مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئالماس1

ئاچچىق ئەسلىمە(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72127
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2011-12-27
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 11:38:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87717
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:21:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي مۇشۇ (داۋامى بار)ناملىق ھىكايىلەردىن خۇيمۇ زىرىكتىم ، داۋامى چىقىپ بولغۇچە يۇيۋىتىدىكەن.  يا ئاخىرىنى  كۆرگىلى بولمىغان................

مايمۇن بولسىمۇ سۆيگۇ نىڭ چىرايلىق
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88584
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:26:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۆھرە بىلەن ئادىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا بىلەتتى ،شۇڭا زۆھرە ئېغىز ئېچىشى بىلەنلا ئانىسى :«بالام خاتىرجەم بولغىن ،سىنىڭ تۇيۇڭنىڭ  تەييارلىقىنى مەن ئاللىقاچان پۈتكۈزۈپ قويغان .قىزىم سىزلا بەخىتلىك بولسىڭىز بىز شۇنىڭغا رازى»دەپ زۆھرەنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ قويدى.دادىسى :«زۆھرە سىنى كىچىكىڭدىن بەك ئەكە چوڭ قىلىپ قويغان گۇناھ ئۈزۈمدە ،لىكىن سەن بەك قەيسەر ،غورورلوق قىز بولدۇڭ،بەزىدە سەندىن راسلا بەك ئەنسىرەپ كىتىمەن ،سەن كىچىكىڭدىن ئائىلە ،ئاتا-ئانا مىھرىگە قانمىدىڭ ،بىز سەندىن رازى قىزىم ،ئاللا ئىگەم بەختىڭنى بەرسۇن ،مەرتىۋەڭنى ئۈستۈن قىلسۇن »دىگەنچە قىزىنى باغرىغا باستى .زۆھرە:جىنىم دادا،جىنىم ئانا مىنى كەچۇرۇڭلار ،سىلەرگە ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزەلمىدىم ،ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىل »دىدى يىغلاپ تۇرۇپ .
شۇنداق قىلىپ توي تەييارلىقى باشلاندى ،ئەلچىلەر كىرىپ ،داسخانلار تاشلىنىپ ،توينى 8-ئاينىڭ 15-كۇنى قىلدىغان بۇلۇپ كىلىشتى .
يەنە 2 كۈندىن كىيىن زۆھرەنىڭ تويى ،ئۇ ھەم خوشال ھەم شۇنداق جىددىلەشكەن ئىدى .ئۇنىڭ دوسلىرى تەييارلىقى باشلانغاندىن  تارتىپ بىرسى كەتسە بىرسى كىلىپ باشتىن -ئاخىرغىچە ياخشى قارىشىپ بەردى .توي كۆينەكنى ئادىل ئۆزى بىر قوللۇق ئەڭ يىڭى پاسۇندىكى كۆينەكتىن بىرنى سىتۋىلىپ زۆھرەگە سوۋغا قىلدى .زۆھرەنىڭ دوسلىرى زۆھرەگە ھەم ھەۋەس ھەم ھەسەت قىلىشتى .«ۋاھ ،قالتىس جۇمۇ ،18مىڭ سومغا توي كۆينەك ئېلىپ سوۋغا قىلىش راسلا ئاسان ئەمەس جۇمۇ ،زۆھرە راسلا بەك بەخىتلىك جۇمۇ سەن »دىيىشتى قىزلار .مۇشۇ بىر ئاخشامدىن كىيىنلا توي ،زۆھرە ئەمدى يىتىشىغا تىلغۇنى سايرىدى .«ۋەي »نازۇك ئەمما شۇنچىلك يىقىملىق ئاۋاز بىلەن تىلغۇننى ئالدى .تىلغۇن قىلغان ئادىل ئىدى،«جانىم بۇگۇن تاڭ ئاتسىلا سەن مىنىڭ ئايالىم بولسەن ،بىلەمسەن مەن بەك خوشال ،مەن  دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەممەن ،سىنى سۆيىمەن ،سەنچۇ ؟خوشالمۇ؟»
-«ھەئە ،بەك خوشال ،مەنمۇ بەك بەخىتلىك ،بالدۇر ئارام ئېلىڭ قەدىرلىگىم،خوش»دىدى تاتلىق تەلەپپۇزدا زۆھرە .
-خوش جانىم سەنمۇ ياخشى دەم ئالغىن .
زۆھرە ئادىلنىڭ سۆزىنى ئويلاپ تولا ئۆرۈلۈپ  مىڭ تەسلىكتە ئاران ئۇخلىيالىدى .ئۇ بىر چۇش كۆردى .چۈشىدە ئۇ ئاپئاق توي كۆينىكى كىيۋالغان ،ئەمما بەدىننىڭ ھەممە يىرى قىپقىزىل قانغا بويالغان ھالدا كىمدىندۇر بىرسىدىن قېچىۋاتاتتى ،ئەتراپ قاپپاراڭغۇ ،ئۇ يىقلاتتى يەنە تۇرۇپ قاچاتتى،توختىماي ئالدىغا قاراپ يۈگۈرەتتى.ئۇ ۋارقىرىغانچە چۈشىدىن ئويغىنىپ كەتتى .پۇتۇن بەدىنى چىلىق-چىلىق قار تەرگە چۈمۇپ كەتكەن ئىدى.گۈلزار ئۇنىڭ تەرىنى سۈرۈتكەچ :«ئاداش قارا بىسىپ قالدىما سىنى ؟»دەپ سورىدى .
-«ھەئە، قارا بىسىپ قاپتۇ ،بەك قورقۇپ كەتتىم ئاداش ،ھىلمۇ چۈشۇمكەن ،سائەت نەچچە بولدى ؟»
-«5كە 10مىنۇت قاپتۇ .»
-«ھە،ئەمسە تۇرايلى ،ئۇلار كەلگۈچە تەييارلىقىمىزنى قىلىپ تۇرايلى،نىكاھ ئۇقۇلۇپ بولسا ئاندىن گىرىم قىلدۇرغىلى بارمىز .»
شۇنداق قىلىپ سائەت 7لەردە ئۇغۇل تەرەپتىكلەر كىلىپ ،نىكاھ ئوقۇلۇپ زۆھرە بىلەن ئادىلنىڭ ئەر-خۇتۇن بولغانلىقى جاكارلاندى .زۆھرە دوسلىرى بىلەن گىرىمخانىغا چاپتى .زۆھرە بىردەمدىلا ئاپئاق توي كۆينىكىنى كىيىپ ،گىرىم قىلىپ خۇددى ئاققۇغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى .ئۇ بۇگۈن راسلا بەك گۈزەل بۇلۇپ كەتكەن ئىدى ،كىملا كۆرسە ئۇنى «كىلىنچەك بەك چىرايلىقكەن» دىيىشەتتى .زۆھرە ئۆيدىكلەر بىلەن خاتىرە سۆرەتكە چۈشۈپ تۇرشىغا ناغرا،داقا-دۇمباقنى ياڭرىتىپ تويچىلارمۇ يىتىپ كەلدى .ئادىل قىپقىزىل بىر دەستە ئەتىر گۈلنى كۆتۈرگەن پېتى كىرىپ پەرىزاتى زۆھرەگە سۇندى .يىگىت-قىز ئاتا-ئانىسىنىڭ نەسەھەتىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى بىر قول مىلليچە ئۇسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلىندى ،بۇ توي راسلا بەك قىزىدى ،ھەممەيلەن شۇنداق خوشال ئكككى تەرەپ قۇدىلارمۇ شۇنداق رازى .شۇ تەرىقىدە بۇ كۈنمۇ ئاخىرلاشتى .ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ياندۇرغا ،قىز كۆرسىتىش چېيى،تۇققان چىيى دەپ بىر ھەپتە ئۆتتى ،ھەممەيلەن شۇنداق چارچىغان ئىدى .ئۇلارنىڭ تەتىل ۋاقتىمۇ تۇشۇپ قالغان ئىدى ،شۇڭا ئادىل زۆھرەنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى ،ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ:«ئادىلجان بالام زۆھرە قىزىمنى سىزگە تاپشۇردۇم ،ياخشى ئۆتۈپ كىتىڭلا ،زۆھرەنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزمىغايسىز ،ئېغىر-يىنىكىنى كۆتۈرۈپ چىرايلىق ئۆتۈپ كىتىڭلا ،.اللا بەختىڭلانى بەرسۇن »دىدى .ئادىل قىيىن ئاتا -ئانىسىغا ۋەدىلەنى بىرىپ زۆھرەنى ئېلىپ خىزمەت ئورنىغا قايىتتى .ئۇلارنىڭ تۇرمىشى شۇنداق ئالدىراشچىلىق ئېچىدە ئۆتمەكتە ،زۆھرە ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايتى ،چۇشتە،كەچتە تاماق ئېتىپ ،ئۆي تازلاپ ،كىر يۇيۇپ ھالل قالمايتى .ئادىل بولسا ئوغاتمىغىچە قوپمايتى ،زۆھرە ئۇنى يالۋۇرۇپ دىگۈدەك ئاران قوپقۇزاتتى.لىكىن ئۇ ۋايسىمايتى .لىكىن ئادىلغا نىمە بولدىكىن بىكار يەردىن پۇتاق چىقرىپ ئۇ نىمە يوق،بۇ نىمە يوق ،قۇيۇپ قويغان يىرىدە تۇرمايدۇ ،سەن ئىلمان خۇتۇن،ئىشىڭ ئاينىمايدۇ دەپ ھەر كۈنى دىگۈدەك كايىپلا يۈرەتتى .زۆھرە تۈز جاۋاپ بەرسىمۇ ئۇنى ۋارقىردىڭ،يوغانچىلىق قىلدىڭ دەپ بىكاردىن قارلايتى .
بۈگۈنمۇ ئەنە شۇنداق .زۆھرە شۇ ئولتۇرغانچە ئىشقىمۇ بارماي ئولتۇرۇپ ئۇزۇنغىچە ياش تۆكتى، زارلاندى ،ئاھ ئۇردى،ئۆز خاتالىقى ھەققىدە ئويلاندى،ئانىسىغا تىلغۇننى ئۇرۇپ ئىچىدىكى دەتنى ئېيتقۇسى كەلدى ئەممە ئانىسىنىڭ ئەنسىرەپ قىلشىدىن قورقۇپ قىلمىدى،دوسلىرىنى ئەسلىدى ،ئۇلار ھەممىسى ئالدىراش دەپ ئۇلاردىنمۇ ئۈمۈت ئۈزدى .ئۇ قولدىكى تىلغۇنغا :ھەممىنى قىلغان سەن،مىنىڭ بارلىق خاتالىقىم مۇشۇ تىلغۇندىن باشلانغان دىگەنچە تىلغۇننى يەرگە كۈچەپ ئېتىپ چىقىۋەتتى.ئۇ ئاشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن تاماقمۇ يىمەي كەچ كىرگۈچە ئولتۇردى.ئۆيگە قايىتقىسىمۇ يوق،ئۆيگە بارمىسا نەگە بارسۇن ؟بۇ شەھەردە نە ئاتا-ئانىسى ،نە ئۇرۇق -تۇققىنى بولسۇن ؟دوسلىرىدىن نەچچىسى بار لىكىن يولدىشى بارلارنىڭ ئۆيىگە نىمە دەپمۇ بارا؟ئاخىر يەنە چىشىنى-چىشىغا چىشلەپ ئۆيگە قايتىش قارارىغا كەلدى .ئۇ بەدىلى تاتمىغان ھالدا سومكىدىن ئاچقۇچنى ئالدى .

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:46:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داۋامىنى تىزراق يىزىڭە  ئادەمنى تەقەززا قىلماي ...

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88584
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:15:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچقۇچنى ئەمدى ئىشىككە سىلىشىغا ئىشىك جاققىدە قىلىپ ئچىلىپ ئالدىدا ئادىل ھىجىيىپ تۇراتتى.زۆھرە شۇنداق قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن ئىدى .ئادىلنىڭ سەت ھىجىيىشى ئۇنىڭغا تىخىمۇ سۈرلۈك تۈس بەردى .
ئادىل :«ھە خىنىم بۈگۈن ئىشقا بارماي نەگە باردۇق ؟تىلغۇنۇڭمۇ ئېتىككەن.ئاچچىقىڭ ياندىمۇ ؟بىلمەن مەن ئەسكى ،خاپا بولمىغىن ھە جىنىم ،»دەپ يالۋۇرغاندەك قىلاتتى .زۆھرە تىخىمۇ بەك ھەيران قالدى ،ئۇ ئادىلنىڭ ئەسلىدىنلا بىر قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە ئىكەنلىكىنى ،بۇرۇندىن زۆھرەنى ئالداپ كەلگەنلىكىنى بىلدى .زۆھرە ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلماستىن كىيملىرىنى يەڭگۈشلەپ  تاماققا تۇتۇش قىلدى .ئادىل كىرىسلوغا يۆلەنگنچە زۆھرەنىڭ ھەر-بىر ئىش ھەركىتىنى كۆزتۈپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز زۆھرەنىڭ قولدىكى تەخسە چۈشۈپ كىتىپ چېقىلدى .ئادىل:«ۋۇ نا كەستى پالاكەت خۇتۇن ،خۇتۇن كىشنىڭ نىيتى دۇرۇس بولمىسا ئىشىمۇ دۇرۇس بولماس دەپتىكەن»دىگنچە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى .زۆھرە يىغلىغانچە تەخسە پارچىللىرىنى تەردى تىرىۋىتىپ قولنى تىلۋەتتى ،قولىنى تىڭىپ بۇلۇپ ئۆزى يالغۇز كۆز يىشى قىلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىدى،قاچا-قۇمۇچنى يىغىشتۇرۋىتىپ ،ھۇجرىغا كىرىپ ئادىلنىڭ بايام دىگەن سۆزىنى ئويلىدى ،تۇيۇقسىز ئېشىك ئېچلىپ ئادىل مەس ھالدا كىرىپ كەلدى ھەم :«زۆھرە قىنى سەن ؟تامىقىڭ تىىخى پىشمىدىما ؟سەندەك پەس خۇتۇننى ئېلىپ نىمە قىلاتتىم ؟ماڭە ئۆيدىن چىقە رەسۋا ،ئەتىگەندن كەچكىچە نەگە باردىڭ ؟ئىشقىمۇ بارمىساڭ ،ئۆيگىمۇ كەلمىسەڭ ئاشناڭنىڭ يىنىغا بىرىپ سەن -دە،ئېيتە دىگۈنچە زۆھرەنىڭ چىچىدىن سۆرىدى .زۆھرە :«ۋايجان ،قۇيىۋىتىڭ،ئادەمگە ئۇنداق قار چاپلىماڭ »
-«نىمە ؟ئۆتە نىرى قانجۇق »دەپ زۆھرەنى ئېتتۇردى ،تەپتى زۆھرە چىدىيالماي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا سىرىتقا قاراپ يۈگۈردى .ئادىلمۇ «:توختا !يەنە نەگە بارسەن ؟تۇتىۋالدىغان بولسام تېرەڭنى تەتىر سويمەن رەسۋا »
زۆھرە شۇنچە كۈچەپ يۈگۇرگەن بولسمۇ ئادىل يەنىلا ئۇنى تۇتىۋالدى ،ھەم قاتتىق بىر تەستەك سالدى .زۆھرە يەرگە يىقلىپ چۇشتى .ئادىل بولسا زۆھرەنى تىپەتتى ئاغزىنى بۇزۇپ ئۇنى ھاقارەتلەيتى .خورلىققا ،ھاقارەتكە چىدىمىغان زۆھرە ئورنىدىن تۇرۇپ بار كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ تۆت كوچا ئاغزىغا كەلدى ماشىنلار ئۇچقاندەك ئۆتمەكتە ،ئارقىسىدىن ئادىل قوغلاپ كەلدى ،ئۇ تۇتۇلۇپ قىلشىدىن قورقۇپ ماشنىغمۇ قارماي ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى .يولدىن ئۈتۈپ بولاي دىيشىگە يۈك باسقان بىر ماشنا كىلىپ زۆھرەنى سوقىۋەتتى ،زۆھرە قانغا
مىنەلگەن ھالدا ياتاتتى                                                                                   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88584
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:18:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش :
دوسلانىڭ ئىملا خاتىلىقى بار يەرلەرنى تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ،قىممەتلىك پىكىر -تەلەپلەرنى بىرىشىنى سورايمەن .رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88584
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:22:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتىم يار بەرمىگەچ   كۆپچىلىكنى ساقلىتىپ قويدۇم ، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن ھەم سەمىمي كەچۈرۈم سورايمەن .

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2537
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2664 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:29:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگدىما؟

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:31:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىما ؟

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88584
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:35:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازسام بۇ ئەسەر بەلكى ئاخىرلاشماش،ئاساسلىق شەخىس يوق ،شۇڭا ئەمدى يازسام بەك مەنىسىز بىلنىپ قالدۇ  ،شۇڭا مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇردۇم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش