمە دەۋاتىدۇ بۇ ئادەم ،،تۈنۈگۈنلا ساق ئادەم بىردەمدە راك بولدۇممۇ مەن ،،نىمە دەي ،،نىمنى قوبۇل قىلاي ‹
بۇ ھەقىقەت ئىدى ..ئاللاھدىن كەلسە ئامال يوق دەپ بەندە ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بىردىكەن ..ئۇلۇغ خۇدا دەرتنى بىردىكەنۇ يەنە ئۇنىڭغا چۈشلۇق سەۋىرنىمۇ ئاتا قىلدىكەن ..
دوختۇرخاندا بىر ئايچە ياتتىم ..ھىچ بىر يىلىك تىپلدىغاندەك ئەمەس ،،ئاۋال خۇدا ئاندىن بەندە دەپ ياتتىم ..دىلزاتتىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم ..چۈنكى ئۇنى ئازاپلاشقا ھەقلىق ئەمەسمەن ،،لېكىن ئۇ ئازاپلاندى ،،بۈگۈنمۇ تەكشۈرەشتىن چىقىپ تۇرساملا دىلزات تېلفۇن قىلدى ...
-ۋەي ..دىلناز بامۇ سەن ،،نىمانداق يوقاپ كېتىسەن ،،تېلفۇننى ئېلىپلا ئۇنىڭ قاقشىشىنى ئاڭلىدىم ..
-ياخشىمۇ ..شۇ سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ،،خاپا بولماڭ  ھە ..
-بۇرۇن ھەرقانچە ئالدىراش بولساڭمۇ نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلاتتىڭ ،،ئۇچۇر بولسىمۇ قايتۇراتتىڭ ھازىرچۇ ،،تېلفۇن قىلىش ئەمەس مەن ئۇرساممۇ ئالمايسەن ...نىمە بولدۇڭ ،،،مەن ئۈرۈمچىگە چىقىمەن ،،،
ئۇنىڭ كېلشىنى قانچىلىك كۈتكەنمەن ،،ئەمدى كېلمەن دىسە خوش بولۇش ئەمەس بەلكى ئازاپلاندىم ،،چۈنكى ئۇنىڭغا قانداقمۇ ‹مەن دوختۇرخاندا ،،ئاققان راكى بولۇپ قاپتىمەن ›دىيەلەيمەن ..
-دىلزات ..بىز ئەمدى ئىزدەشمەيلى ..قىز بالا بىلەن ئوغۇل بالا دوسىت بولالمايدۇ ،،بۇ ئەزەلدىن مۈمكىن ئەمەس ..ئىككىمىزنىڭ باشقىچە مۇناسىۋەتتە بولىشىمىز مۇمكىن ئەمەسقۇ ...
-نىمە دەۋەتسەن ھەي ،،ساقسەن ،،،مېنى نىمە قىلسۇن دەيسەن ..مېنىڭ سەن بىلەن شۇنداق ئاسان يوقاپ كېتىش نىيتىم بولسا نىمە قىلمەن ساڭابۇنچە قىلىپ ،،مېنى قانداق بالا كۆرۈپ قالدىڭ ،،
-ياق ،دىلزات خاتا چۈشنىپ قالدىڭىز ،،سىز بەرىبىر مېنى ياخشى كۆرمەيسىز ،،،ماڭا ئامراق خالاس ..  سىز تۇرمۇش قۇرشىڭىز كىرەكقۇ ئاخىر ..
-ساڭا كىم دىدى ھە ..سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرمەن بىلەمسەن ..مەن سىنى گەرچە كۆرمىسەممۇ بەك ياخشى كۆرمەن دىلناز ،،
-بەلكىم قىزىقىشىڭىز مۈمكىن ،،مەن سىزنىڭ مەھەللىلىكىڭىز بىلەن يۈرگەن بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ ..
-ۋاي خۇدا ..تاپقان بانارىڭنى قانداق قىلاي ئەمدى ..ھېلىغۇ يۈرۈپسەن ئابدۇللا سېنى ئېلىپ قويۋەتكەن بولسىمۇ ئاللا ئىشقىڭنى يۈركۈمگە سالسا ئالىمەن سېنى ..بىلەمسەن دىلناز ،،
-ئاتۇشلۇق سىرىتتىن قىز ئالمايدۇ ،،،بۇنى بىلمەن دىلزات ..
-ئابۇللا ئالمايدۇ ،،ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمە ،،بولدى بەس ،،دىلناز ئېشىپ كەتتى ...مەن كىمنى ياخشى كۆرمەن  ،،كىمنى ئالىمەن ئوبدان بىلمەن ..ساڭا دەپ قوياي سېنى ياخشى كۆرمەن تونۇشۇپ تا مۇشۇ كۈنگىچە سېنى ئالىمەن قىز دوستۇم دەپ بىلىپ كەلدىم ..ئۇلۇغ ئاللاھ ئاسانلىق بەرسە سېنى ئالغىنىم ئالغان ..چۈشەنمەيسەن مېنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت مەن ئابدۇللا ئەمەس بەلكى بايۋەتچە ،،،
تېلفۇننى قويۋەتتى ..يۈركۈم پىچاق تىققاندەك ئاغرىدى ..ئىتراپ قىلمەن دىلزاتنى مەن بەك ياخشى كۆرمەن ..شۇ تاپ ئازاپلىرىمنى بىر ئۆزەم بىر ياراتقان ئىگەم بىلىدۇ ...لېكىن ئامالسىزمەن ،،دۇنيادا سۆيۈپ سۆيۈلۈپ تۇرۇپ ئايرىلىشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كىرەك ..
مانا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمىغىنىمغا 20 كۈن بولدى ...قىينالدىم تىلفۇنلىرنى ئالمىدىم ..ئازاپلاندىم ئۇچۇرلىرنى جاۋاپسىز قالدۇردۇم ..سېغىندىم ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدىم .. بۇ ئارلىقتا ئۇ كەلدى ..ماڭا كۈندە نەچچە قېتىم ›جېنىم دىلناز بۇنداق قىلما ..مەن سېنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دىدىم ..مەن كېتىمەن پەقەت بىر قېتىم كۆرۈشكىن ،،سېنى ياخشى كۆرۈش ئەگەردە گۇناھ بولغان بولسا ئاللاھ جازالىسۇن ،،سەن جازالىما ...‹
ئۇھ ..جېنىم قىينالدى ...ئۆزۈم جېنىمدىن ياخشى كۆرگەن كىشىمنى ھەجەپ ئازاپلىدىم ،،،
مېنى كەچۈرەمسىز دىلزات ...سىز بىلەن بىر قېتىملا كۆرشۈپ قېلىشنى خالىمايمەن ،،مەڭگۈلۈك كۆرشسەم دەيمەن ...لېكىن قىلالمايمەن ...تەغدىرىم بۇنىڭغا يول قويمىدى ،،،
ئۇ كەتتى ،،ئۇ كەتكەن بۈگۈن مەن يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىدىن چىقتىم ..
كەچكە يېقىن ناركۇز قايتىپ ئەسلىمگە كەلدىم ..
دىلزاتقا شۇنچىلىك تېلفۇن قىلغۇم كەلدى ..لېكىن خىجىل بولدۇم ..
ئۇرايمۇ ئۇرمايمۇ دەپ ئولتۇرسام سىڭلىم يېنىمغا كەلدى ،،
-ھەدە ..ئىككىلەنمە ..دىلزات ئاكام ساراڭ بولاي دېدى ..سەن بىلمەيسەن ..سەن ئېغىر ياتقان كۈنلەردە مەن سېنىڭ كوت-كوتۇڭنى ئاچقان ..ئۇنىڭدىن بەك جىق خەت كەپتۇ ،،سېنى بەك ياخشى كۆردىكەن ..
-مېنىڭ دوختۇردا ئىكەنلىكىمنى دېمىگەنسەن ھە ؟؟
-ياق دېمىدىم ..لېكىن ئەمدى ئۇنى ئازاپلىما ،،ئوپراتسىيەمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى ...ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورا ..
توغرا ،،قەرىزدارمەن ئۇنىڭغا ئاللاھ خالىسا يىلىكنىڭ ماس كىلىپ يەكلىمىگەنلىكىگە جەزىم قىلغاندىلا ئۇنى ئىزدەيمەن ..
پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەسلىمگە كېلىشكە ئۇرۇنۋاتىمەن ...
مانا بۈگۈن رەسمىي ئورنۇمدىن قوپۇپ سىرىتقا چىقتىم ..قەھىرتان قىشلار كېتىپ چىرايلىق ياز كېلىشكە باشلاپتۇ ..شۇنچە ئۇزۇن يېتىپتىمەن ..بۇ جەرياندا قانچىلىك ئازاپلاندىم ..مەندىن بەكەرەك دىلزاتچۇ ..ئۇ مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ ..تېلفۇن قىلسام قانداق مۇئامىلدە بولار ...
نەچچە خىل خىيال بىلەن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىش ئۈچۈن يانفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم ...
                                      (داۋامى بار )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85683
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-10-3
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 05:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنىڭ جىڭىنى قىلسام ئاخىرى خەيرىلىك ئەمەستەك قىلىدۇ ، ئەسەرنى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇۋىتىپ تىما تۇيۇقسىز يادىمدىن كەچتى ،«مىنى كەچۈرەلەمسەن ؟» ؟  
ئۇنداق بولۇشىنى مەنلا ئەمەس  نۇرغۇن تورداشلار خالىمايدىغۇ دەيمەن ؟.......

سىنى ئەسلەپ تۇرىمەن ،گەرچە بىز ئەڭ تونۇش ھەم ئەڭ ناتونۇش بولساقمۇ !

教育不是无能的 也不是万能的

روھىڭنى تاۋلاپ ت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65257
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 05:32:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا شۇ ئاتۇشلۇقلارنىزە ......

ئوۋچىنىڭ قولىدا ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81025
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3119
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 06:03:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزلىپـتۇ   داۋامغا تەشنامىز ،تىزراق يوللاڭ بۇلامدۇۇۇۇۇۇۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87223
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1608
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 06:19:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراقلا يېزىپ يوللىماي ، ھەييييي، داۋامىنى قاچانغىچە كۈتەمىز ، باشقا قىسىملىك ھىكايىلەدەك يوقاپ كەتمىسۇن.
-ئاتۇشلۇق سىرتتىن قىز ئالمايدۇ، - نىمە دىگەن ئاددى ھەم جانلىق ئىپادىلەش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87982
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-12-2
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 06:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان يىرىگە  كەلگەندە تۈگەپ قالدى  ھەي  ، قىززىقىپ ئوقۇۋاتسام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6321
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 07:42:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجىمۇ قانچىلىكتۇ؟؟
راست گەپنى قىلسام مۇشۇ داۋامى بار دېگەن تېمىلارنى كۆپ ئوقىۋەتتىممۇ بىلمىدىم كۆپىنچە ئەھۋالدا بىر تېما بىلەن بىر تېمىنى ئارلاشتۇرۋىتىدىغان بولۇپ قالدىم،بەزەن تېمىلار تاشلىنىپ قالىدۇ دېسە؟!!!

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6295
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7498 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 08:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88136
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 08:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا  !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش