nurjula يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 01:06 PM
مەن دەپ گەپ قىلىۋاتقان، پىكىر قىلىۋاتقان ئىچىمدىكى بۇ روھ
توۋا مەنمۇ دەل سىزگە ئوخشاش خىيال قىلىمەن. «مەن» دەيمىز،«مەن» زادى جىسمىمنىڭ نەرىدە؟ «مېنىڭ مېڭەم، مېنىڭ يۈرۈكۈم، مېنىڭ قۇلۇم» ...دىيەلەيمىز، بۇنىڭدىن «مەن» نىڭ مىنىڭ جىسمىمنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، يەنى جىسمىمنىڭ روھى ئىكەنلىكىنى كۆۈۋېلىش تەس ئەمەس. ماتىريالىستلانىڭ «روھ مەۋجۇت ئەمەس» دىگەنلىرىگە ۋاي!
ئەگەر ماتىريالىتلارنىڭ قارىشى بويىچە «مەن» مېڭىدە بولسا، يەنى پۈتكۈل ئىشلارنى مېڭە كونتىرول قىلسا ،مېڭە نېمە ئۈچۈن «مەن» گە مەنسۈپ بولىدۇ؟نىمىشقا «مېڭەمنىڭ مېڭىسى»«مېڭەمنىڭ يۈرىكى» ...دېمەيمىز؟ئېنىقكى «مەن» مېڭەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتكۈل جىسمىمنى كونتىرول قىلىدۇ، «مەن» دىن ئايرىلغان، يەنى روھىمدىن ئايرىلغان جىسمىم، جەسەتتۇر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 3D-MOVIE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-14 04:08 AM