|
|
|
|
سېنى ئۇنتالمىدىم
ئاللىبۇرۇن چۈشۈشتىن توختاپ،ئاياقلىرىم ئاستىدا خۇددى نالىگە ئوخشاش غىچ- غىچ ئاۋاز چىقىرىپ ياتقان يۇمشاق قارغا دەسسەپ مېڭىپ يەنە سېنى ئەسلىدىم.... بىلمىدىم سەن مېنىڭ ھايات سېمفونىيەمگە مەڭگۈلۈك قوشۋىتىلىگەن تىتىرەك، مۇڭلۇق، ئىزگۈ بىر كۈيمۇ؟... قۇلاق تۈۋىمدىن نېرى كەتمەيدىغان، مەن زەن سالماقچى بولغاندا ئۇدارلىرىنى پەرىق ئېتەلمەيدىغان....
مۇشۇ ۋادىنىڭ ياپيېشىل پەيتىلىرىدە بىز قالدۇرغان ئىزلار ئاپپاق قارلار ئاستىدىن كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولدى، قەھ- قەھ ئۇرۇپ جاراڭلىغان كۈلكىلەر قۇلاقلرىمىغا ئۇرۇلغاندەك بولدى.... بىز چىققان تاغلار ئارا ئاۋازىمىزنىڭ ئەكسى ئاڭلاندى.....مەن بىلىمەن، ئېھتىمال بۇلار يادىڭدا ۋە بەلكىم ئانچە ئېتبارىڭغا ئالمايدىغانسەن. چۈنكى ئوخشاش بىر ئىشنىڭ ئوخشىمغان ئىككى ئادەمگە قالدۇرغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. سەن بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ چاغ قەلىب ۋارىقىمغا ئۆچمەس سۈرەتتەك سىزىلىپ كەتتى. بەلكى بۇ سۈرەت ئۆچمەيلا قالماستىن بارا- بارا رەڭلىنىپ پۈتۈن ئوي- خىيالىمنى ئەسىر قىلدى. سەن پەرۋاسىز يۈرگەن مۇشۇ دەمدە سېنىڭ ئۈچۈن ئۇھسىنىۋاتقانلىقمنى ئېھتىمال بىلمەيسەن.
بەزى چاغلاردا ئەسلىمنىڭ قاتلىرىدىن چىقالماي سىقىلغانلىرىمدا سىلكىنىپ- سىلكىنىپ تۇرۇپ كەتكۈم كېلىدۇ. ئىچكى دۇنيارىمنى، ھىس تۇيغۇمنى بىر مەزگىل بىھۇشلاندۇرۇپ، خارامۇش بولىۋالغۇم، كۆز ئالدىمكى نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانغۇم، ئەتراپمىدىكى ئاشىق كۆزلەرنىڭ سۆيگۈ- مۇھەببىتىدىن بەھىر ئالغۇم كېلىدۇ، مۇشۇ ئارقىلىق يۈرىكىمدىكى سىقىلىشنى، ھەسرەتنى بىر ئاز بولسىمۇ ئۇنتۇغۇم كېلىدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلالمايمەن. قارار قىلساممۇ ئىختىيارىم ئەمەس، چۈنكى، خىيالىمدا كۆزلىرىڭنىڭ دەھشەتلىك سورىقى ھامان مېنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ياق- ياق، ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ مۇھاببىتىگىمۇ، ئۆز ھىسياتىمغىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماسلىقىم كېرەك. بۇمۇ چوڭ سەۋەپ ئەمەس... مېنى ئەڭ ھودۇقتۇردىغىنى خىيالىمدىكى سېنىڭ كۆزلىرىڭ، سېنىڭ سوراقلىرىڭ، بەزىدە سەندىن مىننەتتار بۇلۇپمۇ قالىمەن. قىيداش، ئۈمدىسزلىنىش، سەۋىرسىزلىك بىلەن ئويلانمايلا باسماقچى بولغان قەدىمىم سەن ئېسىمگە كېلىش بىلەن دەررۇ توختايدۇ-دە، دەرھال ئۆزۈمگە قايتىمەن...
بەزى چاغلاردا ئۆزۈمدىن سورىغۇم كېلدۇ: سەن مېنىڭ ھەر مىنۇت- سىكونىت ئەستىن چىقارماي مۇشۇنداق سەۋدايىلارچە ئەسلىشىمگە ئەرزىمسەن؟ يەنە سەندىن قايتىلاپ سورىغۇم كېلىدۇ: سەن مېنىڭ ئەسلىشىمگە ئەرزىمسەن؟
دوسىتلىرىمدىن، قۇرداشلىرىمدىن ئاڭلىدىم: ئۆزلىرىگە قانچىلىغان يىگىتلەرنىڭ تەكلىپ قويغىنىنى، ئۇلارنىڭ ھەربىر بىرلىرىنىڭ قانداق ياخشلىقىنى، ئۇلارغا شۇنداق ياخشلىق قىلغانكى، شۇنداق قوغلاشقانكى......ھەممىسى شۇنچىلىك ئېنىق ئېسىدە ئىكەن. مەن ئويلىنىپ قالدىم: مېنى بۇ ئۆمرۈمدە سەندىن باشقا بىرەرسى قوغلىشىپ باقمىغانمىدۇ؟ كۆڭۈل ئىزھار قىلمىغانمىدۇ؟ ئېھتىمال قىلدى، ئاشىقى بىقارار، دىۋانە كۆزلەر.... ئەمما بۇلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا نېمە ئېتىبارى بولدى. بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇشمۇ بىھاجەت. مەن ھەتتا بۇلارنى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنتۇپ كەتكەن. سۆيگۈ- مۇھابىتتىنى پەقەت بىرىگىلا ئاتىغان كىشى ئۈچۈن رەت قىلىنغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات ئۇلارنى دەل ۋاقتىدا ئۇنتۇپ كېتىش، بۇنداق بولغاندا بۇنىڭ ئازابى قىسقا بولىدۇ. رەت قىلىنغۇچىغا يەنە بەدەل تۆلىتىشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى پەقەت سېنىڭ تەكلىپىڭ- سېنىڭ سۆيگۈ تەكلىپىڭلا...
ئەمما بىر نەرسىنى بىلەلمىدىم. ئەڭ ئۇنتۇپ كېتىشىكە تېگىشلىكى ئېھتىمال سەن بۇلۇشۇڭ مۇمكىن. ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمىدىم. سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ساڭا ئەڭ مۇناسىۋەتسىز كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئويلىماقچى بولدۇم. ئەمما بۇ ھاياتتا ساڭا مۇناسىۋەتىسىز ھېچقانداق كۆڭۈللۈك ئىش، كۆڭۈللۈك ئەسلىمە يوقكەن. كۆڭۈل خاھىشم ئۆز ئىلىكىمدە ئەمەس. بۇ دەملەردە يەنە ساڭا بولغان شۇ غىرىبانە سۆيگۈم ئۆز ھارارىتى بىلەن ئاستا- ئاستا سەن تامان پەرۋاز قىلماقتا. سېنىڭ بىر كۈنلەردە خۇددى ئۇزاققا سۇزۇلغان قاراڭغۇ كېچە ئاخىرلىشىپ، سۈھبى بىلەن كۆتۈرلگەن تاڭ شامىلىدەك، ئۇپۇق سەتھىسىنى سۆيگۈبىلەن باغاشلىغان قىپقىزىل شەپەقتەك قەلىب ئاسمىنىمدا پارلاپ، بۇ غەمناك قەلبىمنى، ياق پۈتۈن ئالىمىمنى نۇرغا تولدۇرشۇڭنى يەنە ئارمان قىلىپ قالدىم. ... ئىشلار داۋاملىق مانا مۇشۇنداق.... مەيلى قانداقلا قىلماي مەن سېنى ئۇنتالمىدىم.....
مەنبە: مەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-17 02:40 PM
|
|
|
|
|
|