uzumtal يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 10:07 PM
مەن ئاللاھنىڭ سۇپىتى ئۈستىدە قالايمىقان خىيال قىلۋا ...
ئاللاھقا شۈكرى، مەن بىلەن ئوخشاش پىكىر قىلدىغانلارمۇ بار ئىكەن!
مەنمۇ دەل سىزدەك ئويلاردا بولۇپ، كىيىن ئىسلام دىنى ھەم شۇ ھەقتە كۆپ ئىختىلاپ قىلغان، قىلىدىغانلارنىڭ، تەپپەككۈر چېكىدىن ھالقىپ پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ بىھۇدە كاللا ئۇپراتماسلىقى، ئاللاھقا، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن بىر مۇسۇلماننىڭ كۆپ خىياللاردا بولىشىنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ جاۋابىنى ھامان ئالەملەرنىڭ پەرۋەرىگارى بولغان، قۇدىرەتلىك، شېرىكى يوق، يىگانە رەببىمىز ئاللاھنىڭ بىردىغانلىقى تەكىتلەنگەن ھەدىس ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى بىلىشكە ئالدىراپ نىمە قىلاي، بۇ دۇنيادا ئاللاھقا يارىغۇدەك ئىش ئەمەل قىلىپ، ئۇ دۇنياغا يۈزۈم يورۇق، ئىمان بىلەن كەتسەم، چوقۇم مەن ئويلىغان شۇ تېگى يوق مۇرەككەپ مەسىللەرنىڭ جاۋابىنى ئىنىق بىلىمەنغۇ دەپ ئويلاپ ئۆزەمگە ھاي بېرىدىغان بولۇپ قالدىم!
ھازىر ئىمانىم سەل سۇسلاپ قالغۇدەك بولسا مۇنداق خىيال ئارقىلىق ئۆزەمنى تەڭشەيمەن!
«مەن» دەپ گەپ قىلىۋاتقان، پىكىر قىلىۋاتقان ئىچىمدىكى بۇ روھ، مەن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى تىنىمگە ھەمرا بولۇپ، «مەن» نى تەشكىل قىلىپ، مۇئەييەن ئورون ۋە نوپۇزدا، مۇئەييەن بىر شەكىل چىرايدا، جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭنىڭ كورلىدا...مۇنداق شارائىتتا ياشاۋاتىمەن! مەن ھەجەپ پەيغەمبەرلەر دەۋرىدە، ياكى نەچچە مىڭ يىل ياكى نەچچە يۇز يىل ئىلگىرى ياكى كىيىن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولماي ھەجەپ مۇشۇنداق بىر تەرەققى قىلغان دەۋىردە ياشاشقا نىسىپ بوپتىمەن، ھېلىمۇ قېرىنداش مىللەت ياكى يەھودى ياكى قارا تەنلىك ۋە ياكى بىر كالا يا قوي، بىر قۇرۇت بولۇپ يارتىلىپ قالماي، ھەر ھالدا ئىسلامنى بىلىدىغان، ئاللاھنى تونۇيدىغان ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇيغۇر مىللىتى بولۇپ، ئادەم بولۇپ يارىلىپتىمەن.....«مەن »دىن ئىبارەت بۇ ئىچىمدىكى سۆزلەۋاتقان، پىكىر قىلىۋاتقان بۇ روھ مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىكەن، دىمەك مۇشۇنداق ۋاقىتتا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە ئىرادە قىلغان ھەم شۇ روھلارنى كونتىرۇل قىلىپ تۇرىۋاتقان بىر قۇدىرەتلىك كۈچ بار. ئۆز دەرگاھىدىكى سانسىز روھلارنى خالىغان رەۋىشتە، خالىغان شەكىلدە، خالىغان مۇددەتتە يارىتىپ، يوق قىلىپ تۇرىۋاتقان بىر ئۇلۇغ كۈچ بار. بۇ كۈچ دەل ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، قىيامەت كۈنىنىڭ ئېگىسى شىرىكى يوق ئاللاھتۇر. دىمەك ئۇ زات بىزنى بىكار ياراتقىنى يوق، مۇشۇنداق ياخشى دەۋىدە بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت! شۇڭا مىنى ياراتقان قۇدىرەتلىك رەببىم «مەندىن ئىبارەت» بۇ روھنى ئۆز دەرگاھىغا قايتۇرۇپ ئەكەتكىچە چوقۇم شۇ ئۇلۇغ زات رازى بولغۇدەك ياشاپ، رەببىمنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشىپ ئاندىن قايتىشىم كېرەك......................ۋاھاكازالار.... دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ھەممە ئادەم "مەن" دەپ تەپپەككۈر قىلىدۇ!
دىمەكچى بولغانلىرىمنى بەك ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمەي قالدىم، بىراق سىز چوقۇم چۈشىنەلەيسىز! چۈنكى سىزمۇ نۇرمال تەپپەككۈر چېكىدىن ھالقىپ پىكىر قىلغۇچى ئەمەسمۇ !
ھە راسىت، سەھەردە قۇرئان كەرىمنىڭ 12- پارىسىنى ئوقۇشقا باشلىغىنىمدا مۇنۇ ئايەت كۆزۈمگە چېلىقتى : ...كائىناتنى يارىتىشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى، ئاللاھ كائىناتنى ئالتە كۈندە ياراتتى... ئالدىمدا قۇرئان كەرىم بولمىغاچقا ئېسىمدە قالغىنىنى يازدىم.
قۇرئان كەرىمنى ھەر قېتىم ئوقۇسام يېڭىدىن ئوقۇۋاتقاندەكلا تۇيغۇدا بولىمەن! پىكىر قىلىپ، قېتىرقىنىپ ئوقۇمىغان ئوخشايمەن! ئەمدى باشلىشىمدا ئاللاھ نىسىپ قىلسا قولۇمغا بىر قەلەم بىر خاتىرە ئىلىۋىلىپ ئوقۇيمەن!
سىزدىن كۆپىرەك تەلىم ئالسامكەن دەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 01:11 PM