ümütqilimen يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 10:03 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
مەن بۇ تېمىنى يوللاش ئۈچۈن 3- ...
سىزنىڭ سەمىمى ئىزلىنىشىڭىزنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۆز دەۋرى سەلكىن مۇنبىرىدە‹‹ئوتقاش››ئىسمىدا تورداشلار بىلەن ھەمنەپەس بولغان
‹‹ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر چۇقان-!!!››
ناملىق شېئىرىمنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم.....
ئۇيغۇر-!!! دەپ ‹‹ئۇيغۇر*››مۇ كەستى بېشىنى،
كۆرەش-!!!دەپ قان بەردى قاينام ئۆركىشى*.
ئىپپىت-!!!دەپ نۇزۇگۇم ئوتلاردا كۆيدى،
مەرىپەت-!!!دەپ تەۋپىق مەشئەلدەك ياندى،
ۋادەرىخ-!!!ھەممىسى بىز ئۈچۈن ئىدى....
تارىخ-!!!دەپ جۆيلىدۇق كۈلداندا ئۆلدۇق،
پىغان-!!!دەپ ھۇۋلىدۇق پىنھاندا كۈلدۇق.
پۇرسەت-!!!دەپ ياشلىقتا ‹‹شىركەيپ››سۈردۇق،
ھەقىقەت-!!!دەپ پۇلدا سەل يۇۋاشلىدۇق.....
ئەۋلاتلىق-!!! بىزدىكى شۈنچىلىكمىدى............
شۈكرى-!!! مۇشۇ ئەسىر تېخى مۇشۇ كۈنلەرگە،
مۆجىزە-!!!شۆھرەت مۇتەللىپ ئىلىم كۆكىدە.
ئىپتىخار-!!!ئەركىىن سىدىقتەك كەشىپ ئەھلىگە،
ئەپسۇس -!!!بىز نەدە؟ ئالىملار غەمدە.........
ئاھ-!!! غەمنىڭ جەھتىدىن ھاردۇق چىقمىدى.
پەخىرلەن -!!!ئالىمدىن دىدىۇق ھەممىمىز،
شەيتان-!!! داپ چالسا يەنە ئۇسۇلغا چۈشىمىز.
خەتەرلىك-!!! يامرىدى بىزدە ئاق-ئەيدىز،
بەس-!!! زادى كىملەرنىڭ يولىنى تۇتىمىز،
يەش -!!! سىرنى سۆزىمىز چوڭچىلىقمىدى....
مانا بۇ تولۇق نۇسخىسى ئىدى، سىزنىڭ بۇ تىمىڭىز ئارقىلىق ھەممىسى ئېسىمگە چۈشتى سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم.
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن
2008.3