مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئالماس1

ئاچچىق ئەسلىمە(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88584
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 07:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۆھرە2005-يىلى ئالىي مەكتەپكە بىرىپ ئادىل بىلەن تۇنۇشقان،زۆھرە ئۇنچەگۈزەل بولمىسىمۇ شۇنداق شوخ،خۇشچاقچاق،ئوماق،سەمىمىي،ئاقكۈڭۈل،تىرىشچان،چىقىشقاق قىز بولغاچقا سىنىپتىكى ھەممەيلەن ئۇنڭغا شۇنداق ئامرق ئىدى.ئادىلمۇ كىلىشكەن،ئىگىز بوي،قاڭشارلىق،تىرىشچان، ئەخلاقلىق يىگىت ئىدى. ئىككىسى گەرچەبىر شەھەردىن بولسمۇ بۇندىن بۇرۇن كۈرۈشۇپمۇ باقمىغان ،تەغدىرنىڭ ئۇرانلاشتۇرىشى بىلەن بىر مەكتەپكە ئۈتۈپ تۇنۇشۇپ يىقىن دوسلاردىن بۇلۇپ قالدى،تەتىلدە بىللە ئۆيگەقايتىپ ،بىللە مەكتەپكە يىنىپ كىلەتتى،زۆھرە ئادىلنى ئۆز ئاكىسىدەكلا كۆرەتتى.ئادىلمۇ زۆھرەگە شۇنداق كۈڭۈل بۆلەتتى.ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن زۆھرەگە خەت يازمىسا پەقەتلا ئۇخلىيالمايتى.شۇنداق قىلىپ ئادىل ئۆزىنىڭ زۆھرەنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى سىزىپتۇ ،ھەتتا ئۇنى كۆرمىسە تاماقمۇ يىگۈسى كەلمەيدىغان ،ئۆگۈنۈشمۇ  خوشياقماس بۇلۇپ قاپتۇ.زۆھرەنىڭ دوسلىرى  دائىم ئۇنىڭغا ئادىلنىڭ  چوقۇم ساڭا كۆڭلى بار ،سەن بىلمەمسەن،سەن تاماق يىگەندىمۇ ساڭا قاراپ ئولتۇردىكەن دىسە زۆھرە چاقچاق قىلماقلار ئۇ دىگەن مىنىڭ ئاكام نەدىكى گەپلەرنى دەيدىكەنسىلەر دەپتۇ. كۈنلەرنىڭ كەينىدىن كۈنلەر ئۆتۈپ بىر يىل ۋاقىتمۇ تۇشۇپ  قالاي دەپتۇ،زۆھرە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلۋاتقان مەزگىلدە ئۇنى يوقىرى سىنىپتىكى ئوغۇللار ئىزدەپ ئۇنىڭغا ھىلى تاماق يەپ كىلەيلى دىسە،ھىلى كىنۇ كۈرۈپ كىلەيلى دەپ ئۇنىڭغا ئارامچىلىق بەرمەپتۇ،لىكىن زۆھرە باشتىن ئاخىر ئۇلارنىڭ تەلۋىنى رەت قىپتۇ،لىكىن ئۇلار ئۇنى دائىم ئارامچىلىق بەرمەيدىكەن،ھەتتا دەرىس ئاڭلايدىغان سىنىپقىمۇ ،كەچلىك مۇزاكىرە قىلدىغان سىنىپقىچە ئۇنى ئىزدەپ چىقىدىكەن،ئاخشاملىرى تولا تىلىغۇن قىلىپ،تىلغۇننى ئالمىسا ئۇچۇرقىلىپ ئۇنى شۇنداقمۇ بىزار قىلىپتۇ،شۇنىڭ تەسىردىنمۇ ئۇ مەۋسۇملۇك ئىمتىھاندا ئاغرىپ قىلىپ ئىمتاھاننى ياخشى بىرەلمەپتۇ.لىكىن ئادىل ئۇنىڭغا تەسەللىي ۋە مەدەت بىرىپتۇ.ئىمتاھان ئاخىرلىشىپ ئۇلار يەنە ئۆيگە قايتىپتۇ،ھەش-پەش دىگۈچەۋاقىت تۇشۇپ يەنە مەكتەپ قوينىغا قايتىپتۇ.زۆھرەگە نىسبەتەن بۇ تەتىل شۇنداق تىز تۇشۇپ كەتكەندەك ،ئەمما ئادىلغا بىر يىلدەك ئۆتۈپتۇ .ئادىل بۇ تەتىلدە تەتىلدىن كىيىن كۆڭلىدىكى گەپنى زۆھرە دىيىشنى قارار قىلىپ ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكىنى خەتكە يىزىپ تەييارلاپ قويغان ئىكەن،مەكتەپكە بارغاندىن كىيىنلا ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ «جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن »دەپتۇ. زۆھرە ھەيرانلىق بىلەن ئادىلنىڭ كەينىدىن قاراپ بىرئاز تۇرغاندىن كىيىن «ساراڭ»دەپ كۈلۈپ ياتىقىغا كىرىپ دوسلىرى بىلەن  كۈرۈشۇپ، پاراڭلاشقاچ نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ ئادىلنىڭ خىتىنى ياتاقتا ئەڭ يىقىن ئۆتىدىغان دوستى گۈلزار بىلەن بىللە ئوقۇپتۇ،زۆھرە خەتنى ئوقۇپ بۇلۇپلا دۇم يىتىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ،دوسلىرى ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بىرىشنى ئۇقالماي «ئاداش ئۇنداق قىلمىغىن ،ئىشلارنى ئۆزمەيلىگە قۇيىۋەتكىن،ئۈزۈڭگە بىسىم قىلۋالمىغىن.»شۇ كۈندىن باشلاپ زۆھرە ئادىلغا قارىماس بۇلۇۋاپتۇ،شۇتەرىقىدە بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىپتۇ،زۆھرە يالغۇز مەكتەپ ھويلىسىدىكى باغچىنى ئايلىنىۋىتىپ ئادىلنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ،ئۇنىڭ ساقاللىرى ئۆسكەن،چاچلىرى مايلاشقان ھالەتتە بۇلۇپ تولىمۇ بىچارە كۈرۈنەتتى.ئۇ زۆھرەنى كۈرۈپ :«زۆھرە ،سىنى شۇنداق سىغىندىم ،مىنى قۇبۇل قىلمىساڭمۇ مەيلى ،مەن بىلەن بۇرۇنكىدەك ئۆتىۋەرگىن بولامدۇ؟ مەن ھىچ بىلمىدىم ئەجا بىرسىنى ياخشى  كۈرۈپ قىلىش گۇناھما؟يەنە بىر ئىش ھىچ كاللامدىن ئۆتمىدى،سەن نىمىشقا ماڭا بۇنچىلىك ئۆچلىق قىلسەن؟ماڭا قارار كۈزۇڭمۇ يوق؟»دىگەنچە ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ ساپتۇ،زۆھرە ئەزەلدىن  چوپچوڭ ئۇغۇل بالىنىڭ  يىغلىغىننى كورمىگەچكە ئادىلغا شۇنداق ئىچى ئاغرىپ ئۇنى بېرېپ قۇچاقلاپتۇ ھەم  زۆھرەمۇ تەڭ يىغلاپتۇ،ئۇ ئادىلغا:سەنمۇ بىلسەن مەن سىنى ئۆز ئاكامغا ئوخشاش ياخشى كۆرمەن،سەن ماڭا تۇيۇقسىزلا قىز دوستۇڭ بۇلۇش تەلۋىنى قويساڭ مەن قانداق قىلمەن،مىنىڭمۇ ھىچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ،مەن مۇھەببەتتىن دوسلىقنى ئەلا بىلمەن ،سىنىڭ مەڭڭۈ ياخشى دوستۇم بۇلۇشىڭنىلا ئۈمۇت قىلمەن،ئەگەر سەن مەڭا ياخشى ياشاشقا ۋەدە بەرسەڭ مەن يەنە ئويلىشىپ كۆرەي»دەپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئىككىسى يەنە يارىشىپ قاپتۇ،ھەر كۈنى بىللە تاماق يەپ،بىللە مۇزاكىرە قىلىپ ئۆتىدىكەن،ئەمما ئادىلنىڭ ھەم باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئاللىقاچان مۇھەببەتلىشىپ بولدى دەپ قارايدىكەن،لىكىن زۆھرە بولسا ھەممىسى ۋاقىتلىق،ئۇ بىركۈنى ھەممىنى چۈشەنسە بۇ ئىشلارمۇ تۈزلىپ كىتىدۇ دەيدىكەن.كىم بىلسۇن ئۇنىڭ بۇ ئەخمىقانە ئىچ ئاغرىتىشى ئۆز بىشىغا بالا بولدىغانلىقىنى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاشۇ مۇناسىۋەتتە ئۆتىۋىرىپتۇ،ئارام كۈنلىرى بىللە ساياھەت قىلىپ،باغچىلاردا ئويناپ -كۈلۈپ ناھايىتى خوشال ئۆتۈپتۇ،زۆھرەمۇ بارغانچە ئادىلغا كۈنۈپ قاپتۇ،بۇرۇنقى مۇستەقىل ئىش قىلىشتن پۇتۇنلەي ئادىلغا تايىندىغان،ئۇ بولمىسا تاماققىمۇ چىقالمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ،ئادىل بىلەن بىللە بولسىلا ئۆزىنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدىغان .ئۇنىڭ گىپىنى يىرمايدىغان غەلىتىلا بىرقىزغا ئايلىنىپ قاپتۇ.دوسلىرى بىلەنمۇ  قارى يوق،پەقەت ئادىل بولسىلا بولدىغان بۇپتۇ.ئادىلمۇ   ئۆزىنى ناھايىتى خوشال،بەخىتلىك ھىس قىلدىكەن،ھىت-بايرام ،تۇغۇلغان كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە زۆھرەگە ئالاھىدە سوۋغات تەييارلاپ ئۇنى خوشال قىلدىكەن،مۇشۇ تەرىقىدە ئالىي مەكتەپنىمۇ پۇتكۇزۇشكە نەچچە ئايلا ۋاقىت قاپتۇ.زۆھرە بىلەن ئادىل مەكتەپ بۇيىچە 5يىل ئۇدا ئۇقۇش مۇكاپات ئىلىپ ئۇقۇغاچقا .مەكتەپ ئۇلارنى ئېلىپ قالدىغان بۇپتۇ،بۇنىڭدىن ئۇلار ناھايىتتى خوشال بۇلۇشۇپتۇ،چۇنكى ئۇلار ئىككىمىز  بىرگە بولسىاقلا نەدە  تۇرساق بولىۋىردۇ دىيىشىپتۇ.شۇنداق قىلىپ گۈزەل مەكتەپ تۇرمىشى ئاخىرلىشىپ مۇرەككەپ،رىقابەت كەسكىن بولغان جەميەتكە قەدەم قۇيۇپتۇ.باشغا ھەممەيلەن يۇرىتلىرىغا ياكى باشقا يۇرىتلارغا بىرىپ  خىزمەت تىپىىپ ئىشلەشكە باشلاپتۇ،زۆھرە بىلەن ئادىلمۇ ئۆزخىزمەتلىرىگە چۇشۇش ئۈچۈن يۇرتىغا بىرىپ ئاتا-ئانا ئۇرۇق -تۇققانلىرى بىلەن دىدارلىشىپ يەنە خىزمەت ئورنىغا بىرىپتۇ.خىزمەت ھەقىقەتەن جاپالىق ھەم شەرەپلىك،جاپادىن قورىقسا بۇ دۇنيادا ياشىمىسا بولىدۇ،راسنى ئېيىتقاندا زۆھرەگە خىزمەت بەكلا ئېغىر كەلدى،ئاتا-ئانىسىنى،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى شۇنداق سىغىندى،بەزىدە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتەتتى،ئۇنداق چاغلاردا خىزمەتداشلىرى تەسىللىي بىرەتتى،ئۇنىڭغا چىدىشىنى،بۇ كۈنلەرنىڭمۇ ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقنى ،تىخىمۇ قەيسەر بۇلۇشنى ئيىتاتتى.شۇنداق قىلىپ  يېرىم يىل ۋاقىتمۇ ئۆتۈپ كەتتى.ئادىل زۆھرەگە تەتىل ۋاقىتتىن پايدىلنىپ توي قىلىشنى ئېيىتتى.زۆھرە ئاۋۋال  ئۆيدىكلەرگە مەسلىھەت سېلىپ باقاي ئاندىن جاۋابىنى بىرەي دىدى ،راسنى  ئېيىتقاندا زۆھرە ئادىلنىڭ توي قىلايلى دىگىندىن ناھايىتى خوشال بولغان ،ھەم شۇنداق بەك ماقۇل دىگۈسى بار ئىدى ،لىكىن خىجىل بۇلۇپ ئۆيدىكلەرگە دەپ باقاي دەپ قويغان گىپى ئىدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87999
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-12-2
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 07:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muslima416 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-15 07:10 PM
ئاللا     ، تېزرەك يوللاڭچۇ، بەك ساقلاپ كەتتۇق.

تىزراك يوللاڭە بەك ياخشى باشلىنىپـۇ،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86874
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 07:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بارمۇ ،تۈگىدىمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87951
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-12-1
ئاخىرقى: 2013-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 07:47:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا تولىمۇ ئىنتىزار بولدۇم  تېزرەك يوللاڭە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88588
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 10:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن

خۇشاللېقنې  ئۇز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30144
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4160
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 10:45:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپلا داۋامى با؟

ئاقىۋىتىنى ئويلىغانلار ھەرگىزمۇ قەھرىمان بولالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 10:52:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاخىرى يوق ، ھېكايە بولغاندىن كېيىن ئىيتىپتۇ ، قىلىپتۇ ، بىرىپتۇ ،دەپتۇ دىمەي ئىيتاتتى ، قىلاتتى ، بىرەتتى ، دەيتى دەپ يازمامسىز ، ئۇنداق دىسىڭىز بىزگە چۆچەك ئوقۇپ بەرگەندەكلا تۇرىدىكەن .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6187
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 576 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 10:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 11:26:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي .............. نىمانداق ئاخىرى يوق ھىكايلەر كوپويۇپ قالدى
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 11:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي .............. نىمانداق ئاخىرى يوق ھىكايلەر كوپويۇپ قالدى
.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش