<قايسى بىر ئاتا قىلغانلىرىڭغا خوش بولۇپ يىغلاي تەغدىر ،قايسى بىربەرگەن قىسمەتلىرىڭگە ئىچىنىپ يىغلاي تەغدىر ،ۋاي بالام ئون گۈلۈڭنىڭ بىرسى ئىچلماي توزۇپ كەتكەن بالام ،تۇرمۇشنىڭ ھىچ خولىقىنى كۆرمىگەن بالام ،ئاناڭنى چىدايدۇ دىدىڭمۇ بالام ،داداڭنى چىدايدۇ دىدىڭمۇ بالام ،بىزنى نىمە كۈنلەرنى كۆرسۈن دىدىڭ بالام ..> مانا بۇ ئانامنىڭ يىغىسى ،شۇنداق ھەدەم شۇ يىقىلغانچە ئورنىدىن تۇرالمىدى ،بۇ قىسمەتلىك ھىكايىنىڭ ئاخىرنى مەن داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ كۈنى ھەدەم دىلزاتئاكامنىڭ ئالدىدىلا يىقىلدى ،شۇ ياتقانچە تۆت كۈن ئىغىر كىسەللەر بۆلۈمىدە ياتتى،پۇل ھەممە نەرسىگە قادىر ئەمەسكەن ،پۇل تۇرۇپمۇ بىز ھەدەمنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدۇق،دىلزات ئاكام ھەدەم بىلەن تەڭ تۈگەشتى ،ھەدەمنىڭ جاۋاپ قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ يىنىدىن بىردەممۇ ئايرىلماي گەپ قىلىپ ئولتۇراتتى .ئۇنىڭ بۇھالى ئاران تۇرغان بىزنى تىخىمۇ تۈگەشتۈرۋەتتى .شۇكۈنى ھەدەم كۆزىنى ئاچتى ، -نەرگىز ،داداملارقىنى ؟ -ھەدە،بار ئۇلار .. -دادا،ئاپا ،ھەدەم ھوشىغا كەلدى .. -جىنىم بالام ،قىزىم،، -ئاپا ،دادا مىنىڭدىن رازى بولۇڭلار ،مەن چۈش كۆردۈم چۈشۈمدە رەھمەتلىك موماملار مىنىڭ بۇندىن كىيىن ئۇلار بىلەن بىللە تۇردىغانلىقىمنى ئىيىتتى ، -جىنىم بالام ،بۇنداق دىمە ،يۈركۈمنى سۇغۇردۇڭ بالام ، -دىلزات قىنى ؟ -مانامەن ،،دىلناز .. -مىنى كەچۇرەمسىز،دىلزات ،سىزنى يوق سەۋدالارغا تاشلاپ قويدۇم ،بىللە تارتىشقا ھەرۋاقىت تەييارئىدىم ،پىشانەم ،تەغدىرىم يول قويمىدى ،، ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ئاستا يۇمۇلدى ،يۈركىنىڭ سوقىشىدىن دىرەك بىرىپ تۇردىغان ئاپاراتمۇ رەھىمسىزلەرچەبىر سىزاق بىلەن كۈچلۈك چىقىردى ، شۇنداق ھەدەمنىڭ ھاياتى تامام بولدى ،ئەجەل بىزنىڭ كۆزياشلىرمىزغا ،ھەدەمنىڭ تىخى ئىچىلمىغان غۇنچىلىرغا ،دىلزات ئاكام بىلەن بولغان موھەببىتىگە بويسۇنمىغان ئاساستا ئۇنى بىزدىن رەھىمسىزلەرچە ئايرىپ ئەكەتتى ،،ھەدەمنىڭ مىيتى چىققان شۇ كۈنى دىلزات ئاكام شۇنچىلىك يىغلىدىكىن ئەتراپتاتۇرغان كىشلەرنىمۇ يىغلاتتى ،، بىز يۈرەكلىرمىزنى سۇغۇرغاندەك قىلپ ھەدەمنى يەرلىكىگە قويۇپ ئۇنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزاتتۇق ،كىملەردىن قالمىغان دۇنيا بۇ ،ئۇلۇغ ئاللاھ بىر ئۆيدىن مىيىت چىقسا بۇلۇڭ بۇلۇڭلىردىن سەۋىربىرمەن دەپتىكەن ،بىزمۇ تەقدىرنىڭ بۇ رەھىمسىز قىسمەتلىرگە بوي سۇندۇق . دىلزات ئاكامغا قالدۇرۇپ كەتكىنى ھەدەمنىڭ بىر پارچە خىتى بولدى ،بۈگۈن ئەتىگەن مەن دىلزات ئاكامغا ھەدەمنىڭ خېتىنى بەردىم ،ئۇ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ: -بىلەمسىز نەرگىز مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ،چۈنكى دىلناز ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرغىچە سۆيگەن ئادىمى پەقەت مەن بولدۇم ،،دىدى ۋە ئۇ خەتنى ماڭا بەردى . ›سالام ،قەدىرلىك دىلزات ،سىز بۇ خەتنى قولىڭىزغا ئالغان ۋاقىتتا مەن بەلكىم ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولىمەن ،ھايات مىنى ئەركىلەتمىدى ،بۇ دۇنيادىكى كۈنلىرىمنىڭ ئاخىرلىشىشىغائەگىشپ مەنمۇ بارا-بارا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشنىڭ ۋەھىمىسگە كۆنۈپ قالدىم ،لىكىن كۆڭلۈمدە سىزگە دىيەلمىگەن نۇرغۇن گەپلىرىم بار ، سىزنى بەك ياخشى كۆرمەن ،قارمامسىز تەغدىرنىڭ بۇ چاقچىقىغا ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلۇردا سىزنىڭ ئوتىڭىزنى يۈركۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرغا سالدىيۇ لىكىن سىزگە مەنسۇپ قىلمىدى،سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم . چۈنكى بۇ ھاياتتاھامىنى سىزنى يىرىم يولدا تاشلاپ قويمەن ،ئۇنداق قىلىشقا ھەققىم يوق دىلزات .تەقدىرىم ئالدىدا سۆيگۈم گۇناھكار بولدى دىلزات ،سۆيگۈم ئالدىدائۆزۈم گۇناھكار بولدۇم ،قانداق قىلاي جىنىم ،پىشانىدىكى قىسمەتلەرنى كۆرمەي نىمە ئامال ،چۈنكى بىز بەندە ، سىزگە قەرىزدار بولۇپ قالدىم ،لىكىن سىزنى خۇددى سىزمىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەن ،خەيىر جېنىم ،ئامان بولۇڭ ،سىزگە ئىككى دۇنيالىق يار بولالىمىدىم ،ئەتىگەندە›خۇداغا ئامانەت‹دەپ ئۇزۇتۇپ ،كەچتە›ئاللاھقا شۈكرى ،سالامەت كەلدىڭىز‹دەپ كۈتۋالالمىدىم .مىنى كەچۈرەلەمسىز دىلزات ،،، سىزنى مەڭگۈ سۆيمەن ...دىلناز‹
خاتىمە ياغاچ ئوتقا دىدى:›مېنى باغرىڭغا باس !‹ئوت ئۇنى باغرىغا ئالدى. ياغاچ كۈلگىنچە كۈلگەئايلاندى ،ئوت يىغلىدى ،كۆز ياشلىرى ئۇنى ئۆچۈرۈپ قويدى . ياغاچ يالقۇنلۇقئوتقا كۆيۈپ قالغان چاغدىلا پىشانىسىگە كۆيۈپ كۈل بولۇش پۈتۈلگەن ئىدى .. دىلناز بۇ بارلىق ھەسرەتلىرنى قۇچاقلىغىنچە پانى دۇنيادىن باقى دۇنياغا كەتتى ،دىلزات دىلنازنىڭ ئۇنىڭغا بولغان موھەببىتىنى ھەم ئۆزىنىڭ دىلنازغا بولغان موھەببىتىنى يۈركىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرگىچە دەپنە قىلغۇنچە دىلناز ئىككىسىنىڭ موھەببىتىگە شاھىد بولغان بۇ يەردىن باشقا يەرلەرگە كەتتى ،،
تامام .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tatlik920 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-12 12:06 PM
|