lawa0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 06:01 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
مەن 2008_يىلىدىكى تومۇزد ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
مەن بۇ تېمىنى يوللاش ئۈچۈن 3-4 ئاي تەييارلىق قىلدىم. 15-20 مىنۇتتا كۆرۈپ تۈگەتكەن بىلەن بۇنچە نەرسىنى يىغىپ، توپلاپ، رەتلەش ئاسان ئەمەس ئىكەن. بۇنى پەقەت بىلگەنلەر بىلىدۇ.
ئىنكاسىڭىزدىن بەكمۇ خوشال بولدۇم. سىزدەك يازالايدىغان كىشىلەر يازىدىكەن. قەدرىنى بىلىدىغانلار يېزىلغانلىرىنى يۈرەكلىرىدە تۇشۇپ، سۆيگىسىنى ئاشۇنداق ئەجىر قىلىپ گۈزەل ۋە ئۆلمەس ئەسەرلەر ھالىتىگە كەلتۈرىدىكەن. مېنىڭ قولۇمدىن بىر ئىشلار كەلمىگەن بولسىمۇ نامسىز كىشىلىرىمىزنىڭ ئەجرى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر ۋە ھەقىقى كۆرۈنۈشلىرىنى بىر يۇتۇم سۇ بولۇپ مىللىتىمىزنىڭ تەشنا دەردىگە دەرمان بولۇپ قالار دەپ يوللايدىكەنمىز .
شىئىرىڭىزنىڭ قالغان قىسمىنى يوللاۋىرىڭ. زادى مېنىڭمۇ داۋامىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى. سوراپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مېنىڭ ھەرقانداق تېمامانى ھەرقانداق كىشى ۋە كىشىلەر، مۇنبەرلەر پايدىلىنىش ئۈچۈن قوللانسا مەن خوشال بولىمەن. چۈنكى تېمىلىرىمنىڭ پايدىلىق يەرلىرى بولسا مېنىڭ ئۈچۈن شەرەپ.